يۈكسەل بلوگى

 

مانا ھەقسىز تېلېفون ! كومپۇتېردىلا ھەرقانداق تېلېفونغا ھەقسىز تېلېفون ئۇرالايسىز ...

 

  • ئۇلانما ئالماشتۇرۇش جاكارى

    2008/06/02


    ئەسەر ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىڭ ! بلوگ يازمىلىرىنى رۇخسەتسىز ئىشلەتمەڭ !

    ئۇلانما ئالماشتۇرۇش جاكارنامىسى

    ئاللاھنىڭ ئىرادە ئېتىشى،  بلوگچى بۇرادەرلەرنىڭ قەلبىمىزدە بلوگقا ئىشتىياق ئوتى يېقىشى، بىزنىڭمۇ بلوگىرلار سىېپىگە قېتىلىشىمىزغا سەمىمىي ياردەمدە بولۇشى  ، شۇنداقلا ئۆزىمىزنىڭ ئاز - تولا تىرىشچانلىقىمىز  بىلەن << يۈكسەل بلوگى >> نى ياساپ كەڭ تورداشلار ھوزۇرىغا سۇنغىنىمىزغا مانا بۈگۈن ساق 2 ئاي توشۇپتۇ. بۇ ۋاقىت گەرچە تولىمۇ قىسقا بولسىمۇ، بلوگ ھەققىدە ئاز نەرسىلەرنى ئۆگەنمىدۇق. يېڭى ئۆگەنچى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئاز بولمىغان توسالغۇلارغا - قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىدۇق. ئەمما، ھامان بوشاشماي تىرىشىش، دوستلاردىن ئۆگىنىش - ھەمكارلىشىش ئارقىلىق بلوگىنىڭ مۇقىملىقىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئىشقا ئاشۇردۇق. مانا ئەمدى بلوگىمىزنىڭ مۇشۇ قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدىكى زىيارەت مىقدارى 12000 مىڭدىن ئارتىپ، كۈندىلىك مۇقىم زىيارەتچىسى 100 ئادەم قېتىمغا يەتتى. بلوگ مەزمۇنى ئاۋۇپ مەلۇم كۆلەمگە ئىگە بولدى. بىز بۇيەردە ئالدى بىلەن بىزگە يېقىندىن ياردەمدە بولغان ئۆگىنىش بلوگى، ئارامگاھ بلوگى، تەكلىماكان بلوگى قاتارلىق بلوگلارغا چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەرەققىياتىغا زور مۇۋاپپىقىيەت تىلەيمىز! ئەگەر ئۇلارنىڭ ياردىمى - كۆرسەتمىلىرى بولمىغان بولسا، بۈگۈنكى نەتىجىلىرىمىز بولمىغان بولۇشى مۇمكىن ئىدى. ئاندىن، بلوگىمىزنى تەشۋىق قىلىشتا ئىزچىل ياخشى ئىجتىمائىي سورۇن ھازىرلاپ بەرگەن ئىزدىنىش مۇنبىرى، شەبنەم، سەلكىن قاتارلىق تور بېكەتلەرگە مەمنۇنلىقىمىزنى ئىپادە قىلىش بىلەن بىرگە ھەمكارلىقىمىزنىڭ ئوزۇنغىچە داۋام ئېتىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز! ئاخىرىدا << يۈكسەل بلوگى >> نى زىيارەت ئېتىپ، ئېسىل پىكىر تەلقىنلىرى بىلەن غېرىبخانىمىزنى ئاباد ئېتىۋاتقان كەڭ زىيارەتچى تورداشلىرىمىزغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرۈمىز. ئۇلارنىڭ بۇندىن كېيىنمۇ داۋاملىق << يۈكسەل بلوگى >> نىڭ تەرەققىياتىغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز!

    بۇ قىسقىغىنا 2 ئاي ۋاقىت ئىچىدە بلوگچىلىق ھەققىدە مەلۇم تەجرىبە - ساۋاقلارغا ئىگە بولدۇق. بۇلاردىن بىر تامچىسى دەل بلوگىرلار ئارا مۇناسىۋەت باغلاش، ئورتاق ھەمكارلىشىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. ئاتىلار شۇنداق ئېيتىقانكى، يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقماس، چېڭى چىقسىمۇ دېڭى چىقماس . بەرھەق بلوگچىلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقانداق بىر ئىشتا ھەمكارلىق بولمايدىكەن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تاماملاش بەسى مۇشكۇلدۇر. دەل مۇشۇ سەۋەبلىك ئۆزىمىزنىڭمۇ بلوگىرلار ئارا مۇناسىۋەت باغلاشقا ئەھمىيەت بېرىشىمىز زۆرۈلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇق.
    بۇندىن بۇرۇن خېلى كۆپ قىسىم بلوگىر دوستلار ئۇلانما ئالماشتۇرۇش ھەققىدە توختالغان ، تەكلىپنامە يوللاشقان ئىدى. ئەمما، << يۈكسەل بلوگى >> نىڭ دوسقىنىدا تۈزۈك ناننىڭ يوقلىقى، قالپاققا چۇشلۇق قىرغىز بولالمىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، سۈكۈت ئىچىدە تۇرغانىدۇق. مانا ئەمدى، دەسلەپكى نەتىجىلەر بىزگە ئۈمىد ۋە ئىشەنچ بېغىشلىدى. بلوگىرلار ئارا مۇناسىۋەتتە دادىل بولۇش جۈرئىتىنى ئاتا قىلدى. شۇ ۋەجىدىن مانا ئەمدى، ئۆزىمىز << بلوگىرلار ئارا ئۇلانما ئالماشتۇرۇش >> جاكارى چىقىرىپ، كەڭ بلوگىر دوستلار بىلەن ئۆز - ئارا ھەمكارلىشىپ، قول تۇتۇشۇپ بىرگە تەرەققىي قىلىش يولىنى باسماقلىقنى نىيەت قىلدۇق.

    ئۇلانما ئالماشتۇرۇش شەرتلىرى

    1. ئۇلانما ئالماشتۇرغۇچى بلوگ چوقۇم جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۈرلۈك قانۇن - نىزاملىرىغا  ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن - تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رېئايە قىلغان ئاساستا تور پائالىيىتى قىلىدىغان بلوگ بولۇشى كېرەك. يەنى مەزمۇنى چوقۇم ساغلام بولۇشى كېرەك.
    2. ئۇلانما ئالماشتۇرغۇچى بلوگ ئالدى بىلەن << يۈكسەل بلوگى >> نى ئۆزىنىڭ بلوگىدا ئۇلىنىش قىلغان بولۇشى كېرەك.
    3. << يۈكسەل بلوگى >> بارچە بلوگلارنى پەقەت باش بەتتىلا ئۇلىنىش قىلىدۇ. ئۇلانما ئالماشتۇرغۇچى بلوگمۇ تامامەن شۇنداق قىلىشقا ھوقۇقلۇق، ئەگەر باشقا بەتلەردىمۇ ئۇلىنىش قىلىپ قويماقچى بولسا، بىز چەكسىز رەھمەت ئېيتىمىز، ئەمما، جاۋابەن ھېچ ئىش قىلالمايمىز.
    4. ئۇلانما ئالماشتۇرغۇچى بلوگ چوقۇم ئىجادىي مەزمۇندىكى بلوگ بولۇشى كېرەك. ئەگەر باشقا مۇنبەر - تور بېكەتلەردىن يىغىپ تۆشەپ كېلىنگەن مەزمۇنلاردىن تۇرغۇزۇلغان قازناقسىمان بلوگ بولسا مەڭگۈ ئۇلىنىش قىلىنمايدۇ.
    5. ئۇلانما ئالماشتۇرغۇچى بلوگ چوقۇم ئۇيغۇر تىلىدىكى بلوگ بولۇشى، خەت نۇسخىسى يۇنىكود ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولغان بلوگ بولۇشى كېرەك.

    يۇقىرىقى شەرتلەرنى ھازىرىلغان ، << يۈكسەل بلوگى >> نى نەزەر كۆزىگە ئېلىپ، ئۇلانما قىلىشنى ۋە ئۆزىنىڭ بىلوگىنى << يۈكسەل بلوگى >> دا ئۇلىنىش قىلىشنى خالايدىغان بلوگىر دوستلارنىڭ مەزكۇر جاكارنامە ئاستىغا ئىنكاس ئارقىلىق ئۇلىنىشنى قالدۇرۇشنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئۈمىد قىلىمىز!  ئىنكاس يازغاندا بلوگ ئادرېسىڭىز ۋە ئېلخەت ئادرېسىڭىزنى چوقۇم توغرا يېزىشقا دىققەت قىلىڭ! ئەگەر ئاۋارىچىلىق ھېس قىلمىسىڭىز بلوگڭىزنىڭ ئاساسى مەزمۇنى، تەرەققىيات يۆنىلىشى ھەققىدە قىسقىچە توختالسىڭىز تېخى ياخشى . بۇ ھەممەيلەن ئۈچۈن قىممەتلىك ستاتا ماتېرىيال بولۇپ قالىدۇ.

    كامالىي ئېھتىرام ئىلە

    << يۈكسەل بلوگى >>
    yuksel.blogbus.com





    评论

  • مېنمۇ ئۇلىنىش قېتىپ قويسىڭىز؟
    مەنمۇ سىزنى قوشۇپ قويدۇم.
    بلوگ ئىسمى:ئەزمەت520 بلوگى
    تۇغ ئادرىس:http://upimg.anamakan.cn/upload/1234082837x2088206321.gif
    بېكەت ئادىرسى:http://azmat520.blogbus.com/
  • شەپقەت بىلوگى سىزنىڭ ئۇلىنىش قىلىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىدۇ. سىزنى ئۇلىنىشقا قىتىپ قويدۇم
  • مەن بۇ بلوگنى ئۇلىنىش قىلىپ قويدۇم. مېنىڭ بلوگىمنىمۇ ئۇلىنىش قىلىپ قويسىڭىز.
    تۇغ ئادىرسىم:
    http://www.shineblog.com/UploadFiles/2009-1/125518589.jpg
  • ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم!
    مەنمۇ تېخى بۈگۈن بلوگدىن بىرنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرىۋالدىم. ئاساسلىقى ئۆزەمنىڭ خاتىرىسى، كومپىيۇتېر ۋە تور بىلىملىرى شۇنداقلا تور تەرمىلىرىنى ئاساس قىلىمەن. مېنىمۇ ئۇلىنىشىڭىزغا قېتىۋېلىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن! تەشەككۈر!
    بلوگ نامى: ھايات دولقۇنى
    http://dolqun.blogbus.com
  • ئەسسلاممۇ-ئەلەيكۇم ...ئالدى بىلەن بىلۇگڭىزنىڭ ئۇيغۇرلار ئارسىدىكى 10چوڭ بىلۇگ قاتارىغا كىرگىننى قىزغىن تەبرىكلەيمەن ....
    بىلۇگىمنىڭ سىز قۇرغان ئۇلىنىش قاتاردىن ئۇرۇن ئېلشنى بەكمۇ ئۈمۈد قىلاتتم ....مۇمكىن بولسا .....
    بىلۇگ ئىسمى :ئېرا بىلۇگى
    بىلۇگ ئادىرسى :http://era123.blogbus.com
    بىلۇگ تۇغ ئادىرسى :http://era123.blogbus.com/files/12264184570.gif
    بىلۇگ مەزمۇنى: ئاساسلىق كومپيۇتېر ...پىروگىرامما تۈزۈش ...ۋە كومپيۇتېر ساھەسدىكى داڭلىق كىشلەر ..ITئۇچۇرلىرى قاتارلىقلار ....
    بىلۇگىمنىڭ ئۇلىنىش قاتاردىن ئۇرۇن ئېلشنى بەكمۇ ئۇمۇد قىلمەن ..
    يۈكسەل回复ئېرا بىلۇگى说:
    ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!
    شېرىن تىلەكلىرىڭىزگە ، قۇتلاشلىرىڭىزغا تەشەككۈر!
    تەلىپىڭىز بويىچە ئىرا بلوگى يۈكسەل بلوگىنىڭ خاس ئۇلىنىش بېتى << رىشتە ئۇلىنىشلىرى >> بېتىدە 3 كۈنگىچە ئۇلىنىشقا قېتىلىدۇ. ۋاقىپ بولۇپ قالغايسىز. سىزگىمۇ زور مۇۋاپپەقىيەتلەر نىسىپ بولغاي...
    2009-01-11 13:26:39
  • ئەسسالامۇئەلەيكۇم !
    ئۇيغۇرچە بلوگلار توپلىمى يۈكسەلنى ئون چوڭ بلوگ تۈرىگە كىرگۈزۈپ ، يان بەتتە يېڭى ئۇچۇرلىرىنى كۆرسىتىپ تۇرۇ پ تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ . مەن بلوگىڭىزنى قوللايمەن .
    ئۇلىنىشتىن ماڭىمۇ بىر كىشلىك ئورۇن بېرەرسىزمۇ ؟
    ئۇلانمىلار بلوگى : http://ulanmilar.blogspot.com/
    تۇغ ئادرېسى :
    http://www.shineblog.com/UploadFiles/2009-1/14141373.jpg
    يۈكسەل回复ئۇلانمىلار说:
    << ئۇلانمىلار >> ئۇيغۇرچە بلوگلار توپلىمىنىڭ ئۇيغۇرچە بلوگلارغا خاس ئۇلىنىش بېتى قۇرۇپ چىقىش ھەققىدە قىلىۋاتقان ئەمگەكلىرىگە يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتىمىز. ھەم مەزكۇر بەتنىڭ يۈكسەل بلوگى ئۈچۈن تېگىشلىك جاي ھازىرلاپ بەرگەنلىكىگە چىن كۆڭلۈمىزدىن تەشەككۈر ئېيتىمىز!
    ئۇيغۇرچە بلوگ توپلىمى يۈكسەل بلوگىنىڭ << رىشتە ئۇلىنىشلىرى >> بېتىدە ئۇلىنىش قىلىندى.
    2009-01-07 18:39:19
  • مىنى ئۇلىنىشقا قېتىۋىلىشىڭىزنى قارشى ئالىمەن... مىنىڭ بىلوگۇمدا شەخسىي تۇرمۇشقا ئائىت نەرسىلەر يىزىلغان بولۇپ، باشقا يەرلەردىن كۆچۈرۈپ كىلىنمىگەن.
    يۈكسەل回复tikran说:
    بلوگىڭىز يۈكسەل بلوگىنىڭ << رىشتە ئۇلىنىشلىرى>> بېتىدە ئۇلىنىش قىلىندى.
    2009-01-06 12:57:40
  • مىنىمۇ قۇشۇپ قۇيۇڭ
    يۈكسەل回复قاراقچى بلوگى说:
    بلوگىڭىز يۈكسەل بلوگىنىڭ << رىشتە ئۇلىنىشلىرى>> بېتىدە ئۇلىنىش قىلىندى.
    2009-01-06 12:57:48
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !!
    مىنى ئۇلىنىش قىلۋىلىڭ ،مەن سىزنى ئۇلىنىش قىلۋالدىم ....
    كۆك دالا بىلوگى
    www.kokdala.cn
    http://kokdala.uzblog.cn/files/2008/12/logo11.gif
    يۈكسەل回复كۆك دالا بىلوگى说:
    بلوگىڭىز يۈكسەل بلوگىنىڭ << رىشتە ئۇلىنىشلىرى>> بېتىدە ئۇلىنىش قىلىندى.
    2009-01-06 12:57:59
  • مىنى قىتىۋىلىڭ ،كۆك دالا بىلوگى،
    www.kokdala.cn
    http://kokdala.uzblog.cn/files/2008/12/logo11.gif
  • ئەسسالامۇئەلەيكۇم!
    ئاينۇرى بلوگىنى ئۇلىنىشقا قوشۇپ قويسىڭىز ، ئادىرسى:
    http://aynuri.uzblog.cn
    يۈكسەل回复ئاينۇرى说:
    بلوگىڭىز يۈكسەل بلوگىنىڭ << رىشتە ئۇلىنىشلىرى>> بېتىدە ئۇلىنىش قىلىندى.
    2009-01-06 12:58:11
  • مىنىڭ تور تۇرايىمنى قوشىۋېلىشڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن.
  • بىلوگىمنىمۇ ئۇلىنىشقا قوشۇپ قويسىڭىز

    بىلوگ نامى : ئىشتىياق ئېنگىلىز تىلى
    ئادرىسى :http://ixtiyak.blogbus.com/
    يۈكسەل回复ئىشتېياق说:
    بلوگىڭىز يۈكسەل بلوگىنىڭ << رىشتە ئۇلىنىشلىرى>> بېتىدە ئۇلىنىش قىلىندى.
    2009-01-06 12:58:23
  • يۈكسەل ئەپەندى ، رىشتە بلوگ ئۇلىنىشىدىكى ئۇيغۇرتېكىن بلوگى دېگەن بلوگ يەنى http://ismayil.blogbus.com نىڭ نامى ئۆزگەرگەن بولۇپ ، ھازىرقى نامى : ئىسمايىل بلوگى . ئەمدى سىز ئۇيغۇرتېكىن دەپلا ئىلان قىلغان بلوگ نامى ئۇيغۇرتېكىن بلوگى . يەنى بلوگ دۇنياسىدا ئۇيغۇرتېكىن بلوگىدىن بىرسىلا بولغۇسى ! يۈكسەل ئەپەندىنىڭ بۇ نوقتىنى توغرا چۈشىنىشى ۋە ئۆزگەرتىپ قويىشىنى ئۈمىد قىلمەن .
  • ئەسسالامۇئەلەيكۇم1
    بۇ تور خاتىرىسىنىمۇ قۇشۇپ قۇيۇشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن!
    يۈكسەل回复ياسىر说:
    تەلىپىڭىز بويىچە تور خاتىرىڭىز 3 كۈن ئىچىدە يۈكسەل بلوگىنىڭ خاس ئۇلىنىش بېتى << رىشتە ئۇلىنىشلىرى >> بېتىگە قوشۇلىدۇ. سىزنىڭمۇ ئۇلانما ئالماشتۇرۇش جاكارنامىسىدىكى كېلىشىم بويىچە، يۈكسەل بلوگىنى ئۆز تور خاتىرىڭىزدە ئۇلىنىش قىلىپ قويۇشىڭىزنى سورايمىز!
    2008-12-23 21:11:36
  • مەنمۇ بۇ بىلوگ ياساش سېپىگە يېڭى قۇشۇلدۇم ، بەلكىم كىيىنكى يىللىق ئون چوڭ بلوگ باھالاشتا مىنىڭ بىلوگىممۇ چىقىپ قالار ھى ھى چاقچاقمۇ قۇلۇپ قويدۇم مىنىڭ بلوگىمنىمۇ ئۇلىنىش قىلىو قويسىڭىز http://sargardanlar.blogbus.com
  • ئالدىنقى قېتىم بلوگىمىز توغرىلىق ئىنكاس يېزىپتىمەن- يۇ، "بلوگىمىزنى ئۇلىنىش قىلىپ قويسىڭىز" دەپ ئۆتۈنمەپتىمەن. ھېلىمۇ كېچىكمىگەندىمەن دېگەن ئۈمىدتە، مۇمكىن بولسا بلوگىمىزنى ئۇلىنىش قىلىپ قويۇشىڭىزنى سورايمەن.
    ھۆرمەت بىلەن: ساكۇرا ئۇيغۇر بلوگى
    ئادرېس: http://sakurauyghur.blogspot.com
  • يۈكسەل ئەپەندى ، بلوگىڭىز ئۇلىنىشىدىكى ئۇيغۇرتېكىن بلوگى ھازىر ئىسمايىل بلوگىغا ئۆزگەرگەن بولۇپ ، ئۇيغۇرتېكىن دېگەن ئىسىمغا http://uyghurtekin.blogbus.com دېگەن ئۇلىنىش ئادىرسىنى ئۇلاپ قويغايسىز . ئۇيغۇرتېكىن بلوگىنىڭ بۇندىن كېيىنكى داېملىق ئۆزگەرمەي قوللىنىلىدىغان نامى ۋە ئادىرسى مۇشۇ شۇڭا قوشۇپ قويسىڭىز .
    ھۆرمەت بىلەن : ئۇيغۇرتېكىن ئەپەندى .
  • ئەسسالامۇئەلەيكۇم ، يۈكسەل ئەپەندى ، ئۇيغۇرتېكىن بلوگىنى ئۇلىنىشقا قوشۇپ قويغايسىز .
    بلوگ ئادىرسىمىز : http://uyghurtekin.blogbus.com
    بلوگ نامى : ئۇيغۇرتېكىن بلوگى
  • مىنىڭ بلوگۇم يىڭى قۇرۇلدى. ئەمما تەرەقىي قىلدۇرۇشقا كۆزۈم يىتىدۇ، ئەلۋەتتە بۇ سىزنىڭ قوللىشىڭىزدىن ئايرىلمايدۇ.
    بلوگ ئادرىسى: sword.uzblog.cn
    ئىسمى : تىھران بلوگى
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم......كانادا ئۇيغۇر ستۇدېنت بلوگىنى ئۇلىنىش قىلىپ قويسىڭىز.........رەھمەت سىزگە...
  • سالام يۈكسەل ئەپەندى:
    نىمىشقىدۇ ئۇيغۇر بىلۇگ ئۇيۇشمىسىغا ئەزا بولالمىدىم. بىر نەچچە قېتىم سىنىساممۇ نەتىجە ئوخشاش. يەنە بىر گەپ، ئۇيۇشمىدا <ئوۋچى بىلۇگى>دەپ تۇرىدۇ.لىكىن چەكسەم تەكلىماكان بىلۇگى ئېچىلىۋاتىدۇ. نىمە ئىشقىلىقىنى بىلەلمىدىم.
    يۈكسەل回复owqi说:
    ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!
    ئۇيغۇر بلوگ ئۇيۇشمىسىغا تىزىملىتالماسلىقىڭىزدىكى سەۋەب شۇكى، مەزكۇر ئۇيۇشما ھازىر ئۆز فۇنكىسىيىسىدىن قالدى. چۈنكى، بۇ ئۇيۇشمىنىڭ تەرەققىيات بوشلۇقى ۋە ئىقتىدارى چەكلىك بولۇپ قالدى. يەنە بىر تەرەپتىن مەزكۇر ئۇيۇشما ئېلان قىلىنىپ ئاز ئۆتمەي ئۇيغۇر بلوگ بىرلەشمىسى دەيدىغان ئىقتىدارى ئوپمۇ ئوخشاش ئۇيۇشمىدىن بىرى بارلىققا كەلدى. شۇنىڭ بىلەن پېقىر بىر ئىشنى ئىككى قىلىپ يۈرمەيلى دەپ، ئۇيغۇر بلوگ ئۇيۇشمىسىنى بىكار قىلدىم. ئۇيغۇر بلوگ ئۇيۇشمىسىدىكى ئوۋچى بلوگى سىزنىڭ ئەمەس بەلكى بىرەيلەن شۇ نامدا باشقا بلوگ ئىلتىماس قىلغان بولۇشى ئېھتىمال.
    2008-12-07 00:50:25
  • مەخسۇس ئەدەبىي ئىجادىيەت بلوگى
    كەمىنە مىڭ يىللار بۇرۇن يۈكسەلنى ئۇلىنىشقا قوشۇپ قويغان.
    مەنزىل: http://blog.78.la/u/abduraxiteli/
    يۈكسەل回复ئابدۇرېشىت ئېلى说:
    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
    كونا مۇنبەردىشىمىز ئابدۇرېشىت ئاكىمىزنىڭ بلوگىنى تاكى مۇشۇ كەمگىچە ئۇلىنىشقا قوشۇپ قويمىغىنىمىز ھەقىقەتەن كىشىنى ئۇياتقا قويغۇدەك سەت ئىش بولۇپتۇ. كەمىنە ئىنىڭىزنىڭ بۇشاڭلىقىنى ئەپۇ قىلغايسىز. مانا ھازىرلا سىزنىڭ بلوگىڭىز يۈكسەل بلوگىدا ئۇلىنىش قىلىنغۇسى! بلوگ ھەققىدە تەكلىپ - پىكىر ، كۆرسەتمە بەرگەيسىز !
    2008-12-07 00:43:36
  • بىلوگىمدا مەخسۇس كومپىيۇتىر تارىخىدىكى مەشھۇر كىشلەر تونۇشتۇرۇلىدۇ.
  • ئۆز-ئارا ئۇلىنىش قىلايلى
    مەھەللە نامى: بىزنىڭ بلوگ
    ئادىرىسى: http://blog.bizning.com
    يۈكسەل回复ئەنقا说:
    ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!
    تەلەپلىرىگە بىنائەن بلوگلىرى << يۈكسەل بلوگى >> دا ئۇلىنىش قىلىندى.
    2008-12-07 01:02:07
  • مەن سىزنى ئۇلىنىش قىلىپ قويدۇم ...مىنڭمۇ ئۇلىنىش قىلىپ قويارسىزhttp://tilugan.blogbus.com/

    تىل ئۆگەن
  • ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم << يۈكسەل >> ئەپەندى ! مىنىمۇ ئۇلىنىش قىلىپ قويغايسىز!
    دىلكەش613 بىلوگى
    http://dilax613.blogbus.com
    رەخمەت!
  • مېنىڭ بلوگىم سىزگە يارىمىسا ئولىنىش قىماڭ بولدى ،ئەمما بولسا ماڭا پىكىر تەلەپلەر بولسا بەرگەن بولسىڭىز ،بلوگىمنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا پايدىسى تېگىپ قالاتتى!
  • مېنىڭ بىلۇگۇمنىمۇ ئۇلىنىشقا قېتىپ قويارسىز يۈكسەل ئەپەندى. مەنمۇ قېتىپ قويدۇم.
    بىلۇگ ئادرىسىم: http://zulmet.blogbus.com/
    يۈكسەل回复owqi说:
    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ئوۋچى ئەپەندىنىڭ يۈكسەل بلوگىنى ئۆز بلوگىدا ئۇلىنىش قىلغانلىقىغا كۆپ تەشەككۈرلەر بولسۇن! سىزنىڭ بلوگىڭىزنى ھەم يۈكسەل بلوگىدا ئۇلىنىش قىلىپ قويدۇق. ئوۋچى تور خاتىرىسىگە يېڭى يۈكسەك مەنىزللەرنى تىلەيمىز!
    2008-11-30 23:49:09
  • ئەسسالامۇ ئەلەركۇم !
    سىزنى ئۇلىنىشقا قوشىۋالدىم ، مىنىمۇ قوشۋېلىشىڭىزنى ئۇمۇت قىلىمەن !
    تۈركچە ئۆگىنىش بلوگىنىڭ ئادرىسى: http://lreanturkish.blogbus.com
    تۇغ ئادرىسى : http://lreanturkish.blogbus.com/files/12258205420.jpg
评论分页:共4页 1 2 3 4 下一页 最后一页