يۈكسەل بلوگى

  • - ئەگەر زەھەر چېكىش ياكى باشقا يامان يوللار ئارقىلىق ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقتۇرۇۋالغان بولسام: << ئۆزۈم تېرىغان بالا بولغاندىن كېيىن دەردىنى تارتتىم >> دەپ بۇ رېئاللىقنى قوبۇل قىلار ئىدىم. لېكىن مەن تاھازىرغىچە پاك - دىيانەتلىك ياشاپ، ئۆزۈممۇ سەزمىگەن ھالدا ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرۋېلىپ ئەيدىزنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتتىم. پات ئارىدا ۋاپادار يولدىشىم، ئوماق پەرزەنتىم، بەختلىك ئائىلەمدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلىپ قارا تۇپراق قوينىغا كىرىپ كېتىدىغىنىمىنى ئويلىغىنىمدا، ۋۇجۇدۇمنى تىترەك باسىدۇ. ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆلۈپ كېتىپ قالساممۇ نۇرغۇن ئارزۇ - ئارمانلىرىم بىلەن كۆزۈم ئوچۇق كېتىدىغان بولدى، - ئىچ - ئىچىدىن چىقىۋاتقان ياشلىرىنى توختىتالمىغان ئالمىرە ئۆزىنىڭ سەرگۈزەشتىلرىنى ئەنە شۇنداق سۆزلەر بىلەن باشلىدى.
  • ئاساسىي مەزمۇن: زەھەرلىك چېكىملىك چېكىش تۈپەيلى ئەيدىز ( AIDS ) دىن يۇقۇملانغان بولۇپ، ئۆتكەن يىلى 9 - ئايدا ئۆزىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) دىن يۇقۇملانغانلىقى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئېنىقلانغان. بىر بالىسى بار ، ئېرىدىن ئۆزى تەلەپ قىلىپ ئاجرىشىپ كەتكەن ...
  • ئاساسىي ئەھۋال : ئەسقەر ( ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم ) ، ئەر ، ئۇيغۇر؛ زەھەر چېكىش تۈپەيلى ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان. ئىلگىرى يۈرگەن قىزى بار بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن ئايرىلىپ كېتىش تەلىپىنى قويغان. ئىقتىسادىي كىرىم مەنبەسى يوق . چىقۇق كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇپ، داۋالىنىش جەريانىدا تېببىي خادىملارنىڭ يەكلىشىگە ئۇچرىغان...

  • ئاساسىي مەزمۇن : زەھەر چەككەنلىكى تۈپەيلى تەكشۈرۈلۈپ، ئەيدىز كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلىقى ئىنىقلانغان. سالامەتلىك ئەھۋالى كۈنسېرى ناچارلاشقان، ئائىلە ئەزالىرى دەسلەپ ھەممىسى قورقۇپ قېچىشقان، كېيىنچە ئەيدىز ھەققدىكى چۈشەنچىلىرى چوڭقۇرلاشقانسېرى بارا -بارا يېقىنلىشىپ ئارىغا ئېلىپ كەتكەن، ئۇنىڭغا كۆيۈنگەن، مېھرى - مۇھەببەت ئاتا قىلىشقان. نىكاھلانغان بولۇپ، ئايالىمۇ جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان.
    سۆھبەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى : بىگۇناھ ئايال ئەيدىزدىن يۇقۇملانغاندىن كېيىن ئائىلە مۇناسىۋىتىدە بولغان ئۆزگىرىش ، كېيىنكى ھايات مۇساپىسىنى قانداق بېسىش ...