يۈكسەل بلوگى

  • ھازىر زىيارەت قىلىۋاتقىنىڭىز يۈكسەل بلوگىنىڭ كونا نەشىرى ( يېڭى تېما يوق ) ، يۈكسەل بلوگىنىڭ يېڭى نەشىرىنى مۇنۇ مەنزىللەر ئارقىلىق زىيارەت قىلغايسىز :
    http://www.yukselblog.cn/
    http://www.yukselblog.com /

     

    يۈكسەل بلوگىنىڭ ئىخلاسمەن ئوقۇرمەنلىرىگە :

    ئالدى بىلەن سىزنىڭ ئۇزۇندىن بېرى يۈكسەل بلوگىنى ئىزچىل قوللاپ قۇۋۋەتلەپ كەلگەنلىكىڭىزگە چىن قەلبىمىزدىن تەشەككۈر ئېيتىمىز! قوللىشىڭىز ۋە مەدىتىڭىز بولغاچقىلا بىزدە يۈكسەل بلوگىنى داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇرۇش ، يۈكسەلدۈرۈش ئىرادىسى تۇغۇلدى.

    يۈكسەل بلوگىنىڭ نەشىر قىلىنغانلىقىغا 1 يىلمۇ توشىمىغان (9 ئاي ) ئۇشبۇ كۈنلەردە، زىيارەت مىقدارىنىڭ 100 مىڭ قېتىملىك چوڭ ئۆتكەلنى ھالقىپ ئۆتكەنلىكىنى قۇتلۇقلاش، ئوقۇرمەنلىرىمىزگە تېخىمۇ ياخشى بلوگ زىيارىتى شارائىتى ھازىرلاش ئۈچۈن ، ئىلگىرىكى بلوگ سۇپىلىرىغا تايىنىش ھالىتىمىزنى ئۆزگەرتىپ، مۇستەقىل بوشلۇق ئېلىپ، ئۆز ئالدىمىزغا مۇستەقىل بلوگ نەشىر قىلىش يولىغا قەدەم قويۇش نىيىتىدە، يۈكسەل بلوگىنىڭ يېڭى نەشىرىنى ( PJBLOG ) ئېلان قىلدۇق.

    كۆپچىلىكنىڭ داۋاملىق ( يۈكسەل بلوگ كوم ) www.yukselblog.com (  ) تور ئادرېسى ۋە يېڭىدىن ئىلتىماس قىلىنغان ( يۈكسەل بلوگ سى ئىن ) http://yukselblog.cn/ تور ئادرېسى ئارقىلىق يۈكسەل بلوگىنى زىيارەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

    بلوگباس سۇپىسىدىكى يازمىلىرىمىزنى يېڭى بلوگقا تولۇق يۆتكەپ بولغۇچە بولغان ئارىلىق مەزگىلدە بلوگباستىكى ئادرېسىمىز يەنى  yuksel.blogbus.com داۋاملىق كۈچكە ئىگە ( ئەمما، يېڭى تېما يوللانمايدۇ. پەقەت كونا يازمىلارنى ئوقۇشقا بولىدۇ ). يېڭى تېمىلار داۋاملىق يۈكسەل بلوگنىڭ يېڭى نەشىرىدە ئېلان قىلىنىدۇ. ۋاقىپلىنىپ قالغايسىزلەر!

    ئاخىرىدا يۈكسەل بلوگىنىڭ يېڭى نەشىرىنى تەييارلاشتا بارلىق كۈچى بىلەن ھەمدەمدە بولغان قېرىندىشىمىز تەدبىركارغا سەمىمىي رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز!

    كامالىي ئېھترام بىلەن

    يۈكسەل بلوگى

    http://yukselblog.cn/

  • ئۈمىد چوڭ ، تىلەك ھەم ئەلقەم يۈكسەلدىن،

    ياش چاغدا ئۆتكەي دەپ نى - نى ئۆتكەلدىن.

    شىجائەت ئېتىغا مىنگىن ئەي ئوغلان،

     ئەجىرسىز تەييار ئاش يوقتۇر ئەزەلدىن.

  • ئۆتمۈشنى ئەسلەپ، كەلگۈسىگە نەزەر تاشلاش ، باسقان ئىزلىرىمىزنى خاتىرلەپ، يېڭى مەنزىللەرنى نىشانلاش ئۈچۈن << يۈكسەل بلوگى >> نىڭ 2008 - يىلىغا قايتا نەزەر سېلىپ، ئۆتكەن بىر يىلدىن قىسقىچە خۇلاسە چىقىرىپ قويۇشنى مۇۋاپىق كۆردۇق.
  • ئوباما ئەلباشلىققا سايلانماي تۇرۇپلا خەلقئارا ئىشلاردا ئۇنى - بۇنى دېيىشكە ، ئۆزىنىڭ مەيدانىنى شەرھىيلەشكە كۆنۈپ قالغان ئىدى. ۋە شۇ ئادىتى بويىچە تېخى يېقىندىلا ھېندىستاندا يۈز بەرگەن << بومباي تېرورلۇقى >> غا نىسبەتەن بىرىنچى ۋاقىتتىلا ئۆزىنىڭ كەسكىن مەيدانى ۋە ئۆزگىچە قارىشىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە نامايەن قىلغان ئىدى. خۇش ، ئۇنداقتا ئۇ بۇ قېتىم نېمە ۋەجىدىن تۇمشۇقىنى ئىچىگە تىقىۋالىدۇ ؟

  • بېلەت سانى ۋە نامزات كۆرسىتىلىش قېتىم سانىنى قوشۇپ ستاتىستىكىلاش ئارقىلىق تۆۋەندىكى 10 بلوگنى << ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگ ( 2008 ) بولۇشقا مۇۋاپىق ئىكەن ، دەپ قارىدۇق.
  • سادىر بولغان بارلىق ئىشلارنىڭ ئىرادە ئەتكۈچىسى قادىر ئىگىمىزنىڭ تەقدىر - خاھىشى بىرلە پېقىرنىڭ ئانىسى پانى ئالەمدىن باقى ئالەمگە سەپەر قىلىپ، مۇسىبەتلىك بولۇپ قالغانلىقىم ئۈچۈن يېقىنقى مەزگىل ئىچىدە يېڭى يازما - تېما يوللاپ بلوگ يېڭىلاشقا ئىمكانسىز بولۇپ قالدىم. شۇ ۋەجىدىن
  • ئامېرىكا << خەۋەر ھەپتىلىكى ژۇرنىلى ( Newsweek ) >> تۈنۈگۈن يەنى 12 - ئاينىڭ 20 - كۈنى دۇنيادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق 50 كىشىنى باھالاپ رەتكە تۇرغۇزۇپ چىققان بولۇپ، مەزكۇر دۇنيادىكى 50 نوپۇزلۇق كىشىنىڭ ئىچىدە ئامېرىكىنىڭ يېڭى سايلانغان ئەلباشى قارا ئۆڭلىك ئوباما 1 - ئورۇننى، جۇڭگونىڭ ئەلباشى خۇ جىنتاۋ 2 - ئورۇننى ، 3 - ئورۇننى فىرانسىيىنىڭ ئەلباشى ساركوزى تۇتقان. تۆۋەندە بىزگە تونۇشلۇق بولغان شەخىسلەرنىڭ قاتارى بېرىلدى.

  • ئەسكەرتىش: يۈكسەل بلوگدا ئۇلىنىش قىلىنغان كۆپ قىسىم بلوگلارنىڭ ئۇلىنىشى يۈكسەل بلوگى باش بېتىدىن ئۆچۈرۈلىدۇ ( ئىنتايىن ئاز ساندىكى بىز بىلەن ئۇزۇنغىچە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان تور بەت ۋە بلوگلارنىڭ ئۇلىنىشى ساقلاپ قېلىنىدۇ ). ئۆچۈرلگەن بارلىق بلوگ ئۇلىنىشلىرى بىز يېڭى ئاچقان << رىشتە ئۇلىنىشلىرى >> بېتىگە قوشۇلىدۇ.
  • يۈكسەل بلوگى تەشكىللىگەن << ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگ ( 2008 ) >> نى باھالاش پائالىيىتىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى يەنى كۆرسىتىلگەن نامزات بلوگلارغا بېلەت تاشلاش باسقۇچى پىلان بويىچە بۈگۈن يەنى 12 - ئاينىڭ 20 - كۈنى سائەت 24 تە تولۇق ئاخىرلاشتى . بۇ جەرياندا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ جەمئىي 1760 پارچە بېلەت تاشلاندى.. ..
  • 12 - ئاينىڭ 17 - كۈنى ئۈرۈمچى 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي ھەيئەتلەر 7 - يىغىنى يېپىلدى. يىغىندا << ئۈرۈمچى شەھىرى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش نىزامى >> ( تۆۋەندە << نىزام >> دەپ ئېلىنىدۇ ) ماقۇللانغان بولۇپ، مەزكۇر نىزامدا ئۈرۈمچى شەھرىدە توي خېتى ئالماقچى بولغانلارغا ئالاقىدار يېڭى تۈزۈملەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
  • ئىنتايىن ئاز ساندىكى كىشىلەر مەزكۇر پائالىيەتكە بۇزغۇنچىلىق قىلماقتا. ئۇلار بېلەت تاشلاش پروگىراممىسىنىڭ يۇچۇقىدىن پايدىلىنىپ ئايرىم ساندىكى بلوگلارغا تەكرار بېلەت تاشلىماقتا.

    تۆۋەندە بىز ئامالىسزلىقتىن 2 بلوگقا سېرىق ئاگاھلاندۇرۇش كارتىسى چىقارماقچىمىز :

  • - ئەگەر زەھەر چېكىش ياكى باشقا يامان يوللار ئارقىلىق ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقتۇرۇۋالغان بولسام: << ئۆزۈم تېرىغان بالا بولغاندىن كېيىن دەردىنى تارتتىم >> دەپ بۇ رېئاللىقنى قوبۇل قىلار ئىدىم. لېكىن مەن تاھازىرغىچە پاك - دىيانەتلىك ياشاپ، ئۆزۈممۇ سەزمىگەن ھالدا ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرۋېلىپ ئەيدىزنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتتىم. پات ئارىدا ۋاپادار يولدىشىم، ئوماق پەرزەنتىم، بەختلىك ئائىلەمدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلىپ قارا تۇپراق قوينىغا كىرىپ كېتىدىغىنىمىنى ئويلىغىنىمدا، ۋۇجۇدۇمنى تىترەك باسىدۇ. ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆلۈپ كېتىپ قالساممۇ نۇرغۇن ئارزۇ - ئارمانلىرىم بىلەن كۆزۈم ئوچۇق كېتىدىغان بولدى، - ئىچ - ئىچىدىن چىقىۋاتقان ياشلىرىنى توختىتالمىغان ئالمىرە ئۆزىنىڭ سەرگۈزەشتىلرىنى ئەنە شۇنداق سۆزلەر بىلەن باشلىدى.
  • مەزكۇر ئەنجۈمەن دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئېچىلغان بولۇپ، مەملىكەت ئىچىدىكى چوڭ تور بېكەتلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئىشتراك ئەتكەن. مەزكۇر ئەنجۈمەننىڭ ئاساسىي تېمىسىنى ئۇيغۇر تورداشلار ھۇزۇرىغا سۇنۇشمۇ مۇئەييەن ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇشى مۇمكىن .

  • نەزىرىمىزنى دۇنياغا ئاغدۇرىدىغان بولساق، بىزدە يەنە كىتاب بايلىقى جەھەتتە نۇرغۇنلىغان بوشلۇقلارنىڭ مەۋجۇد ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ يېتىمىز. شۇ ۋەجىدىن مەزكۇر يازمىدا قارىشىمدىكى ئۇيغۇر يېزىقىدا كەمچىل بولىۋاتقان 10 تۈرلۈك كىتابنى رەتكە تۇرغۇزۇپ چىقتىم:
  •  قېرىنداش بلوگلارنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا ، ئەينەك بلوگ، بىرزات شىپاخانىسى ، جېك تور خاتىرىسى قاتارلىق بلوگلاردا مەزكۇر  << ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگ ( 2008 ) >> نى باھالاش پائالىيىتى ھەققىدە قىسقىچە خەۋەر بېرىشتىن تاشقىرى ، ئۆز ئوقۇرمەنلىرىنى ئۆز بلوگلىرىنى قوللاپ بېلەت تاشلاپ قويۇشقا دەۋەت قىلىپتۇ. ھېس قىلىشىمچە بۇ خىل ئۆز ئوقۇرمەنلىرىنى ئۆز بلوگىنى قوللاپ بېلەت تاشلاتقۇزۇشنىڭ ھېچقانداق خاتا يېرى بولماسلىقى مۇمكىن. بەلكى
  •  سەمىمى ئاگاھنامە : بىز بېلەت تاشلاش جەريانىدىكى مەلۇم خىل يۈزلىنىشكە يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتىمىز ۋە تېگى - تەكتىنى ئېنىقلاپ بەزى يەكۈنلەرگە ئېرىشتۇق. بېلەت تاشلىغۇچى تورداشلارنىڭ يەنىلا كىشىلىك پەزىلەت ۋە ھەققانىيلىقنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز.

     

    ئۇدا 1 ئايغا سوزۇلغان << 10 چوڭ بلوگ >> قا نامزات كۆرسىتىش پائالىيىتى ئاخىرلىشىپ، 24 بلوگ نامزات قىلىپ بېكىتىلگەن ئىدى. 12 - ئاينىڭ 1 - كۈنى يەنى بۈگۈندىن باشلاپ بۇ 24 بلوگقا بېلەت تاشلاپ ، 10 چوڭ بلوگنى تاللاش پائالىيىتى رەسمىي باشلاندى.

    بېلەت تاشلاشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار :

  • بۈگۈن خەلقئارا 21 - نۆۋەتلىك دۇنيا ئەيدىز كۈنى. بۈگۈن توۋلايدىغان شۇئارىمىز << ئەيدىزگە قارشى تۇرۇش ئەھدىمىزگە ۋاپا قىلىپ، ئەيدىزنى كونترول قىلايلى ! >> .بۇ كۈندە ...

  • ئالاھىدە ئەسكەرتىش : مەزكۇر يازمىدا  ئوتتۇرىغا قويغان تەلەپلىرىمىزگە قارىتا 3 كۈنگىچە مۇۋاپىق جاۋابقا ئېرىشەلمىسەك، مەزكۇر تېمىنى ئۇلۇغ - ئۇششاق ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىدە ئېلان قىلىش يولى بىلەن سازايى ئاۋام قىلىپ، تېگىشلىك ھوقۇق - مەنپەتىمىزنى قوغدايمىز. ئەگەر شۇندىمۇ مۇۋاپىق جاۋابقا ئېرىشەلمىسەك، يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا مۇناسىپ چارە - تەدبىر قوللىنىش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز !  

     

    بىزدە يەنە ئۇسۇل تۈزدە ياخشى ، گەپ يۈزدە ياخشى دەيدىغان ھېكمەتلىك ئىبارە بار. دېمەك پىكىر - تەكلىپ بولغان ئىكەن ئۇنى ئۇدۇل دېمەك، سۆزلەشمەك لازىم. كۆڭۈلدە غۇم ساقلاپ، ئارقىدىن قاقشاپ يۈرۈش مەرت ئادەمنىڭ ئىشى ئەمەس. شۇ ۋەجىدىن ئالدى بىلەن كەسپىي ساغلاملىق تورى مەسئۇللىرىنىڭ كىشىلىك پەزىلىتى ۋە ئۆزىگە بولغان تەكلىپ - پىكىرگە توغرا مۇئامىلە قىلالايدىغانلىقىغا چوڭقۇر ئىشەنچ قىلىپ، ئۇشبۇ سۆزلەرنى ئېيتىپ ئولتۇرۇپتىمەن.

  • جىنسىي كېسەل ۋە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى بىلمەسلىك كېسەلنىڭ تارقىلىشىدىكى مۇھىم سەۋەب. تەشۋىق- تەربىيە ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى ئاممىغا يەتكۈزۈپ، ئۇلارنىڭ ئۆز-ئۆزىنى قوغداش ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، نۆۋەتتىكى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇللارنىڭ بىرى.

    گوۋۇيۈەننىڭ ئەيدىز ۋە جىنسىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇلارنى داۋالاشنى ماسلاشتۇرۇش يىغىنىنىڭ تەلىپىگە ئاسەسەن، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى كونترول قىلىش تەشۋىق-تەربىيىسىدە تۆۋەندىكىدەك پىرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىش لازىم.