يۈكسەل بلوگى

  • ھازىر زىيارەت قىلىۋاتقىنىڭىز يۈكسەل بلوگىنىڭ كونا نەشىرى ( يېڭى تېما يوق ) ، يۈكسەل بلوگىنىڭ يېڭى نەشىرىنى مۇنۇ مەنزىللەر ئارقىلىق زىيارەت قىلغايسىز :
    http://www.yukselblog.cn/
    http://www.yukselblog.com /

     

    يۈكسەل بلوگىنىڭ ئىخلاسمەن ئوقۇرمەنلىرىگە :

    ئالدى بىلەن سىزنىڭ ئۇزۇندىن بېرى يۈكسەل بلوگىنى ئىزچىل قوللاپ قۇۋۋەتلەپ كەلگەنلىكىڭىزگە چىن قەلبىمىزدىن تەشەككۈر ئېيتىمىز! قوللىشىڭىز ۋە مەدىتىڭىز بولغاچقىلا بىزدە يۈكسەل بلوگىنى داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇرۇش ، يۈكسەلدۈرۈش ئىرادىسى تۇغۇلدى.

    يۈكسەل بلوگىنىڭ نەشىر قىلىنغانلىقىغا 1 يىلمۇ توشىمىغان (9 ئاي ) ئۇشبۇ كۈنلەردە، زىيارەت مىقدارىنىڭ 100 مىڭ قېتىملىك چوڭ ئۆتكەلنى ھالقىپ ئۆتكەنلىكىنى قۇتلۇقلاش، ئوقۇرمەنلىرىمىزگە تېخىمۇ ياخشى بلوگ زىيارىتى شارائىتى ھازىرلاش ئۈچۈن ، ئىلگىرىكى بلوگ سۇپىلىرىغا تايىنىش ھالىتىمىزنى ئۆزگەرتىپ، مۇستەقىل بوشلۇق ئېلىپ، ئۆز ئالدىمىزغا مۇستەقىل بلوگ نەشىر قىلىش يولىغا قەدەم قويۇش نىيىتىدە، يۈكسەل بلوگىنىڭ يېڭى نەشىرىنى ( PJBLOG ) ئېلان قىلدۇق.

    كۆپچىلىكنىڭ داۋاملىق ( يۈكسەل بلوگ كوم ) www.yukselblog.com (  ) تور ئادرېسى ۋە يېڭىدىن ئىلتىماس قىلىنغان ( يۈكسەل بلوگ سى ئىن ) http://yukselblog.cn/ تور ئادرېسى ئارقىلىق يۈكسەل بلوگىنى زىيارەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

    بلوگباس سۇپىسىدىكى يازمىلىرىمىزنى يېڭى بلوگقا تولۇق يۆتكەپ بولغۇچە بولغان ئارىلىق مەزگىلدە بلوگباستىكى ئادرېسىمىز يەنى  yuksel.blogbus.com داۋاملىق كۈچكە ئىگە ( ئەمما، يېڭى تېما يوللانمايدۇ. پەقەت كونا يازمىلارنى ئوقۇشقا بولىدۇ ). يېڭى تېمىلار داۋاملىق يۈكسەل بلوگنىڭ يېڭى نەشىرىدە ئېلان قىلىنىدۇ. ۋاقىپلىنىپ قالغايسىزلەر!

    ئاخىرىدا يۈكسەل بلوگىنىڭ يېڭى نەشىرىنى تەييارلاشتا بارلىق كۈچى بىلەن ھەمدەمدە بولغان قېرىندىشىمىز تەدبىركارغا سەمىمىي رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز!

    كامالىي ئېھترام بىلەن

    يۈكسەل بلوگى

    http://yukselblog.cn/

  • ئۆتمۈشنى ئەسلەپ، كەلگۈسىگە نەزەر تاشلاش ، باسقان ئىزلىرىمىزنى خاتىرلەپ، يېڭى مەنزىللەرنى نىشانلاش ئۈچۈن << يۈكسەل بلوگى >> نىڭ 2008 - يىلىغا قايتا نەزەر سېلىپ، ئۆتكەن بىر يىلدىن قىسقىچە خۇلاسە چىقىرىپ قويۇشنى مۇۋاپىق كۆردۇق.
  • سادىر بولغان بارلىق ئىشلارنىڭ ئىرادە ئەتكۈچىسى قادىر ئىگىمىزنىڭ تەقدىر - خاھىشى بىرلە پېقىرنىڭ ئانىسى پانى ئالەمدىن باقى ئالەمگە سەپەر قىلىپ، مۇسىبەتلىك بولۇپ قالغانلىقىم ئۈچۈن يېقىنقى مەزگىل ئىچىدە يېڭى يازما - تېما يوللاپ بلوگ يېڭىلاشقا ئىمكانسىز بولۇپ قالدىم. شۇ ۋەجىدىن
  • ئەسكەرتىش: يۈكسەل بلوگدا ئۇلىنىش قىلىنغان كۆپ قىسىم بلوگلارنىڭ ئۇلىنىشى يۈكسەل بلوگى باش بېتىدىن ئۆچۈرۈلىدۇ ( ئىنتايىن ئاز ساندىكى بىز بىلەن ئۇزۇنغىچە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان تور بەت ۋە بلوگلارنىڭ ئۇلىنىشى ساقلاپ قېلىنىدۇ ). ئۆچۈرلگەن بارلىق بلوگ ئۇلىنىشلىرى بىز يېڭى ئاچقان << رىشتە ئۇلىنىشلىرى >> بېتىگە قوشۇلىدۇ.
  •  قېرىنداش بلوگلارنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا ، ئەينەك بلوگ، بىرزات شىپاخانىسى ، جېك تور خاتىرىسى قاتارلىق بلوگلاردا مەزكۇر  << ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگ ( 2008 ) >> نى باھالاش پائالىيىتى ھەققىدە قىسقىچە خەۋەر بېرىشتىن تاشقىرى ، ئۆز ئوقۇرمەنلىرىنى ئۆز بلوگلىرىنى قوللاپ بېلەت تاشلاپ قويۇشقا دەۋەت قىلىپتۇ. ھېس قىلىشىمچە بۇ خىل ئۆز ئوقۇرمەنلىرىنى ئۆز بلوگىنى قوللاپ بېلەت تاشلاتقۇزۇشنىڭ ھېچقانداق خاتا يېرى بولماسلىقى مۇمكىن. بەلكى
  • ئالاھىدە ئەسكەرتىش : مەزكۇر يازمىدا  ئوتتۇرىغا قويغان تەلەپلىرىمىزگە قارىتا 3 كۈنگىچە مۇۋاپىق جاۋابقا ئېرىشەلمىسەك، مەزكۇر تېمىنى ئۇلۇغ - ئۇششاق ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىدە ئېلان قىلىش يولى بىلەن سازايى ئاۋام قىلىپ، تېگىشلىك ھوقۇق - مەنپەتىمىزنى قوغدايمىز. ئەگەر شۇندىمۇ مۇۋاپىق جاۋابقا ئېرىشەلمىسەك، يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا مۇناسىپ چارە - تەدبىر قوللىنىش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز !  

     

    بىزدە يەنە ئۇسۇل تۈزدە ياخشى ، گەپ يۈزدە ياخشى دەيدىغان ھېكمەتلىك ئىبارە بار. دېمەك پىكىر - تەكلىپ بولغان ئىكەن ئۇنى ئۇدۇل دېمەك، سۆزلەشمەك لازىم. كۆڭۈلدە غۇم ساقلاپ، ئارقىدىن قاقشاپ يۈرۈش مەرت ئادەمنىڭ ئىشى ئەمەس. شۇ ۋەجىدىن ئالدى بىلەن كەسپىي ساغلاملىق تورى مەسئۇللىرىنىڭ كىشىلىك پەزىلىتى ۋە ئۆزىگە بولغان تەكلىپ - پىكىرگە توغرا مۇئامىلە قىلالايدىغانلىقىغا چوڭقۇر ئىشەنچ قىلىپ، ئۇشبۇ سۆزلەرنى ئېيتىپ ئولتۇرۇپتىمەن.

  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، << يۈكسەل بلوگى >> مىزنىڭ قىزغىن ئوقۇرمەنلىرى! ھەرقايسىڭلارنىڭ قوللاپ - قۇۋۋەتلىشىڭىلار نەتىجىسىدە، << يۈكسەل بلوگى >> كۈنسېرى ئۆز ئىستىقبال مەنزىلىگە قاراپ يۈكسەلمەكتە. بىز << يۈكسەل بلوگى >> نىڭ بۇندىن كېيىنكى تەرەققىياتىنى قانۇنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، ئۇزۇنغىچە ساغلام تەرەققىي قىلىش؛ ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىپ، قانۇنى ھوقۇق مەنپەئىتىمىزنى قوغداش ئۈچۈن،
  • ئاتىلارنىڭ << يالغۇز ئاتنىڭ چىڭى چىقماس ، چىڭى چىقسىمۇ دېڭى چىقماس >> دەيدىغان مەشھۇر سۆزى بار. دەرھەقىقەت،  بىزمۇ ھەم ئۆزىمىزنىڭ ئىشلىگەن خىزمەتلىرىمىزنىڭ تولىمۇ يېتەرسىزلىكىنى، بۇ ھەقتە تېخى نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىشنىڭ زۆرۈلىكىنى ھېس قىلىپ يەتتۇق. قىسقىسى بىز ئۆزىمىزنىڭ سېپىنى زورايتىش كېرەكلىكىنى تونۇپ يەتتۇق. شۇڭا ، بۇ مۇراجەتنامىنى يازدۇق.
  • بۈگۈن BidVertiser ھېسابىمنى تەكشۈردۈم BidVertiser دىن بۈگۈن ئېلان كىرىمى بولۇپتۇ. ئېلان بىر قېتىم ئۈنۈملۈك چېكىلگەن بولۇپ، $0.03 كىرىم بولۇپتۇ. بۇ مېنىڭ تارىخىمدىكى تور ئارقىلىق قىلغان تۇنجى كىرىمىم بولۇپ قالدى.
  • تەكلىماكان بلوگىنىڭ تەۋسىيىسى ۋە كۆرسەتمىسى بىلەن << يۈكسەل بلوگى >> غا تۇنجى ئېلان يەنى BidVertiser ئېلانى قويۇلغان ئىدى. ھازىر كۆرۈنۈشتە ئېلان نورمالدەك قىلىدۇ. ھەتتا، بەزى ئېلانلار 0.7 ، 0.5، 1 دوللارلىق ئېلانلار ئىكەن. ئاساسەن ھەممىسى 0.5 دوللاردىن يۇقىرى ئېلانلار ئىكەن.
  •  بىز تورداشلارنىڭ << يۈكسەل بلوگى >> نى زىيارەت قىلىشىغا تېخىمۇ قولايلىق يارىتىش مەقسىتىدە ، ئېلېخەت ئارقىلىق مۇشتەرى قوبۇل قىلىش تۈرىنى يولغا قويدۇق. بەزى تورداشلارنىڭ ھە دېگەندە تور ئارىلاشقا ، تور - مۇنبەر، بلوگلارنى تەپسىلىي ۋاراقلاشقا ۋاقتى يېتىشمەسلىكى مۇمكىن. بۇنىڭسىزمۇ بلوگقا كۈندە دېگۈدەك يېڭى تېمىلارنىڭ يوللىنىپ تۇرۇشىمۇ ناتايىن. ئەگەر ئېلخەت ئارقىلىق << يۈكسەل بلوگى >> غا مۇشتەرى بولسىڭىز، << يۈكسەل بلوگى >> غا يېڭى يوللانغان تېما- يازمىلار شۇ ھامان سىزنىڭ ئېلخەت ساندۇقىڭىزغا يېتىپ بارىدۇ ( ئەلۋەتتە بۇنىسى ھەقسىز بولىدۇ! ).

  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، تور گۈلىستانلىقىدىكى  << يۈكسەل بلوگى >> دىن ئىبارەت بۇ ئاددىيغىنا كۆلبىمىزگە زىيارەت ۋە مۇلاقەتكە كېلىپ، غېرىبخانىمىزنى ئاباد ئېتىپ كېلىۋاتقان مۆھتىرەم تورداشلار، ئىخلاسمەن ئوقۇرمەنلىرىمگە ، كەمىنەڭلار ئاددىي تورداش بۇرادىرىڭلار يۈكسەلدۇرمەن، ئالىي ئېھترام - ھۆرمىتىمىز، مۇسۇلمانلىق - بۇرادەرلىك سالاملىرىمىزنى ئادا قىلغاندىن سۇڭرە ئۇشبۇ نالايىق يازما بىلەن ھەرقايسىلىرىنىڭ ئۆمۈرلىرىنىڭ ئۇزۇن، دۆلەتلىرىنىڭ پۇزۇن بولۇشىنى، ھەرزامان تېنىڭلارنىڭ تېمەن، ئەقلىڭلارنىڭ چېچەن تۇرۇشىنى بىر ئاللاھدىن تىلەيمەن.
  • كەڭ زىيارەتچىلەرگە بولۇپمۇ << يۈكسەل بلوگى >> غا يېڭىدىن قەدەم تەشرىپ ئەيلىگەن توردشلارغا قولايلىق يارىتىش مەقسىتىدە ، بلوگ نەشىر قىلىنىپ ھازىرغىچە  بولغان ، يەنى 3 ئاي ۋاقىت ئىچىدە تورداشلار ئەڭ كۆپ زىيارەت قىلغان 10 پارچە ماقالىنى قاتارى بويىچە رەتلەپ ، تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇق. بۇندىن كېيىنمۇ داۋاملىق بلوگدىكى يازمىلارنى ستاتىستېكىلاپ ، قەرەللىك ھالدا تورداشلارغا تەۋسىيە قىلىپ تۇرۇش ئويىمىز بار ، ئەلۋەتتە!
  • بۈگۈنكى دۇنيادا 6000خىلدىن ئارتۇق تىل بار، ئەمما بۇنىڭ ئىچىدىكى مەتبۇئات ۋە مائارىپتا قوللىنىلىۋاتقان تىل200گىمۇ يەتمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە تىللارنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە تەرەققىياتى ئوبيېكتىپ جەھەتتىن شۇ تىلنى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئىقتىسادى كۈچى، ئۇنۋېرسال ساپاسى ۋە نوپۇسى تەرىپىدىن بەلگىلىنىپ، ئۇچۇر ۋە ئىقتىسادى ساھەدىكى ئورنى تۈپەيلى كېڭىيىپ تارىيىدىغان بولغاچقا دۇنيادا ئالى مائارىپ ۋە يۇقىرى پەن–تەتقىقات تىلى بولۇۋاتقان تىللاردىن بىر نەچچىسىلا بار.
  • بىزدە يەنە ئۇسۇل تۈزدە ياخشى ، گەپ يۈزدە ياخشى دەيدىغان ھېكمەتلىك ئىبارە بار. دېمەك پىكىر - تەكلىپ بولغان ئىكەن ئۇنى ئۇدۇل دېمەك، سۆزلەشمەك لازىم. كۆڭۈلدە غۇم ساقلاپ، ئارقىدىن قاقشاپ يۈرۈش مەرت ئادەمنىڭ ئىشى ئەمەس. شۇ ۋەجىدىن ئالدى بىلەن ياشلار تورى مەسئۇللىرىنىڭ كىشىلىك پەزىلىتى ۋە ئۆزىگە بولغان تەكلىپ - پىكىرگە توغرا مۇئامىلە قىلالايدىغانلىقىغا چوڭقۇر ئىشەنچ قىلىپ، ئۇشبۇ سۆزلەرنى ئېيتىپ ئولتۇرۇپتىمەن.
  • مانا ئەمدى بلوگىمىزنىڭ مۇشۇ قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدىكى زىيارەت مىقدارى 12000 مىڭدىن ئارتىپ، كۈندىلىك مۇقىم زىيارەتچىسى 100 ئادەم قېتىمغا يەتتى. بلوگ مەزمۇنى ئاۋۇپ مەلۇم كۆلەمگە ئىگە بولدى...

     << يۈكسەل بلوگى >> نى نەزەر كۆزىگە ئېلىپ، ئۇلانما قىلىشنى ۋە ئۆزىنىڭ بىلوگىنى << يۈكسەل بلوگى >> دا ئۇلىنىش قىلىشنى خالايدىغان بلوگىر دوستلارنىڭ مەزكۇر جاكارنامە ئاستىغا ئىنكاس ئارقىلىق ئۇلىنىشنى قالدۇرۇشنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئۈمىد قىلىمىز!

  • بلوگ شەخسكە تەۋە تور تاراتقۇسى بولۇپ، سىز بلوگ ئارقىلىق ئۆزىڭىزنى پىكىرى - قاراشلىرىڭىزنى توسالغۇسىز بايان ئەيلەيدىغان، ئۆزىڭىز ئېرىشكەن ئەڭ يېڭى ئۇچۇر - خەۋرەلەرنى بىرىنچى ۋاقىتتا ئېلان قىلىدىغان ، ئۆزىڭىزگىلا خاس بولغان ئۇسلۇبتا يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاجايىپ ئۆزگىچە سەھنە.

     ئەگەر سىزدە راستىنلا << يۈكسەل بلوگى >> دەك بلوگ ياساش ئويى پەيدا بولغان بولسا مەن سىزگە ئازدۇر - كۆپتۇر يول كۆرسىتىشنى ، چامىمنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىشنى خالايمەن.

  • يۈكسەل بلوگىغا << يۈكسەل google >>  قويۇلدى

    كەڭ زىيارەتچىلەرنىڭ << يۈكسەل بلوگى >> نى تېخىمۇ قولاي زىيارەت قىلىشى، مەزكۇر بلوگ ۋە بارلىق تور ئۇچۇر ئامبىرىدىن ئۆزىگە كېرەكلىك بولغان ئۇچۇرنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلاپ ئ...
  •  ئۇيغۇر بلوگ ئۇيۇشمىسى قۇرۇلدى

    نام سەل چوڭ بولۇپ قالدى ھە ! قانداق قىلىمىز ئەمدى، بلوگ ئاپتۇزىدىكى بلوگىرلارنىڭ زور كۆپچىلىكى يات تائىپىلەردىن ئىكەن. ئەگەر بۇ بلوگىرلاردىن پەرقلىنىپ ئۆزگىچىلىكىمىزنى تاپمىز دەيدىكەنمىز چوقۇم ئۇيغۇردىن ئى...