يۈكسەل بلوگى

 

مانا ھەقسىز تېلېفون ! كومپۇتېردىلا ھەرقانداق تېلېفونغا ھەقسىز تېلېفون ئۇرالايسىز ...

 

  • ئۇيغۇر بلوگ ئۇيۇشمىسى قۇرۇلدى

    2008/04/06


    ئەسەر ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىڭ ! بلوگ يازمىلىرىنى رۇخسەتسىز ئىشلەتمەڭ !

     ئۇيغۇر بلوگ ئۇيۇشمىسى قۇرۇلدى

    نام سەل چوڭ بولۇپ قالدى ھە ! قانداق قىلىمىز ئەمدى، بلوگ ئاپتۇزىدىكى بلوگىرلارنىڭ زور كۆپچىلىكى يات تائىپىلەردىن ئىكەن. ئەگەر بۇ بلوگىرلاردىن پەرقلىنىپ ئۆزگىچىلىكىمىزنى تاپمىز دەيدىكەنمىز چوقۇم ئۇيغۇردىن ئىبارەت بۇ مۇقەددەس مىللەت نامىمىز ئاستىغا ئۇيۇشىشىمىز كېرەك ئىكەن. چۈنكى پەقەت شۇنداق قىلغاندىلا ، ئۆز خاسلىقىمىزنى نامايەن قىلالايدىكەنمىز.
    گەرچە پېقىر تورچىلىق ئىشلىرىدائىلىپنىڭ پۇچىقىنىمۇ بىلمەيدىغان، كۇمپيۇتېر تېخنىكىسىغا نامرات ئادەم بولساممۇ، ئۇيغۇر بلوگىرلارنىڭ ئۆز - ئارا پىكىر ئالماشتۇرىدىغان، تەجرىبە ئالماشتۇرىدىغان ، ئۆز ئارا ئۆگىنىدىغان سورىنىنىڭ بولۇشىنى ، مۇھىمى ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىنى مەلۇم تەرتىپ ۋە نىشانغا ئىگە قىلىدىغان بىر ئۇيۇشمىنىڭ بولۇشىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. شۇڭا، لايىق بولمىساممۇ ئاۋۋال يەڭ شىمايلاپ << ئۇيغۇر بلوگ ئۇيۇشمىسى >> نى قۇرۇپ چىقتىم.
    http://groups.blogbus.com/uyghur.html
    شۇنى ئالاھىدە خۇشاللىق بىلەن تەكىتلەپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدۇكى، بلوگ ئۇيغۇر تورداشلار ئارىسىدا تېز سۈرئەت بىلەن ئومۇملىشىۋاتقان پەيىتتە، ئۇيغۇر بلوگىرلار كىشىنى سۆيۈندۈرگىدەك ھەمكارلىق، ئىناقلىق، ئۇيۇشقاقلىق روھىنى نامايەن قىلدى. مانا بۇ ئەسلى ئۇيغۇر پۇشتىنىڭ ئېڭىغا سىڭگە ھەقىقى ئۇيغۇر روھى ئىدى. بىر قىسىم بلوگىر سەركىلەر ئۆزىنىڭ ۋاقتى ۋە زېھىنىنى سەرىپ قىلىپ كۆپلىگەن ھەۋەسكارلارنىڭ بلوگ ياسىۋېلىشىغا مېھنەتسىز ياردەم قىلدى. ئۆز ئارا پىكىرلىشىش ، ئالماشتۇرۇش ، دوستلۇق يۇقرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى. ئىشىنىمىزكى، ئەمدىلا بارلىققا كەلگەن ئۇيغۇر بلوگ ئۇيۇشمىسى مانا يۇقىرىقدە ئۇيۇشۇش روھىغا باي ئۇيغۇر بلوگىرلارنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بىلەن ساغلام تەرەققىي قىلىپ ، كۆپچىلىككە تېگىشلىك مېۋىسىنى بېرىدۇ!
    كامالىي ئېھتىرام بىلەن
    يۈكسەل
    2008 - يىلى 4 - ئاينىڭ - 6 - كۈنى





    评论

  • ئەسسالام ئەلەيكۇم
    ماڭا جىددى بىر بىلوگ لازىم بوپ قالغان ئىدى تىزىملىتىشنىمۇ تىزىملاتتىم ئەمما شۇ پەقەت ئۇيغۇرچىنى نۇرمال تۇنۇتالمىدىم بولسا مىنىڭ مۇشۇ بىلوگىمنى بىر ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ بەرگەن بولسىڭىزلەر بە خۇرسەن بولغان بولاتتىم
    http://wolkan.blogbus.com/ مۇشۇ بىلوگ شۇ .....ئىسىم بىلەن مەخپى نۇمۇرنى چ چ دا دەپ بەرسەم مەيلىتى بىر قىلىپ بەرگەن بولساڭلار 443538051 ۋولقان
  • ھە تاپتىم ، 加入该群组 دېگەن يەرنى ھازىرغىچە كۆزۈم كۆرمەپتىكەن ، ئىلتىماس قىلىۋەتتىم ، مەنمۇ قوشۇلالماي يۈرگىلى ئوزۇن بولغان .
    سىزگە بىر تەكلىپ بېرىپ قوياي ، سىزنىڭ بلوگىڭىزدا نېمە ئىش قىلسا ئايرىم بەتتە ئېچىلىدىكەن ، مەن ھەممە يېرىنى بەكلا ياقتۇرغان مۇشۇ يېرىنى ياقتۇرمىدىم .(سەمىمىي تەكلىپىم)
  • ئەمىسە مېنى قوشۇپ قويۇڭە، مەن قوشىلىدىغان يەرنى تاپالمىدىم ، ئۇنداقمۇ دۆت ئەمەستىم مەن. قايسى ئورۇندىن ئىلتىماس قىلىمىز؟
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! يۈكسەل ئەپەندىم بلوگىڭىزغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ كېلىۋاتىمەن ھەم ئۇيۇشمىغىمۇ ئەزا بولدۇم بىراق ئۇيۇشما ئۈچۈن ھېچ ئىش قىلالمايۋاتقاندەكلا ھېس قىلىۋاتىمەن بولسا مۇشۇ تېمىڭىزنى بلوگىمغا يوللاپ قويسام بولامدۇ(تەشۋىقات قىلىش مەقسىتىدە، ئەگەر قوشۇلسىڭىز)، يەنە بىر گەپ مەزكۇر ئۇيۇشمىنىڭ ئىقتىدار ئالاھىدىلىكلىرى توغرىسىدا تېما يوللاپ يېتەكلەش ئېلىپ بارسىڭىز دىگەن ئۈمىتتىمەن.
    يۈكسەل回复dunyakara说:
    ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، پېقىرنىڭ غېرىبانە كۆلبىسىگە ئارىلاپ زىيارەت قىلىپ تۇرغانلىقىڭىزغا كۆپ تەشەككۈر! ھەمدە مەزكۇر تېمىنى بلوگىڭىزدا ئېلان قىلسىڭىز تامامەن بولىدۇ.
    ئەمدى ئۇيغۇر بلوگ ئۇيۇشمىسىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە رولىغا كەلسەك، بىرلا سۇپىدا نەچچە ئونلىغان بلوگىرلارنىڭ بلوگىنى زىيارەت قىلىش، مەزكۇر ئۇيۇشما ئەزالىرىنىڭ ئەڭ يېڭى تېمىلىرىدىن بىرىنچى ۋاقىتتا خەۋەر تاپقىلى بولۇش قاتارلىق روللىرى بولۇشى مۇمكىن. ۋاقتىڭىز بولسا ئۇيغۇر بلوگ ئۇيۇشمىسى بېتىنى زىيارەت قىلىپ كۆرۈڭ. يەنە بىر پايدىلىق رولى شۇكى، مەزكۇر بلوگ ئۇيۇشمىسى ئەزالىرىنىڭ بلوگلىرىنى بىرمۇ بىر ئۇلانما قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق بولۇپ، پەقەت مۇشۇ بلوگ ئۇيۇشمىسى بېتىنى ئۇلانما قىلىپ قويسىڭىز، ئۇيۇشما بېتىدىكى باشقا بلوگرىلارنىڭ بلوگىنى ئوڭايلا زىيارەت قىلالايسىز....
    ئۇيغۇر تورداشلار بلوگنى ئەمدىلەتتىن تونۇۋاتىدۇ، جۈملىدىن بىزمۇ ھەم شۇنداق، شۇ ۋەجىدىن نۇرغۇنلىغان نەرسىلەر تېخى بىزگە تولۇق ئايدىڭ بولغىنى يوق، بىر قەدەم بىر قەدەمدىن ئۆگىنىۋاتىمىز.
    نۆۋەتتىكى قىلىدىغان ئىشىمىز بەلكىم مەزكۇر ئۇيۇشمنى تەشۋىق قىلىش بولسا كېرەك.
    2008-04-29 00:41:07
  • سىز بلۇگىڭىزنى ناھايتى ياخشى تۇزىۋاپسىز ! بۇلسا 模板 ھۇججەتلىرى بىلەن تەمىنلىگەن بۇلسىڭىز؟ ئەجرىڭىزگە رەخمەت ئۇقۇيمىەن، سىزنىڭ بىلۇگىڭىزنى ئۇلانما قىلىۋالدىم
    يۈكسەل回复نىبىيجان说:
    يۈكسەل بلوگىغا دىققەت قىلغانلىقىڭىزغا تەشەككۇر ! غېرىپ كۆلبەمنى داۋاملىق پەتىلەپ، ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان تېمىلاردا پېقىر ۋە كۆپچىلىك بىلەن پىكىرلىشىپ تۇرۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن!
    2008-04-28 15:40:23
  • بۇ ئۇيغۇر بىلوگ ئويۇشمىسىغا ئەزا بىلوگلارنى قانداق كۆرگىلى بولىدۇ؟
    يۈكسەل回复جۇشقۇن说:
    http://groups.blogbus.com/uyghur.html

    ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﻣﻪﻧﺰﯨﻠﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻗﺎﺭﯨﺴﯩﯖﯩﺰ ، ﺑﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺪﺍ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺑﻠﻮﮒ ﺋﯘﻳﯘﺷﻤﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﻪﺯﺍ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﻠﻮﮔﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﯧﺰﯨﻤﻠﯩﻜﻰ ﺑﺎﺭ، ﺷﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﺗﺎﻟﻼﭖ ﭼﻪﻛﺴﯩﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
    2008-04-18 22:31:26
  • يېڭى بىلوگىڭنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن!
    يۈكسەل回复يۇكسەل 327说:
    ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ ، ﺑﯘ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺑﻠﻮﮔﯩﻤﻼ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻗﯧﺮﻯ - ﻳﺎﺵ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ << ﻳﯜﻛﺴﻪﻝ >> ﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﻠﻮﮔﻰ ! ﻳﻮﻗﻼﭖ ﺗﯘﺭﯗﺷﯩﯖﻨﻰ، ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ - ﭘﯩﻜﯩﺮ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺗﯘﺭﯗﺷﯩﯖﻨﻰ، ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﻗﻮﻟﻼﭖ ﺗﯘﺭﯗﺷﯩﯖﻨﻰ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ !
    2008-04-09 12:24:22
  • ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﻠﻮﮒ ﺋﯘﻳﯘﺷﻤﯩﺴﻰ
    ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﯜﻥ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ، ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺵ، ﺋﺎﺑﺮﺍﻝ، ﺋﯜﻣﯩﺪ، ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻥ، ﺟﯘﺷﻘﯘﻥ، ﺋﯩﺰﺩﻩﻧﮕﯜﭼﻰ،ﻛﺎﺭﯞﺍﻥ، ﺋﻪﻳﻨﻪﻙ، ﺋﺎﺭﺍﻣﮕﺎﮬ ، ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ، ﻳﯜﻛﺴﻪﻝ ﺑﻠﻮﮔﻰ

    ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﻠﻮﮔﻼﺭ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺋﯘﻳﯘﺷﻤﯩﻐﺎ ﺋﻪﺯﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﯧﺘﯩﻠﺪﻯ. ﯞﻩ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﯜﻥ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ، ﺑﯘ ﺋﯘﻳﯘﺷﻤﺎ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﻠﻮﮔﯩﺮﻻﺭ << ﻛﻮﺭﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭ >>، << ﺑﻠﻮﮔﺒﺎﺳﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ >>، << ﺗﯧﻤﺎ ﻳﯧﺰﯨﺸﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﺩﺩﯨﻲ ﺋﻪﭘﻠﻪﺭ>> ، << ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﺩﺍ ﺋﻪﺑﺠﻪﺵ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭ >>، << ﺳﯜﺭﻩﺗﻨﻰ ﺳﯚﺯﻟﯩﺘﻪﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﯦﺘﺎﻝ>>، << ﺋﯩﻠﻰ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﻛﻪﯓ ﺳﯘﻏﺎ ﻛﯚﭼﯩﺸﻰ>>، << ﺑﻪﻳﺪﯗ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﮬﻪﻗﺴﯩﺰ ﯞﯨﺮﯗﺱ ﺗﺎﺯﯨﻼﺵ >> ... ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺋﻮﻧﻨﻪﭼﭽﻪ ﻳﯧﯖﻰ ﺗﯧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﺪﻯ، ﺑﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﻯ ﮬﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻟﻪﺭﺩﻩ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﻯ ﺗﯧﺨﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﯩﻨﻰ ﻳﻮﻕ.
    ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﻠﻮﮒ ﺋﯘﻳﯘﺷﻤﯩﺴﻰ ﺑﯩﺮﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺋﻮﻗﯘﺭﻣﻪﻧﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮﻻ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﻠﻮﮔﯩﺮﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﻠﻮﮔﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻳﯧﯖﻰ ﻳﺎﺯﻣﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﺗﯧﭙﯩﺶ ﯞﻩ ﺗﺎﻟﻼﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﭘﯘﺭﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﺴﺎ، ﺑﻠﻮﮔﯩﺮﻻﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﺑﻠﻮﮔﯩﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯚﭖ ﺋﻮﻗﯘﺭﻣﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯜﺯ ﻛﯚﺭﯛﺷﺘﯜﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﻪﮬﻨﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻦ ﺋﻪﺗﺘﻰ.
    ﺩﯦﻘﻘﯩﺘﯩﯖﯩﺰ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﻠﻮﮒ ﺋﯘﻳﯘﺷﻤﯩﺴﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻱ !
    ﻣﻪﻧﺰﯨﻞ: http://groups.blogbus.com/uyghur.html
    http://yuksel.blogbus.com
  • كەمىنە ئاقساقاللىق قىلىپ، بۇ بلوگ ئۇيۇشمىسىنى قۇرۇپ جاكارنامە چىقىرىپ قويغىنىمى بىلەن ئەمما بىلىدىغانلىقىرم دېڭىزدىن تامچە. شۇڭا، كەڭ بلوگىر دوستلارنىڭ بۇ ھەقتە كۆپرەك تەلىم بېرىشىگە مۇھتاجمەن! مۇشۇنداق بىر توپنىڭ بولۇشى ھەممەيلەنگە نۇرغۇن قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىدىكەن.