يۈكسەل بلوگى

  • ئەيدىزنىڭ ئاساسلىق يۇقۇش يولى جىنسىي قىلمىش ئارقىلىق يۇقۇش ۋە بەدەن سۇيۇقلىقىنىڭ ئۆز - ئارا ئۆتۈشىشىدىن يۇقۇشتىن ئىبارەت بولۇپ، ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV )  يۇقۇش خەۋىپى بولغان بەدەن سۇيۇقلۇقلىرى قان، ئىسپىرما، ئاياللارنىڭ جىنسىي يول ئاجراتمىلىرى، سۈت، مېڭە - يۇلۇن سۇيۇقلۇقىدىن ئىبارەت. ئادەتتە باشقا تەر سۇيۇقلۇقى، ياش، شۆلگەي قاتارلىق بەدەن سۇيۇقلۇقلىرى تەركىبىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) نىڭ مىقدارى...

  • ئەيدىز گەرچە داۋاسىنىڭ يوقلۇقى، يۇقۇملانغان ئادەمنىڭ كۆپلۈكى ۋە ئۇزۇن مەزگىل يۇشۇرۇن تۇرۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن قورقۇنۇچلۇق ۋابا دەپ ئاتالسىمۇ، ئەگەر سىز ئۆز قىلمىشىڭىزغا مەسئۇل بولسىڭىز، يەنى زەھەرلىك چېكىملىك چەكمىسىڭىز، ھالال  جۆرىڭىزدىن باشقىلار بىلەن جىنسى مۇناسىۋەتتە بولمىسىڭىز، باشقىلارنىڭ قېنى ياكى باشقا بەدەن سۇيۇقلۇقلىرى تېنىڭىزگە كىرىپلا كەتمىسە، ئەيدىزدىن ھەرگىز يۇقۇملانمايسىز. دېمەك، ئەيدىز بىر خىل قىلمىش كېسىلى.

  •  بىز AIDS ھەققىدە تېخىمۇ چوڭقۇر ، ئېنىق چۈشەنچە ھاسىل قىلماقچى بولغان تورداشلارنى كۆزدە تۇتۇپ، مەزكۇر << AIDS دىن مەسلىھەت >> مەخسۇس سەھىپىسىنى تەسىس قىلدۇق. ھەرقانداق بىر تورداش AIDS گە ئالاقىدار ئۆزى چۈشەنمەكچى بولغان ھەرقانداق مەسىلىنى مۇشۇ تېما ئاستىغا ئىنكاس شەكلىدە يوللىسا بولىدۇ. << يۈكسەل AIDS تور تەشۋىقات گۇرۇپپىسى >> ئەزالىرى سىز سورىغان سوئاللارغا چامىنىڭ يېتىشىچە، ئەڭ تېز سۈرئەتتە، توغرا جاۋاب بېرىشكە تىرىشىدۇ.
  • ئەيدىز ۋىرۇسىنى لابوراتورىيىلىك تەكشۈرگەندە نەتىجە < + > چىقىپ قالسا، تەكشۈرۈلگۈچى قانداق قىلىشى كېرەك؟  
    دوختۇرخانىلاردا ياكى ئەيدىزنى مەخسۇس تەكشۈرۈش ئورگانلىرىدا تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان ۋاقىتتا، يەنى ئۆزىنىڭ ئەيدىز يۇقۇمدارى ئىكەنلىكىنى بىلگەن چاغدا ئۆزىگە قانداق مۇئامىلە قىلىش، كېسەللىككە قانداق قاراش ئىنتايىن مۇھىم مەسىلىدۇر.

  • ساغلام ئادەم ئەيدىزدىن ( HIV ) دىن يۇقىملىنىپ تاكى ئۆلگىچە بولغان ئارىلىقتا قانچىلىك ئۆمۈر كۆرۈدىغانلىقى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلىرىدىن بىرىدۇر. ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، ئادەتتە ئادەم ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ ھاياتىدىن ئايرىلغىچە بولغان ۋاقىت 2 يىلدىن 20 يىل ئەتراپىغىچە بولۇپ، ھەر بىر ئادەمنىڭ تەن ساپاسى، ۋىرۇسنىڭ مىقدارى ، سالامەتلىك ئەھۋالى قاتارلىق بىر قاتار ئامىللارنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا قاراپ ئوخشاش بولمايدىكەن.
    ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغاندىن كېيىنكى دەۋر مۇنداق 3 مەزگىلگە ئايرىلىدۇ.