يۈكسەل بلوگى

  • ئۇيغۇرلاردا تەگئات تېمىسىغا بېغىشلانغان چاتما ماقالىلىرىمىز ۋە يېقىندا يوللىغان << چوقۇم قۇرئاندىكى ئىسىملارنى قويۇش كېرەكمۇ ؟ >> ماۋزۇلۇق تېمىمىزنىڭ تەسىرىدە بىر قىسىم تورداشلار ئۆز جەمەتلىرىگە ساپ ئۇيغۇرچە سۆزلەردىن تەگئات قويۇش، پەرزەنتلىرىگە ئۇيغۇرچە ئات قويۇش ھەققىدە ئوي سۈرۈشىۋاتقانلىقىنى، ئەمما، بۇ ھەقتە پايدىلانغۇدەك مەنبەنى تاپالماي تېڭىرقاپ قېلىشقانلىقلىرىنى ئىنكاس قىلىشتى. بىز ئۇشبۇ ئېھتىياج - تەلەپنى كۆزدە تۇتۇپ، قەدىمىكى ئۇيغۇر ئاغۇن - ئەجدادلىرىمىز قوللانغان ئىسىم - تەگئاتلاردىن نەمۇنىلەرنى كۆرسىتىپ ئۆتمەكچىمىز.
  • نەسەبنامە تۇرغۇزۇش ئۇيغۇرلاردا ئۇزاق تارىخقا ئىگە بۇلۇپ ،تارىخىمىزدىكى نۇرغۇن مەشھۇر شەخىسلەر ۋە خاقانلار ئۆز نەسەبنامىسىنى تۇرغۇزۇپ ، كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ ئۆز جەمەتىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش،جەمەتنىڭ پائالىيەت دائرسىنى كېڭەيتىش ، جەمەتنىڭ ئچكى قىسمىدىكى ئەجداد-ئەۋلادلىق رېتى ۋە باشقا تەرتىپلەرنى كۈچەيتىش ھەم كاپالەتلەندۈرۈشنى مەقسەت قىلغان .
  • بىزنىڭ بۇ سۇئالغا بېرىدىغان جاۋابىمىز شۇكى، ياق!ئىسىم ياكى تەگئات قويۇشتا ﺋﯚﺯﯨﯖﯩﺰ ﺧﺎﻟﯩﺴﯩﯖﯩﺰ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺴﯩﻤﻨﻰ ﻗﻮﻳﺴﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﺑﯩﺮ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﯖﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺴﯩﻢ ﻗﻮﻳﯘﺵ ﺷﻪﻛﻠﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺗﻪﯕﺮﯨﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺨﻼﺳﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﻣﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ، بۇنىسى ﺋﻪﻟﯩﯟﻩﺗﺘﻪ ﺋﺎﻟﻘﯩﺸﻼﺷﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺋﯩﺶ. ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﺋﯩﺶ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﯖﯩﺰ ﺷﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﯩﺨﻼﺳﻘﺎ ﺗﺎﻳﯩﻦ ﺑﻮﻟﺴﯩﻼ!
  • خوتۇن كىشى ئەرلىك بولغاندىن كېيىن ئۆز تەگئاتىنى تاشلاپ، ئەر تەگئاتىغا ئۆتۈشى دۇرۇسمۇ ياكى ؟ دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى بىرقانچە نۇقتىلاردا ئوي سۈرۈپ، چۈشەنچىلەرنى ئوچۇقلاپ ئۆتكىنىمىز ياخشى.

    بىرىنچى سۇئال : ئۆز تەگئاتىنى تەرك ئېتىپ، ئەر تەگئاتىغا ئۆتۈشتىن مۇددىئا نېمە؟
    ئىككىنچى سۇئال: ئۆز تەگئاتىنى تەرك ئېتىپ، ئەر تەگئاتىغا ئۆتۈش نېمىدىن بېشارەت ؟
    ئۈچىنچى سۇئال: ئۆز تەگئاتىنى تەرك ئېتىپ، ئەر تەگئاتىغا ئۆتۈشنىڭ ئىسلام دىنىمىزدىكى ھۆكۈمى نېمە؟

  • دەۋرنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇنلىغان ئەنئەنۋىي ئۆرپ – ئادەتلەر، قائىدە – مىزانلار كۈچلۈك تەسىرگە ئۇچرىدى. جۈملىدىن، كىشىلەردىكى جەمەت كۆز قارىشىنىڭ بارغانسېرى سۇسلىشىشغا ئەگىشىپ، جەمەت قائىدىسى ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئاساسىنى يوقىتىپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن جەمەت قائىدىسىنىڭ مەۋجۇد بولۇش بوشلۇقىمۇ كۈنسېرى تارىيىپ كېتىۋاتىدۇ. ئەمما بۇ جەمەت قائىدىسىنىڭ ئەمەلىي ئەھمىيىتى قالمىغانلىقىدىن، ئۇنى تارىخنىڭ تاشلاندۇق ئەخلەتلىرى دۆۋىسىگە تاشلىۋېتىش كېرەكلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. بىز يەنىلا نەسەبنامەلەردە قەيت قىلىنغان ۋە قىلىنىدىغان جەمەت قائىدىلىرىنىڭ مۇنداق بىرقانچە تۈرلۈك ئەمەلىي ئەھمىيىتى بار، دەپ قارايمىز:
  • خەنزۇلار دۇنيادىكى تەگئات قوللىنىش تارىخى ئۇزاق، تەگئات قوللىنىش ۋە نەسەبنامە يېزىش مەدەنىيىتى بىرقەدەر مۇكەممەللەشكەن خەلقتۇر. شۇنداقتىمۇ خەنزۇ كىشى ئىسىم - تەگئاتلىرىنىڭ باشقا تىللاردا ئىپادىلىنىشىدە ئازدۇر - كۆپتۇر قىيىنچىلىقلار مەۋجۇد. بولۇپمۇ ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان خەنزۇلارنىڭ ئىسىم - تەگئاتلىرىنىڭ ئېنگلىزچە ئىپادىلىنىشىدە قىزىقارلىق مىساللار ناھايىتى كۆپ.
  • كۈنىمىزدىكى ئۇيغۇر كىشىلىرىدە  ئۆز مەنىسىدىكى تۇراقلىق تەگئات قوللىنىش ئىستىكى بارغانسېرى ئۇلغىيىۋاتىدۇ.   خېلى نۇرغۇن كىشى تەگئات ھەققىدە مۇئەييەن چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭ ئەھمىيىتى ۋە تارىخي قىممىتىنى تولۇق تونۇپ، ئۆزلىرىگە مۇۋاپىق تەگئات قويۇپ ئۇنى قانۇنىي كۈچكە ئىگە قىلىش ئۈستىدە ئوي سۈرۈشىۋاتىدۇ.

    ئۇيغۇر تەگئاتشۇناسلىقىدا جىددىي ھەل قىلىنىشنى ۋە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىشنى كۈتۈپ تۇرىۋاتقان شۇنداق بىر نازۇك بىر مەسىلە بار ، ئۇ بولسىمۇ دەل ئۇيغۇر خوتۇن - قىزلىرىنىڭ تەگئات قوللىنىش مەسىلىسىدۇر.

  • مۇكەممەل بولغان نەسەبنامىدە چوقۇم نەسەب شەجەرىسى ( شەجەرە دەرىخى، سېخمىسى ) بولۇشى كېرەك. بەلكى نەسەب شەجەرىسى نەسەبنامىدىكى چوقۇم بولمىسا بولمايدىغان ئەڭ مۇھىم بۆلەكتۇر. شۇڭا، نەسەبنامە يازغاندا چوقۇم لايىھىلىنىشى ئېسىل ، ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى توغرا بولغان، داۋاملاشتۇرۇش ئىمكانىيىتى بولغان شەجەرە دەەرىنى تۇرغۇزۇپ چىقىش تولىمۇ مۇھىمدۇر.
    تورداشلار تۆۋەندىكى شەجەرە ئۆرنەكلىرىدىن پايدىلانسا بولىدۇ.
  • 2004 - يىلى ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بويىچە 13 - نۆۋەتلىك خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپتىتىنى تارقىتىش مۇراسىمىغا ئىشتراك قىلغان ئىدىم ( << شېئىرىي مۇددىئا توغرىسىدا >> ماۋزۇلۇق فوبلىستىك ماقالەم مەزكۇر مۇكاپاتقا نائىل بولغان ئىدى ). بۇ جەرياندا، ئالىم، تىلشۇناس ئىمىن  تۇرسۇن ئەپەندىدىن تەگئات ھەققىدە پىكىر - مەسلىھەت ئالدىم. ئىمىن  تۇرسۇن ئەپەندى مەن كۆڭلۈمگە پۈككەن << يۈكسەل >> سۆزىنىڭ پۈتۈنلەي ساپ ئۇيغۇرچە سۆز ئىكەنلىكىنى، مەنىسىنىڭ چوڭقۇر، ئېيتىلىشقا قۇلاي، تەگئات - فامىلە قىلىشقا تازا باب كېلىدىغان سۆز ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن << يۈكسەل >> دېگەن بۇ مۇبارەك سۆزنى ئۆز جەمەتىمگە تەگئات - فامىلە قىلىشنى بېكىتتىم. نېمە ئۈچۈن تەگئات - فامىلە قىلىشقا << يۈكسەل >> سۆزىنى تاللىدىم؟ بۇ ھەقتە بىر يىلدىن كۆپرەك ئويلاندىم، ئىزدەندىم.
  • ئالدىنقى كالتە يازمىمىزدا نەسەبنامە يېزىشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ئۇنىڭ 5 تۈرلۈك رولى ھەققىدە توختالغان ئىدۇق. مەزكۇر يازمىمىزدا مۇكەممەل بولغان نەسەبنامىدە چوقۇم بولۇشقا تېگىشلىك 7 چوڭ مەزمۇن توغرىسىدا قىسىقىچە توختىلىپ ئۆتىمىز.
  • قەدىمقى ئاغۇن - ئەجدادلىرىمىزدا نەسەبنامە ( ئائىلە تەزكىرىسى، جۇرۇڭقاي ) يېزىش ئېسىل ئەنئەنىسىنىڭ بولغانلىقى مەلۇم. بىراق، نەسەبنامە تۇرغۇزۇش قەدىمكى دەۋرلەردە خان جەمەتى، ئاقسۆڭەكلەر تەبىقىسى ۋە ئاز ساندىكى ئوقۇمۇشلۇق كىشىلەر ئارىسىدىلا چەكلەنگەن ئەنئەنە بولغان بولسا، بۈگۈنكى كۈندە تارىخ ئېڭى كۈچلۈك، ئۆز جەمەت تارىخىنى مىللەت تارىخىنىڭ بىر تەركىبى دەپ ھېسابلايدىغان، نەسەبنامە ئارقىلىق ئۆتمۈشنى كەلگۈسىگە ئۇلاشتەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى كۈچلۈك ئاز ساندىكى كىشىلەر ئارىسىدىمۇ داۋاملاشتۇرۇلماقتا.
  • << ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ >> ﺳﯚﺯﻯ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﯘﭖ، ﻗﯩﺴﻘﯩﻐﯩﻨﺎ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ، ﺗﻮﺭ ﺋﺎﻣﻤﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻴﻼﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺗﯧﺰ ﺋﻮﻣﯘﻣﻼﺷﺘﻰ. ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮﺩﻩﻙ ﺑﯘ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﻧﯩﯔ ﺩﻩﻝ ﺟﺎﻳﯩﻐﺎ ﭼﯜﺷﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻗﻮﻻﻱ، ﻣﻪﻧﺎﻧﻰ ﺋﯘﺩﯗﻝ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﭖ ﺑﯧﺮﻩﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﻩﻙ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻘﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪﻧﻠﻪﺷﺘﯜﺭﺩﻯ.
  • 1334- يىلى تۈزۈلگەن يۈەن  دەۋرىدىكى مەشھۇر ئەدىب ئوۋياڭشۈەن ( 欧阳玄  ) نىڭ قەلىمىدىكى << گۇي جەي مەجمۇئەسى >> دېگەن ئەسەرگە كىرگۈزۈلگەن << قوچۇدىكى شى جەمەتى شەجەرىسى >>  دەل بىلگە تۇنيۇقۇقنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ شەجەرىسى بولۇپ، مەزكۇر شەجەرىنىڭ باش قۇرلىرىدا  : << شى جەمەتى ئۇيغۇرلاردىندۇر، تۇنيۇقۇق ئۇلارنىڭ ئەجدادىدۇر ... >> دەپ خاتىرىلەنگەن.
  • ﺋﻪﺭﻩﺑﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﯩﺴﯩﻢ - ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ


    ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﻠﯩﻖ ، ﺗﯘﺭﺍﻗﻠﯩﻖ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﺪﻩ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﻛﯜﭼﻪﭖ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ، ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﮬﻪﺭ ﺳﺎﮬﻪ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮﻯ ﺗﯘﺷﻤﯘ - ﺗﯘﺷﺘﯩﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﺍ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻘﯩﻐﺎ ﺋﺎﯞﺍﺯ ﻗﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ، ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻗﯧﺮ...
  • ﻳﯜﺗﻜﻪﻥ ﺋﻪﻧﮕﯜﺷﺘﻪﺭ - ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ


    ﻣﻪﻥ ﻛﯩﻢ ؟ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪﻣﭽﯘ؟ ﺑﯩﺰ ﺯﺍﺩﻯ ﻛﯩﻤﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ؟ ... .... ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺋﯚﺯ ﻛﯩﻤﻠﻜﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺰﺗﯩﺮﺍﭘﻠﯩﻖ ﺳﯘﺋﺎﻟﻼﺭ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺧﯧﻠﻰ ﻛﯚﭘﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺧﯩﻴﺎﻟﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻛﯚﭖ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺗﻪﻟﻘﯩﻦ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺋﯧﮭﺘﯩﻤﺎﻝ .
    ﺷﻪﺧﺲ ، ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ،...
  • تۈرك ، ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى ئۈستىدە تەتقىقات




    دوكتور ئابدۇرەشىد جەلىل قارلۇق



    1-ئىسىم قويۇش ۋە ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى تۈركلەردە كىشى ئىسىملىرى

    يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا ئات قويۇش، ئۇزاق ئۆتمۈ...
  • ﮬﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﻪﻝ ﺧﻪﻟﻘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻠﯩﺮﻯ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﻪ


    ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭﻟﯩﺸﯩﭗ، ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﻳﺎﺭﻗﯩﻨﻠﯩﺸﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﮬﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﻪﻝ ﺧﻪﻟﻘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﻪﮬﯟﯨﻼﺗﻠﯩﺮﻯ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻥ ﺋﯘﭼﯘﺭﻟﯩﺮﯨ...
  • ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﺍ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ( 3 )


    ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﻳﺎﺯﻣﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﺍ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺸﻨﯩﯔ ﺯﯙﺭﯛﺭﻟﯩﻜﻰ ﯞﻩ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﯩﺘﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻗﯩﺴﯩﻘﯩﭽﻪ ﺗﻮﺧﺘﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﺪﯗﻕ. ﺷﯘﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﯘ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﮕﻪ ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﯨﻦ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩ...
  • ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﺍ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ( 2 )


    ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﻳﺎﺯﻣﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﺍ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺸﻨﯩﯔ ﺗﻪﺧﯩﺮﺳﯩﺰﻟﯩﻜﻰ ﯞﻩ ﺯﯙﺭﯛﺭﻟﯩﻜﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﺗﻮﺧﺘﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺭﺗﺎﻗﻼﺷﻘﺎﻥ ﺋﯩﺪﯗﻕ. ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺑﯘ ﻳﺎﺯﻣﺎ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺧﯘﺩﺍ ﺧﺎﻟﯩﺴﺎ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﺗﻮﻏ...
  • ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﺍ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ( 1 )

     

    ﻛﯩﺮﯨﺸﻤﻪ

     

    ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﺍ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺸﻨﯩﯔ ﺯﯙﺭﯛﺭﻟﯩﻜﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ

     

    ﮬﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﻣﻪﻟﯘﻣﻜﻰ، ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﻮﺷﯘﻟﯘﭖ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﺷﻠﯩﻖ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯦﺘ...