يۈكسەل بلوگى

  • نەچچە كۈندىن بېرى ھېلى ئەيدىز، ھېلى بالىياتقۇ راكى ، تۈنۈگۈن ھېلىقى زەھەر تۈسىنى ئېلىپ كەتكەن دورا ( 盐酸曲马多 ) توغرىسىدا تېمىلارنى يوللاپ، ئۆزۈمنىڭمۇ ۋە تورداشلارنىڭمۇ كۆڭلى خېلى غەش بولدى. بەزى تورداشلار بلوگىڭىزنى زىيارەت قىلساملار كۆڭلۈم غەش بولىدۇ. ئىختىيارسىز يىغا قىستايدۇ... ، دەپ ئۇچۇر قىلدى. ئەجىبا مېنىڭ ھەممىنى شادلاندۇرىدىغان ، كۆڭلىنى ئارام تاپقۇزىدىغان تېما - يازمىلارنى يوللىغۇم يوقمىدۇ ؟!...

  • ﺟﯘﯕﮕﻮﺩﺍ ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻳﯩﻞ ﻣﺎﺑﻪﻳﻨﯩﺪﻩ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎﺭ ﺗﻮﺭ ﯞﻩ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺯﯨﻞ - ﺯﯨﻠﯩﮕﻪ ﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ ﭘﯩﻜﺮﻯ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪﺍ ﺭﻭﻳﺎﭘﻘﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭﻏﺎ ﻧﻪﺯﻩﺭ ﺳﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ، ﺗﻮﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﯞﺭﯛﻛﻠﯜﻙ ﺭﻭﻟﻰ ﯞﻩ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ ﭘﯩﻜﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺗﯜﺭﺩﻩ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯧﺘﯩﻤﯩﺰ.
  • ﺋﯩﺸﻘﺎ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ ، ﺗﻮﺳﺎﺗﺘﯩﻦ ﻛﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﺪﺍ ﻗﻮﻏﻼﺷﻤﺎﻕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ . ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻘﯩﺮﺍﻟﻤﺎﻳﻼ  ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ . ﻗﺎﺭﯨﺴﺎﻡ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﻛﯩﺸﻰ ﭘﺎﺗﺮﺍﻗﺸﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﺋﯚﺳﻤﯜﺭ ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﻼﯞﺍﺗﺎﺗﺘﻰ ، ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺗﯘﺷﻤﯘ - ﺗﯘﺷﺘﯩﻦ << ﺋﻮﻏﺮﻯ ، ﻳﺎﻧﭽﯘﻗﭽﻰ ، ﺗﯘﺗﯘﯕﻼﺭ ... >> ﺩﻩﭖ ، ﯞﺍﺭﻗﯩﺮﯨﺸﺎﺗﺘﻰ. ﻳﻮﻟﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﺪﯨﻦ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻣﯘ ﺩﻩﺭﻫﺎﻝ ﻫﯧﻠﯩﻘﻰ ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﺷﻘﺎ ﺋﺎﺗﻠﯩﻨﯩﺸﺘﻰ. ﺳﻪﻝ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﯩﺰﺩﺍ ﺋﺎﭘﺘﻮﺑﯘﺱ ﺑﯧﻜﯩﺘﻰ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻫﯧﻠﯩﻘﻰ ﺑﺎﻻ ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﻳﯚﻧﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﭗ ﺑﯘﺭﯗﻟﯘﭘﻼ ﻛﻪﻳﻨﯩﮕﻪ ﻗﺎﭼﺘﻰ، ﻣﻪﻥ ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﻨﻰ ﺋﺎﻳﺮﯨﭗ ﺑﻮﻟﻐﯘﭼﻪ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺋﯘﻧﻰ ﺗﯘﺗﯘﯞﺍﻟﺪﻯ.
  • بۇ قېتىمقى بىر ئايغا سوزۇلغان جەنۇب سەپىرىمدە ئەڭ كۆپ ئۇچراتقان مەنزىرەم توغراق مەنزىرىسى بولدى. ئەڭ كۆپ ئىشىتقانلىرىم توغراق ھەققىدىكى گەپلەر بولدى. بۇ جەرياندا،  ئاتايىنلەپ توغراقزارلىقلارنى، چۆل ، دەريالارنى سەيلە قىلدىم - تاۋاپ قىلدىم. مۇشۇ زېمىندا توغراق بىلەن ھەمنەپەس بولۇپ،  توغراق كەبى ياشاۋاتقان كىشىلەر بىلەن ئۈلپەتتە بولدۇم. ئۇلار ماڭا توغراق ۋە ئۆزلىرى ھەققىدە كۆپ نەرسىلەرنى سۆزلەپ بەردى.

  • جۇڭگودا سۆز بايلىقىنىڭ موللىقىغا گەپ كەتمەيدۇ. جۇڭگولۇقلارنى يۇمۇرىستىك تۇيغۇغا باي دېيىشكە تامامەن بولىدۇ. مەيلى قەدىمىقلەرنىڭ گەپ - سۆزلىرى، يازمىلىرىدا بولسۇن ياكى كۈنىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ ئېغزىدىن چىقىۋاتقان ھەررەڭ - سەرەڭ گەپلەر بولسۇن ھەممىسدە يۇمۇرىستىك ئامىللار كۆپ. بەزىلىرى كۈلكىڭىزنى قىستىسا، بەزىلىرى غىدىقىڭىزنى كەلتۈرىدۇ. ھالبۇكى، بۈگۈنكى دەۋرىمىزدىكى بىر قىسىم چىرىك ئەمەلدارلارنىڭ زۇۋانىدىن چىقىۋاتقان < قارا يۇمۇر > لارنى ئاڭلىسىڭىز يا كۈلىشىڭىزنى يا غەزەپتىن يېرىلىشىڭىزنى بىلمەي قالىسىز . قېنى ئەشۇ < ئەمەلدار بەگ > لەرنىڭ سۆزلىرىنى ئىشتىپ كۆرەيلى:
  • ئوغلۇم يۈكسەل:
    << يۈكسەل بلوگى >> نى ئېچىپ ياخشى قىلىپسەن. بولۇپمۇ ئۇنىڭ قوشماق بلوگى<< يۈكسەل ئېنگىلىزتىلى سەيناسى >> نىڭ يېڭىدىن ئېچىلغانلىقى قۇتلۇقلاشقا تېگىشلىك ئىش بولۇپتۇ. مۇبارەك بولسۇن! ئەمدىكى گەپ، بلوگنى قانداق قىلىپ سۈپەتلىك - ياخشى باشقۇرۇشتا.

  • بىر كۈنى، بىر دېھقاننىڭ ئېشىكى قۇدۇققا چۈشۈپ كېتىپتۇ، بىچارە ئېشەك قۇدۇق ئىچىدە زارلىنىپ بىر ھازاغىچە قاتتىق ھاڭراپتۇ، ئېشىكىنىڭ ئېچىنىشلىق ھالىنى كۆرۈپ چىدىيالمىغان دېھقان قۇدۇق بېشىدا بىر ئۇيان - بىر بۇيان پىرقىراپ، قانداق قىلسا ئېشىكىنى قۇتقۇزۇپ تارتىپ ئېچىقالايدىغانلىقىنى بىلەلمەي تازا  تىت - تىت بولۇپتۇ. ئاخىرى كەسكىن بىر قارارغا كەپتۇ: بۇ ئېشەك بەرىبىر قېرىپ كەتكەن ئىدى، نۇرغۇن كىشىنىڭ بېشىغا چىققان بۇ قۇدۇقنىڭمۇ تىندۇرۇلۇپ، تەكشىلىنىش ۋاقتى بولۇپ قالغان ئىدى . مۇنچە زورۇقۇپ ئېشەكنى قۇتقۇزۇشنىڭ ھاجىتىمۇ يوق .

  • ھەربىر دەۋر كىشىلىرىنىڭ ئۆزىگە يارىشا كەچۈرمىشى ، ئۆسۈپ - يېتىلىش ھېكايىسى بولىدۇ.
    جۇڭگو ياشلىرى كۆزلىرىنى ئۇۋلاپ ئېچىپ، ئەتراپقا، ئۆز مىللىتى، ۋەتىنى ۋە تاشقى دۇنياغا نەزەر تاشلاشقا باشلىدى. جۇڭگو ئاھالىسى كۆپ، زىمىنى چوڭ، كۆپ مىللەتلىك دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، قەد كۆتۈرۈش، روناق تېپىش يولىدا دائىم چوڭ بۇرۇلۇش نۇقتىلرى ئوتتۇرىغا چىقىپ تۇرىدۇ. بۇنداق چوڭ ئىشلارنىڭ بىر كۆتۈرۈلۈپ بىر پەسلەپ تۇرۇشى كۆپۈنچە مىللىي ھىسىيات، دۆلەتنىڭ شاۋكىتى ياكى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرگە بىۋاسىتە چېتىلغان بولىدۇ. شۇڭا، ياشلار بۇنداق ئىشلاردا دەرھال ئۆزلىرىنىڭ مەيدانىنى تاللاپ، قارىشىنى تۇرغۇزۇپ چىقىشىدۇ. بۇ تېخىمۇ كەڭ مەنادىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بىر ئەۋلاد جۇڭگولۇقلارنىڭ ئومۇمىي تۇرقى ۋە دۇنياغا بولغان قارىشىنى شەكىللەندۈرىدۇ.
  • ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى مۇستەقىل پىكىر قىلىش ئىقتىدارى يوق ياكى تولىمۇ ئاجىز بولغان كىشىلەردۇر. شۇڭا، كۆپ قىسىم كىشىلەر دائىم باشقىلارنىڭ پىكىرى خاھىشى ۋە پىكرى يېتەكلىشى بويىچە ئۆز ھاياتلىرىنى رەئىسلىشىدۇ. ھەتتا، بەزىلەر باشقىلار << ما پوق ئەمەس ، بەتتە  پولۇ قېنى يە ! >> دېسىمۇ يەڭ شىمايلاپ يالماپ يۇتۇشقا ئاران تۇرۇشىدۇ. كاللا تۇرۇپ پىكىر قىلماسلىق، ئۆزىنىڭ مۇستەقىل قارىشى بولماسلىق بۇ بەك ئېچىنىشلىق ئەھۋالدۇر. بىز ئۆز ئەھۋالىمىزنى ياخشىلايمىز ۋە ئۆزگەرتىمىز دەيدىكەنمىز چوقۇم مۇستەقىل پىكىر قىلىشنى ئۆگىنىشىمىز ۋە شۇنداق قىلىشىمىز لازىم.
  • شۇنداق، ئالىي مەكتەپلەردىمۇ كەيپىيات بولىدۇ. خۇددىي ئادەملەردىمۇ كەيىپىيات بولغىنىدەك. بىز ئۇنى تۇتالمايمىز، كۆرەلمەيمىز ، ئەمما ئۇنىڭ مەۋجۇدلىقىنى ھېس قىلىپ يېتەلەيمىز. ئۇ ھاۋاغا ئوخشاش پۈتكۈل ئالىي مەكتەپ كۆكىنى بىر ئالغان بولىدۇ. بىز ھەرۋاقىت بۇ خىل ھاۋادىن نەپەسلىنىپ تۇرىمىز. شۈبھىسىزكى بۇ خىل << ھاۋا >> بىزنىڭمۇ مېجەزىمىگە تەسىر قىلىپ، كەيپىياتىمىزنى ئۆزگەرتىپ قويىدۇ.
  • ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺳﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﻣﻪﻥ ﮬﺎﺭﺍﻕ ﺋﯩﭽﻤﯩﺪﯨﻢ. ﻣﻪﻥ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﯚﺯ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﻤﺪﺍ، ﻟﻪﯞﺯﯨﻤﺪﻩ ﺗﯘﺭﺍﻟﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ، ﻣﻪﻥ ﺋﯚﺯﯛﻣﮕﻪ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺋﻮﺧﺸﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ. ﺋﯩﭻ - ﺋﯩﭽﯩﻤﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﺧﯩﻞ ﺷﺎﺩﻟﯩﻖ، ﺳﯚﻳﯜﻧﭻ ﺋﯘﻗﭽﯘﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﺗﺘﻰ، ﺋﯚﺯﯛﻣﺪﯨﻦ ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ﭘﻪﺧﯩﺮﻟﻪﻧﻤﻪﻛﺘﻪ ﺋﯩﺪﯨﻢ. ﻛﯚﯕﻠﯜﻣﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﺮﺍﻕ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ - ﮬﻪ ، ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﻪﺭ ﻛﯧﭽﻪﺗﺘﻰ ....
  • تەڭرى: ساڭا مېنىڭ رەھمەتلىرىم بولسۇن! مېنى چاقىرغانمىدىڭ؟
    مەن: سېنى چاقىرىپتىمەنما؟ ياقەي، سەن كىم ئۆزى؟
    تەڭرى: مەن سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ! سېنىڭ زارلىنىپ قىلغان ئىلتىجايىڭىنى ئىشتىپ، قېشىڭغا كەلدىم، سەن بىلەن سىرداشقۇم بار.
  • ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﻤﯩﺰﺩﻩ 18 ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻚ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺷﯩﻤﺎﻟﺪﯨﻦ ﺟﻪﻧﯘﺑﻘﺎ ﺳﻮﺯﯗﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻳﻮﻝ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ ، ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﻜﻜﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﺮﯨﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﯧﭽﯩﻚ ﺋﯧﺮﯨﻖ ﻏﻪﺭﯨﭙﺘﯩﻦ ﺷﻪﺭﻗﻘﻪ ﺋﺎﻗﺎﺗﺘﻰ. ﺋﯘ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ، ﺗﺎﯓ ﺋﺎﺗﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﻪﭺ ﻛﯩﺮﮔﯩﭽﻪ ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﯞﺍﯓ - ﭼﯘﯕﻰ ﺑﯧﺴﯩﻘﻤﺎﻳﺘﺘﻰ. ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﯧﺮﯨﻘﻨﻰ ﭼﯩﮕﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺋﯩﻜﻜﯩﮕﻪ ﺑﯚﻟﯜﻧﯩﭗ ﺳﻮﻗﺎﺵ ﺋﻮﻳﻨﻰ ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺘﺘﯘﻕ، ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺋﻮﻳﯘﻧﻼﺭﺩﺍ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻴﻼ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﺎﺵ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻻﺗﺘﯘﻕ، ﮔﺎﮬﯩﺪﺍ ﺭﻩﺳﻤﯩﻲ ﺋﯘﺭﯗﺷﯘﭘﻤﯘ ﻛﯧﺘﻪﺗﺘﯘﻕ...
  • كۆپچىلىككە مەلۇم بولغىنىدەك ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادى تېز ئېشىشتەك راۋاجلىنىش مۇقىم يۈزلىنىشىنى ساقلاپ كەلگەن، ۋە ئىش ئورنىمۇ مۇناسىپ دەرىجىدە كۆپەيگەن بولسىمۇ ، نوپۇسنىڭ زىيادە كۆپ بولۇشى، ھەر يىلى ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپ بولۇشى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى كۈنسېرى كەسكىنلىشىپ كېتىۋاتىدۇ.

    ..... ..... ....  ......

     2008 - يىللىق << جەمئىيەت كۆك تاشلىق كىتابى  >> دا قەيت قىلىنىشىچە، 2007 - يىلى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە 500 تۈمەن ئوقۇغۇچى ئوقۇش پۈتتۈرگەن، ھالبۇكى بۇلاردىن 100 تۈمەن كىشى تا ھازىرغىچە ئىشقا ئورۇنلىشالمىغان، دېمەك ھەر 5 ئادەمنىڭ ئارىسىدا 1 ئادەم ئىشسىز دېگەن گەپ.

  • پۇل بولمىسا ماۋۇ كۈنىگە ئۈچ ۋاق ئاچىدىغان قورساقنى غەملىگىلى ، تويسام بولىتى دەپ يىرتىلىپ تۇرىدىغان نەپسىمىزنى يامىغىلى بولمايدۇ. پۇل بولمسا توك پۇلىنى تۆلىگىلى بولمايدۇ، توك بولمىسا ئۆينى زۇلمەت قاپلايدىغانلىقى ئېنىق، قاراڭغۇ ئۆيدە ھېچ ئىش قىلغىلى بولمىسا، ئىپتىدائىي جەمئىيەتكە قايتىپ كەتتۇق دېگەن سۆز ؛ ئىشىكتىن چىقسىڭىز ئاپتۇزمۇ ، تاكسىمۇ پۇل دەيدۇ، ياق چىقمايمەن دېسىڭىز پۇتىڭىزدىكى ئاياق يىرتىلسىمۇ پۇل دەيدۇ، دېمەك پۇل بولمىسا بىر جايغا ئوڭۇشلۇق بېرىشىڭىز مۇمكىن ئەمەس؛ بويتاق بولسىڭىزغۇ دەردىڭىز ئۆزىڭىز بىلەن، ئۆيلۈك بولۇپ، بالا - چاقىڭىز بار بولسا ، ئەمما پۇل بولمىسا خۇدانىڭ ئۇرغىنى شۇ !
  • ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺗﻮﺳﺎﺗﺘﯩﻦ ﺋﯩﭽﯩﻢ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﭘﯘﺷﯘﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﺋﯚﺯﻩﻣﭽﻪ ﺑﯩﺮ ﻳﯘﻣﯘﺭ ﺗﻮﻗﯘﭖ ﺩﻭﺳﺘﯘﻣﻐﺎ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﻪﺭﺩﯨﻢ. ﻛﯩﻢ ﺑﯩﻠﺴﯘﻥ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻳﯘﻣﯘﺭﯨﻤﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻥ ﺩﻭﺳﺘﯘﻡ ﻛﯜﻟﯜﭖ ﺩﯗﻣﻼﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ، ﺗﯧﺨﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺗﯘﺗﯟﺍﻻﻟﻤﺎﻱ ﻧﻪﭼﭽﯩﻨﻰ ﺩﯗﻣﯘﻻﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﺋﻮﻳﻠﯩﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﻪﻝ ﺋﻮﻣﯘﺭﺗﻘﯩﺴﯩﻨﻰ ﺳﯘﻧﺪﯗﺭﯗﭖ ﻗﻮﻳﺪﻯ. ﻛﯚﺭﻣﻪﻳﺴ...
  • بۇ دۇنيادا ياشاۋاتقان ھەر قانداق ئىرق، ھەر قانداق دىن ۋە ھەر قانداق بىر مىللەتكە تەۋە ئادەم ئۈچۈن، ئەمەلىي پائالىيىتى ئارقىلىق ئۆز مىللىتىنى سۆيۈش، ئۆز خەلقىغە كۆيۈش، ئۆز مىللىتىنىڭ بەخت ـ سائادىتى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بارلىقىنى بېغىشلاشنى تۈپ مەزمۇن قىلىدىغان مىللەتپەرۋەرلىك ئەزەلدىن ئەبەدكە گۈناھ ھېساپلانمايدىغان ئەقەللىي ئىنسانىي بۇرچتۇر.
  • ھۆرمەتلىك مەن يۈكسەل ئەپەندى،

    ئالدى بىلەن سىزنى پەلسەپىدىن ئىبارەت بىزدىكى ئەڭ ئاجىز بىر پەنگە بولغان قىزىقىشىڭىز ۋە بۇنىڭ سىرىنى بىلىشكە بولغان ئوتتەك ئىشتىياقىڭىز بىلەن تەبرىكلەيمەن. ئەگەر سىزدەك ئويلايدىغانلار كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىقسا ئىنساننىڭ ئەقلىي تەپەككۇرىنى ئەڭ تەلەپ قىلىدىغان بۇ پەن ئارقىلىك ئۆزىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ مەنىسىنى، دۇنيانى بىلىشنىڭ مېتودلىرىنى ۋە ھالقىما رېئاللىقنى قىياس كىلىشنىڭ (ئەگەر مەۋجۇت بولدى دەپ قارالغان ئالدىنقى شەرت ئاستىدا) مۇمكىنچىلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرغان بولاتتۇق.
  • ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺩﯨﺪﺍﺭﺳﯩﺰ ﺳﯚﮬﺒﻪﺕ


    ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺶ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﻯ << ﻳﯧﯖﻰ ﺋﯩﺮﺍ >> ﻏﺎ ﻛﯚﭼﻤﻪﺳﺘﻪ ، ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ ﯞﻩ ﭘﻪﻳﻼﺳﯘﭖ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﺑﻪﮬﺲ - ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﻩ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎﻥ ﺋﯩﺪﯗﻕ . ﺋﻪﭘﺴﯘﺱ ، ﻣﯘﻧﺒﻪﺭ << ﻳﯧﯖﻰ ﺋﯩﺮﺍ >> ﻏﺎ ﻛﯚﭼﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘ ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﯨﻤﯩﺰ ﺩ...
  •  ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ ﺳﯚﺯﻟﻪﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ


    ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯔ ﺋﻪﻟﺒﺎﺷﻰ ﺧﯘﺟﯩﻨﺘﺎﯞ ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﮬﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺯﯨﻴﺎﺭﯨﺘﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﺳﻪﭘﯩﺮﯨﺪﻩ ، ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻛﯜﻧﺘﻪﺭﺗﯩﭙﻰ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺯﯨﭻ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﻪﯓ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟ...