يۈكسەل بلوگى

  • ئوباما ئەلباشلىققا سايلانماي تۇرۇپلا خەلقئارا ئىشلاردا ئۇنى - بۇنى دېيىشكە ، ئۆزىنىڭ مەيدانىنى شەرھىيلەشكە كۆنۈپ قالغان ئىدى. ۋە شۇ ئادىتى بويىچە تېخى يېقىندىلا ھېندىستاندا يۈز بەرگەن << بومباي تېرورلۇقى >> غا نىسبەتەن بىرىنچى ۋاقىتتىلا ئۆزىنىڭ كەسكىن مەيدانى ۋە ئۆزگىچە قارىشىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە نامايەن قىلغان ئىدى. خۇش ، ئۇنداقتا ئۇ بۇ قېتىم نېمە ۋەجىدىن تۇمشۇقىنى ئىچىگە تىقىۋالىدۇ ؟

  • ئامېرىكا << خەۋەر ھەپتىلىكى ژۇرنىلى ( Newsweek ) >> تۈنۈگۈن يەنى 12 - ئاينىڭ 20 - كۈنى دۇنيادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق 50 كىشىنى باھالاپ رەتكە تۇرغۇزۇپ چىققان بولۇپ، مەزكۇر دۇنيادىكى 50 نوپۇزلۇق كىشىنىڭ ئىچىدە ئامېرىكىنىڭ يېڭى سايلانغان ئەلباشى قارا ئۆڭلىك ئوباما 1 - ئورۇننى، جۇڭگونىڭ ئەلباشى خۇ جىنتاۋ 2 - ئورۇننى ، 3 - ئورۇننى فىرانسىيىنىڭ ئەلباشى ساركوزى تۇتقان. تۆۋەندە بىزگە تونۇشلۇق بولغان شەخىسلەرنىڭ قاتارى بېرىلدى.

  • مەزكۇر ئەنجۈمەن دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئېچىلغان بولۇپ، مەملىكەت ئىچىدىكى چوڭ تور بېكەتلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئىشتراك ئەتكەن. مەزكۇر ئەنجۈمەننىڭ ئاساسىي تېمىسىنى ئۇيغۇر تورداشلار ھۇزۇرىغا سۇنۇشمۇ مۇئەييەن ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇشى مۇمكىن .

  • ئالەمدىكى يەرشارى ( بۇ رەسىم 1972 - يىلى ئامېرىكا ئاپوللو 17 نىڭ ئالەم ئۇچقۇچىلىرى تارتقان سۈرەت. )

  • لوس ئانجېلىس ۋاقىت گېزىتى تورى ( LATimes.com ) نىڭ تۈنۈگۈن بەرگەن خەۋىرىگە كۆرە ، يالىڭاچلانما ئۇسۇل ئوينىغۇچىلارنىڭ پەرزەنتلىك بولۇش نىسبىتى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقات ۋە كوكاكولا ( Coca-Cola  ) نىڭ ئۇرۇق ئۆلتىرىدىغانلىقى ئۈستىدە ئىشلەنگەن تەتقىقات، ياڭيۇ پارچىسىنى يېگەندە << كاس - كاس >>  قىلىپ ئاۋاز چىقىرىپ يېگەندە، ياڭيۇنىڭ تېخىمۇ تەملىك بولۇپ كېتىدىغانلىقى ئۈستىدىكى تەتقىقات قاتارلىق غەلىتە تەتقىقات نەتىجىلىرى << شەرەپلىك ھالدا >> 2008 - يىللىق نوبېل ھەزىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
  • ئەنگلىيە << يېڭى ئالىم، newscientist >>  تورىنىڭ بەرگەن خەۋىرىگە كۆرە، ئەنگلىيە Sheffield ئۇنىۋېرسىتېتى ( UK. The University of Sheffield ) نىڭ تەتقىقاتچىسى بىئو - ئېكلوگشۇناس ئالىم Virpi Lummaa  نىڭ بايقىشىچە، بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلسا ئەرلەرنىڭ ئۆمرى تېخىمۇ ئۇزۇن بولىدىكەن.

  • بۈگۈن 9.11 نىڭ 7 يىللىق خاتىرە كۈنى. ھەق گەپنى قىلغاندا، بۇ دەملەردە مۇنداق 2 كىشى 9.11 غا ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدۇ. بۇ ئىككەيلەننىڭ بىرى قارا تەنلىك ئىنسان باراك ئوباما بولسا،  يەنە بىرى دەل ماككەيىندۇر. چۈنكى نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئۈچۈن 9.11 پەقەت بىر قاباھەتلىك چۈش ياكى ئازابلىق ئۆتمۈش بولغان بولسا، بۇ ئىككى كىشى ئۈچۈن كەلگۈسىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  •  

    ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىدىن ئىبارەت بۇ دۇنيادىكى بىردىنبىر دەرىجىدىن تاشقىرى مەملىكەت ئۆز تارىخىدىكى ئەڭ ئۇنتۇلغۇسىز دەملەرنى باشتىن كەچۈرمەكتە. ئامېرىكا خەلقى ئۆز مەملىكىتىگە قارا تەنلىك بىر ئىنساننى ئەلباش بولۇشقا نامزاتلىققا كۆرسىتىشتى.

  • 1 مىليارد 300 مىليون جۇڭگو خەلقىنىڭ << 100 يىللىق چۈشى >> __ بېيجىڭ ئولىمپىك چۈشى 2008 - يىلى 8 - ئاينىڭ 8 - كۈنى ئاخىرى ئەمەلگە ئاشقان ئىدى. 56 مىللەتتىن تەركىبلەنگەن جۇڭخۇا چوڭ ئائىلىسىگە قۇتلۇق قەدەملىرى بىلەن يېتىپ كەلگەن بۇ << پەرىزات >> پەقەت 16 كۈن تۇرۇپلا ، ئۆزىنىڭ يېڭى مەنزىلى لوندونغا قاراپ يولغا چىقتى.  ئولىمپىك ۋىسالىغا تېخى تولۇق قانمىغان ئەھلى جۇڭگو ئۇنىڭغا قىيمىغان ھالدا كاتتا مەرىكە ھازىرلاپ ، داغدۇغا بىلەن ئۇزىتىپ قويدى. نېمىلا دېمەيلى ئولىمپىك تولۇق مۇۋەپپەقىيەت بىلەن ئاخىرلىشىپ ، ئولىمپىكتىن كېيىنكى دەۋر يېتىپ كەلدى.
  •  جۇڭگو خەلق بانكىسى بۈگۈن ئۆزىنىڭ تورىدا،  2008 - يىلى 7- ئاينىڭ 8 - كۈنى يەنى ئەتە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدىغان 29 - نۆۋەتلىك ئۇلىمپىك تەنتەربىيە كاتتا يىغىلىشىغا بېغىشلانغان يېڭى 10 يۈەنلىك خەلق پۇلىنى تارقىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  •  دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ ئىشباشى ( زۇڭلى ) ۋېن جياباۋ  6 - ئاينىڭ 20 - كۈنىدىن 22 - كۈنىگىچە شەنشى، گەنسۇدىكى ئاپەت رايونىدا ئاپەتكە قارشى تۇرۇش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاۋام - پۇقرادىن ھال سورىدى. لوڭنەن شەھىرى كاڭ ناھىيىسى پىڭ يېزىسدىكى  ( 陇南市康县坪乡豆坪村 )  لاۋجاڭ (  张俊兰 )  تېخى يېڭىلا پۈتتۈرگەن ۋاقىتلىق ئاشخانا ئۆيىدە  سۇدا ياڭيۇ پىشۇرۇپ، چۈشلۈك تاماق يېمەكچى بولۇپ تۇرغاندا ، ۋېن جياباۋ كېلىپ قالىدۇ، ئۇ دەرھال ئالدىغا يۈگرەپ چىقىپ، ئىشباشنى ئۆزى بىلەن بىرگە غىزالىنىشقا تەكلىپ قىلىدۇ.

  • ئۇلۇغ كەرەملىك ئىگىمىزنىڭ ئىرادە ئېتىشى بىلەن خەيىرلىك كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئانا تېغى بولغان تەڭرىتاغنىڭ ئېتەكلىرىدە بىر قانچە كۈن سەيلە - ساياھەتتە بولدۇم. بۇ جەرياندا ئانا زېمىننىڭ گۈزەللىكى - ئىللىقلىقىدىن قانغۇچە ھۇزۇر ئالدىم. ئانا دىيارغا بولغان مېھرى - مۇھەببىتىم ھەسسىلەپ ئاشتى.

  • ئامېرىكا تۇنجى بولۇپ T ھۈجەيرىنى كېلونلاش ئارقىلىق يامان سۈپەتلىك تېرە راكىنى داۋالاپ مۇۋەپپەقىيەت قازاندى

    6- ئاينىڭ 18 - كۈنى << New England Journal of Medicine >> ( يېڭى ئېنگىلاند تېببىي ئىلمىي ژۇرنىلى ) دا مۇنداق بىر تەتقىقات دوكلاتى ئېلان قىلىندى.

  • ئۇ بۈگۈنكى سۆھبەتنى مۇنۇ سۆزلەر بىلەن باشلىدى: << تورداشلار ياخشىمۇ سىلەر ، بۈگۈنكىدەك پۇرسەتتە تورداشلار بىلەن تور ئارقىلىق ئۈلپەتتە بولغۇنىمدىن تولىمۇ خۇشالمەن. ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن بۈگۈن بەلكىم سىلەر بىلەن كۆپ ئەسرارلىشالماسلىقىم مۇمكىن. ئەمما ، مەن سىلەرنىڭ ماڭا يېزىپ قالدۇرغان يازما - تېماڭلارنى چوقۇم ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىمەن، تەتقىق قىلىمەن. بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ مەن تورداشلارنىڭ تېنىگە سالامەتلىك ، خىزمەتلىرىگە ئۇتۇق ، ئائىلىسىگە بەخىت تىلەيمەن ! >>
  • سىچۈەن ئۆلكىسىدە ئېغىر دەرىجىدە يەر تەۋرەش ئاپىتى بولغاندىن كېيىن، قۇمۇل ۋىلايىتى ۋىلايەت تەۋەسىدىكى نەچچە يۈزلىگەن ئۇيغۇر ناۋايلارنى تەشكىللەپ، كۈننى تۈنلەرگە ئۇلاپ نان يېقىشقا تەشكىللىدى ۋە قىسقىغىنغا بىرنەچچە كۈن ئىچىدە ئاپەت رايونىدىكى ئامما ئۈچۈن 20 مىڭدىن ئارتۇق نان يېقىلدى. << ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئۇيغۇر نانلىرى >> 17 - ماي ئاپەت رايونىغا قاراپ يولغا سېلىندى. نان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنۋىي ئاساسىي يېمەكلىكلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى، قۇرۇتۇلغاندىن كېيىن ئۇزۇنغچە بۇزۇلمايدۇ.  ئېلىپ يۈرۈش ۋە يۆتكەش قولايلىق بولۇپ، ئاپەت رايونى ئۈچۈن جانغا ئەسقاتىدىغان يېمەكلىكتۇر.
  • ﻳﻪﺭﺷﺎﺭﻯ ﻛﯧﻠﻤﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﺋﯩﻠﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﻰ، ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﻗﯘﺗﯘﭘﺘﯩﻜﻰ ﻣﯘﺯﻟﯘﻗﻨﯩﯔ ﺋﯧﺮﯨﺶ ﺳﯜﺭﺋﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﯧﺰﻟﯩﺸﯩﺸﻰ، ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍﺩﯨﻜﻰ ﻧﯧﻔﯩﺖ ﺑﺎﮬﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﭼﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﺗﯧﺰ ﺋﯚﺳﯜﺷﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎﺭ ﺋﺎﻣﯩﻠﻼﺭ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ، ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ، ﻛﺎﻧﺎﺩﺍ ، ﺋﻪﻧﮕﯩﻠﯩﻴﻪ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﭼﻮﯓ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﻗﯘﺗﯘﭘﺘﯩﻜﻰ ﻣﻮﻝ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻘﺎ ﭼﯜﺷﯜﭖ، ﺋﺎﺭﻗﺎ - ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﮬﻮﻗﯘﻗﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﻪﻛﺘﯩﻠﯩﺸﯟﯦﺘﯩﭙﺘﯘ. ﺷﯘ ﯞﻩﺟﯩﺪﯨﻦ ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﺴﯩﺴﻠﻪﺭ ﮬﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﻗﯘﺗﯘﭘﺘﯩﻜﻰ ﻣﻪﻧﭙﻪﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﻪﺳﻜﯩﻦ ﺗﻮﻗﯘﻧﯘﺵ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ، 3 - ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﻨﯩﯔ ﺩﻩﻝ ﻣﯘﺷﯘ ﻗﯘﺗﯘﭘﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺶ ﻣﯘﻣﻜﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻧﺪﯨﺸﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎﻥ.
  • ئامېرىكا فۇبوس ژۇرنىلى تۇنجى قېتىم دۇنيادىكى  قورقۇنچلۇق << قاچقۇن >> لارنى باھالاپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن 10 نى تاللاپ  << ئەڭ >> لەر قاتارىغا تىزىپ ئېلان قىلدى. بۇ قاتاردا ئۇسامە بىن لادىن 1 - ئورۇن تۇتتى.

  •  مۇت زەھەر بولسىمۇ يۇت ( تېلېفون ئۇرۇڭ بىكارغا )

    بۇ تېمىنى ئۆزەم سىناقتىن ئۆتكەزگەنلىكىم ئۈچۈن، كۆپچىلىككە يوللىدىم!

    تورداشلار بەلكىم «توردا ھەقسىز تېلېفون ئۇرۇش» توغرىسىدىكى تېمىلارنى كۆپ كۆرگەن بولۇشى مۇمكىن. نۇ...
  • ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﺎﻳﯟﺍﻧﻨﯩﯔ ﭼﺎﯕﻼﺷﻤﺎ ﺗﯚﺭﻩﻟﻤﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﺪﻯ


    ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺗﺎﺭﺍﺗﻘﯘﻟﯩﺮﻯ 3 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 25 - ﻛﯜﻧﻰ ، ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﻳﺪﯨﻦ ﭼﺎﯕﻼﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﻗﻮﻳﻨﯩﯔ ﻧﯧﯟﺍﺩﺍ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ ( University of Nevada ) ﺩﺍ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩ...