يۈكسەل بلوگى

 

مانا ھەقسىز تېلېفون ! كومپۇتېردىلا ھەرقانداق تېلېفونغا ھەقسىز تېلېفون ئۇرالايسىز ...

 

  • بېلەت تاشلىغۇچىلارغا جىددىي ئاگاھنامە

    2008/12/17


    ئەسەر ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىڭ ! بلوگ يازمىلىرىنى رۇخسەتسىز ئىشلەتمەڭ !

     

    يۈكسەل بلوگى تەشكىللەپ ئېلىپ بېرىۋاتقان << ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگ >> نى باھالاش پائالىيىتى ناھايىتى قىزغىن كەيپىياتتا ، ئادىل ئېلىپ بېرىلىۋاتقان، كۆپچىلىكمۇ كىشىلىك پەزىلەتنى ، ھەققانىيلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلگەن ئاساستا مەزكۇر پائالىيەتكە ئىشتراك ئېتىشكەن ئىدى. ھالبۇكى ، ئىنتايىن ئاز ساندىكى كىشىلەر مەزكۇر پائالىيەتكە بۇزغۇنچىلىق قىلماقتا. ئۇلار بېلەت تاشلاش پروگىراممىسىنىڭ يۇچۇقىدىن پايدىلىنىپ ئايرىم ساندىكى بلوگلارغا تەكرار بېلەت تاشلىماقتا. ھەتتا ، بەزى ئەھۋال كىشىنى چۈچىتىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال، تورداشلىرىمىزدىكى بۇ خىل سەمىمىيەتسىزلىك ۋە پەزىلەتسىزلىك بىزنى چوڭقۇر ئويغا سالماقتا! ...
    تۆۋەندە بىز ئامالىسزلىقتىن 2 بلوگقا سېرىق ئاگاھلاندۇرۇش كارتىسى چىقارماقچىمىز :

    1. دۇنيا قارا بلوگى

    مەزكۇر بلوگقا
    بۈگۈن ئەتتىگەن 2 سائەتكە يەتىمىگەن ۋاقىت ئىچىدە 124.118.64.11 ۋە 124.118.65.243 ئىككى IP دىن 130 يېقىن بېلەت تاشلانغان.

    2. ئىلىم - پەن بلوگى

    مەزكۇر بلوگقا ھازىرغىچە ئىلگىرى - ئاخىرى بولۇپ 124.117.226.38 دىن 100 گە يېقىن بېلەت تاشلانغان.

    بىز بۇ يەردە بۇ ئىككى بلوگنىڭ ئىگىسىنى ساختىلىق قىلىۋاتىدۇ دېمەكچى ئەمەسمىز. ئەمما، يۇقىرىقىدەك ئىشنىڭ مەۋجۇدلىقى ھەقىقەت. ئەگەر بۇ ئىش تەكرارلىنىۋەرسە مەزكۇر باھالىشىمىزنىڭ نەتىجىسىگە ۋە ئىناۋىتىگە زور دەرىجىدە تەسىر يېتىدۇ. بىز ئىلگىرى بۇ ھەقتىمۇ ئازراق ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن ۋە تېما بېشىدا قىزىل رەڭدە ئالاھىدە ئىشارە قىلغان ئىدۇق. ئەمما، ئاخىرى ئىلاجىسىزلىقتىن ئۇشبۇ ئاگاھنامىنى ئېلان قىلىشقا مەجبۇر بولدۇق.
    يۇقارقى ئىككى بلوگنىڭ نەتىجىسى بەلكىم بۇ قېتىملىق باھالاشقا كىرگۈزۈلمەسلىكى مۇمكىن. ئەگەر كىرگۈزۈش توغرا كەلسە ، ئوخشاش IP دىن تاشلانغان بېلەت سانى نەزەردىن ساقىت قىلىنپ ئاندىن قارار چىقىرىلىشى مۇمكىن. كۆپچىلىك ۋاقىپ بولۇپ قالغاي!

    ئاخىرىدا ، بېلەت تاشلىغۇچى تورداشلارنىڭ يەنىلا كىشىلىك پەزىلەت ۋە ھەققانىيلىقنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز.





    评论

  • بۇنداق باھالاشلارنىڭ باھالانغۇچىغا قانداق پايدىلىق تەرەپلىرى بار؟ئىقتىسادى جەھەتتىن موكاپات سوممىسى بىرىلەمدۇ؟ ياكى شان-شەرەپ ئەكىلىدىغان تەقدىرنامە بېرىلەمدۇ؟ بۇپائالىيەتكە شۇنچە ئەستايىدىللىق كېتەمدۇ؟سۇز ئۆز بىلوگىڭىزنى نىمەمەقسەتتە قۇرغان؟
    دوسلار ،يۇقارقى سۆزلەرنى ئوقۇپ خاپا بولماڭلار!مېنىڭچە ئۆزىڭىزنىڭ قىلغىنىڭىز (بىلوگىڭىزنى باشقۇرىشىڭىز)توغرا ۋە ئۆز كوڭلىڭىزدە توغرا قىلدىم،ئۆز مەقسىدىم(نىشانىم) بويىچە قىلدىم،دىيەلىسىڭىزلابۇسىزگە ئەڭ چوڭ موكاپات ۋە شان شەرەپ.
    مىنىڭ ئۆز بىلوگىمنى قۇرۇشتىكى مەقسىدىم شۇكى (1)ئۆزەم كومپىيوتىر ئۆگەنگەندە خەنزۇ تىلىدا ئۆگەنگەن،ھازىر ئىشلەتكەندە بولسا ئويغۇر تىلىدا ئىشلىتىمەن.بۇ جەرياندا نۇرغۇنلىغان ئاتالغۇلار،سۆزلۇكلەرنىڭ ئويغۇرچە نامى ۋە تەرجىمىسىنى تاپالماي خىزمەت ۋە سودا جەريانىدا نۇرغۇنلىغان قولايسىزلىقلار ئېلىپ كەلدى.بۇ جەرياندا بەزى تور بەت ۋە لۇغەتلەرگە ئىلتىجا قىلغان بولساممۇ مىنىڭ ئىھتىياجىمنى قاندۇرالمىدى.ھەتتا بەزى خەنزۇچە سۆزلۇكلەر تېخى يېقىندىلا مەيدانغا كەلگەن،ئۆزلەشتۇرۇلگەن.شۇنداق بولغاچقا ئويغۇرتىلىدا بۇ سۆزلەرگە ماس كېلىدىغان سۆزلۇكلەرنى تېپىش تېخىمۇ قىيىنكەن.شۇڭا مەن ھازىر ئامال بار كومپىيوتىر ساھەسىدىكى خەۋەر،يېڭىلىق ۋە ئىجادىي ماقالىلارنى يوللاۋاتىمەن.مىنىڭ ئارزۇيۇم شۇكى كۇنلەرنىڭ بىركۇنى مىنىڭ بىلۇگىممو ئۇلىنىش ،بىلىگ ۋە ئويغۇر سولفىت تور بىكەتلىرىدەك تەسىرگە ئىگە بولسا ،مەن تەرجىمە قىلغان(ئىشلەتكەن) سۆزلۇكلەر ئۆلچەملىك سۆزلۇك بولۇپ قالسا ماڭا شۇ ئەڭ ياخشى موكاپات ۋە شان شەرەپ دەپ قارايمەن.دوسلارنىڭ كىلىپ،كورۇپ كېتىشىنى ئومىد قىلىمەن.ئادىرسى
    yolluk.blogbus.com
    قالغان تۇتامغا چىقمايدىغان سەۋەپلەرنى بۇجايدا يەنە ۋالاقلاپ سۆزلەپ يۇرمەي.خەير!
    دوسلارنىڭ ئولىنىشقا قۇشۇۋېلىشىنى ئومىد قىلىمەن.
  • مەسىلەن بىزنىڭ مەكتەپلەرنىڭ ھەممسى مائارىپ تورى ،شەھرىمىزدىكى ھەممە مەكتەپلەرنىڭ
    IPئادىرىسى ئوخشاش .شۇڭا بۇ ئىلىم پەن بلوگىنى بىزنىڭ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى بەك ياقتۇرىدۇ،ئەگەر بىز بىلەت تاشلىساق،سىلەر ئوخشاش ئادىرىسكەن،دەپ ئويلاپ قېلىشىڭلار مۈمكىن،ئالى مەكتەپلەرنىڭمۇ شۇ،校园网دىمۇ،يەنە مۇشۇنداق ئىش كۆرىلىدۇ.شۇڭا بۇنىڭغا نىسپەتەن توغرا مۇئامىلىدە بولۇڭلار!باشقىلارغا ئۇۋال قىلمايلى!بۇ مىنىڭ شەخسى قارىسشىم،ئويلىشىپ كۆرەسىلەر!!!!
  • بەزى بىلوگلار بىر ماڭغانچە مىڭىۋىلىپ بىر ئورۇندا توختاپ قالغىلى خىلى بولۇپتۇ ، ئىنىقلا بۇ ئىشقا بۇزغۇنچىىلىق قىلغانلىق ،
  • ئوخشاش IP دىن كۆپ قېتىم تاشلانغانلىرىنى چىقىرىۋېتىپ قالغىنىنى ھېسابقا ئالىلى، پۈتۈنلەي چىقىرىۋەتسەكمۇ سەل ئادىل بولمىغۇدەك.
  • بۇ پائالىيەتنى يولغا قويغاندا، بىز پائالىيتىمىزگە ئىشتراك ئەتكەن كۆپچىلىك تورداشلارنىڭ كىشىلىك پەزىلىتىگە، ھەققانىيلىقىغا ئىشەنچ قىلغان ئىدۇق. ھالبۇكى، ئىنتايىن ئاز ساندىكى قېرىنداشلىرىمىزدىكى ساپا ۋە پەزىلەتنىڭ بىزنىڭ ئويلىغىنىمىزدەك يېتەرلىك بولماسلىقى سەۋەبلىك بۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش سادىر بولۇپ قالدى. بىزمۇ ئىلاجىسىزلىقتىن مۇشۇ خىل رەۋىشتە ئاگاھنامە چىقىرىشقا مەجبۇر بولدۇق. مەزكۇر ئاگاھنامىنىڭ يۇقىرىدا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان 2 بلوگقا ۋە بلوگ ئىگىسىگە قارىتىلمايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم قەيىت قىلىمىز.
    ئەڭ ئاخىرقى باھالاش نەتىجىسىنى چىقىرىشتا، كۆپچىلىكنىڭ بۇ ھەقتىكى پىكىر قاراشلىرىنى تولۇق ئويلىشىمىز. ئاللاھ خالىسا بۇ قېتىملىق باھالىشىمىزدىن ئادىل - ھەققانىيلىققا يېقىن بولغان بىر نەتىجە چىقىرىمىز!
    كۆپچىلىكنىڭ مەزكۇر پائالىيەتنى قىزغىن قوللاپ بەرگەنلىكىگە چىن كۆڭلۈمىزدىن تەشەككۈر ئېيتىمىز.
  • تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بوپتۇ، مەنمۇ بۇ پائالىيەتكە يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقان. گەرچە "بوغلان بلوگى" 24 داڭدار بلوگ نامزاتى ئىچىگە كىرەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما قىلچىمۇ ئۈمىدسىزلەنمەي، "دۇنيا قارا بلوگى"، "يۈكسەل بلوگى" ، "جېك بلوگى" نى ئۆز ئىچىگە ئالغان 10 بلوگقا بىر قېتىملا بېلەت تاشلاپ قويغان ئىدىم. زادىلا قاملاشمىغان ئىش بوپتۇ.

    ئاخىرى خەيرلىك بولغاي!
  • ئوخشاش IPدىن چۈشكەن بىلەتلەرنى بىر بىلەت قىلىپ ھېسابلاپ پائالىيەتنى داۋاملاشتۇرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.مۇشۇنداق بولغاندا ئادىل بۇلىدۇ.
  • IP نى ئېنىقلاش كېرەك.بۇ ئىش تېلگىراف ئورۇنلىرىنىڭ قولىدىن كىلىدۇ.
  • مەزكۇر كۆڭۈلسىزلىككە قېرىنداشلارنىڭ كۆڭۈل بۆلگەنلىكىگە كۆپ رەھمەت. شۇ تاپتا پېقىرنىڭمۇ كۆڭلى غەش تۇرىدۇ.
    كۆرۈپ باقارسىلەر مەنمۇ جاكارنامە چىقىرىپ قويدۇم:
    http://dunyakara.blogbus.com/logs/32632260.html
    يۈكسەل ئەپەندىمنىڭ مەزكۇر پائالىيەتنىڭ ساھىپخانى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇنداق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش چىقىرىشىنى مەن توغرا چۈشىنىمەن.
    مەزكۇر پائالىيەتنىڭ ئىشتىراكچىسى بولۇش سالاھىتىم بىلەن شۇنىمۇ ئوچۇق دەپ قويۇشنى قارار تاپتىمكى: بىرزات ئەپەندىنىڭ دىگىنىدەك بۇ قىلمىش "دۇنياقارا"بلوگىغا قىلىنغان زىيانكەشلىك. شۇڭا ئادىللىقنى ياقلاش ئۈچۈن ئوخشاش ئادرىستىن تاشلانغان بارلىق بېلەتنى ئىناۋەتسىز قىلىۋېتىشىڭىزنى،زىيانكەشلىكنى چوڭقۇر تونۇپ ئادىل ھۆكۈم چىقىرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم،
    ئەستا.... ما ئىشنى....
    بۇ پائالىيەتنىڭ باشلانغان ۋاقتدا بىلوگ نىڭ ھەقىقىي ئەھمىيىتى ۋە خاس بىلوگلار،پايدىسى بار يوقلىغا ئاساسەن تاللاشنى تەۋسىيە قىلماقچى ئىدىم.
    ئەمما پائالىيەت باشلانغان ئىكەن ... توختىتپ يەنە قايتىلاش ئىشىنى تازا مۇۋاپىق كۆرمىگەن ئىدىم. بۇنداق ئىش ھامىنى يۈز بىرەتتى...
    مەسئۇلىيەن مەيلى بىلوگ ئىگىسىدە ياكى باشقىلار قەستەن قىلغان بولسۇن... بۇلىدىغان ئىش بوپتۇ. بىلوگ نىڭ ئىسمىنى ئاشكارە ئېلان قىلىشمۇ تازا ياخشى بولماپتۇ.
    لىكىن بىلوگ ئىگىللىرى ئاشكارە ئېلان قىلىنغىنىدىن يۈكسەل بىلوگىدىن ئاغرىنماسلىقى كىرەك.
    سەمىمىيلىك ھەممىدىن ئەۋزەل.
  • ئەسسالام ،تورداشلار . بۇ ئىشنىڭ يۈزبەرگەن ئىكەن ، گەرچە بۇ ئىشنى مەن قىلمىغان بولساممۇ ، مېنىڭ دوست بۇرادەرلىرىم قىلغان بۇلىشى مۇمكىن دەپ قارىدىم . چۈنكى مېنىڭ( ۋاڭبادا ئىشلەيدىغان بىرقانچە دوستلرىىم بارئىدى ، شۇ دوستلىرىمغا تەشۋىق قىلىپ قويغان ئىدىم . ) بىلوگ ئىگىسى بارلىق مەسئۇليەتنى ئۈستىگە ئشلىشى كېرەك دەپ قارايمەن . ئىلىم - پەن بىلوگىنىڭ ھەقىقىي ئىگىسى ( غەيرەت قادىر ) ھازىر چەتئەلدە ئوقۇۋاتىدۇ . شۇڭا ئىلىم - پەن بلوگىنى مەن باشقۇرۇپ كېلىۋاتقان ئىدىم . بۇ پائالىيەتكە دەسلەپتە ئاكتىپ قاتنىشىشنى قارار قىلغان كىشى ئاشۇ غەيرەت قادىر ئىدى . بۈگۈن بۇنداق ئىش يۈز بەرگەن ئىكەن ئەلۋەتتە بۇ ئىشتا مېنىڭ ئەڭ چوڭ مەسئۇليىتىم بار دەپ قارايمەن . شۇڭا ، ئىلىم -پەن بىلوگىنىڭ نامزاتلىقتىن قالدۇرۇلىشىنى سورايمەن . ھەم بارلىق تورداشلاردىن چىن كۆڭلۈمدىن كەچۈرۈم سورايمەن .
    ئىلىم - پەن بىلوگىدا بۈگۈن بۇ توغۇرلۇق مەخسۇس يازما يېزىلىپ ، ھەققانىي بولمىغانلىقى ئۈچۈن نامزاتلىقتىن ئېلىپ تاشلانغانلىقىنى توردارشلارغا ئۇقتۇرمەن .
    يۈكسەل ئەپەندى ، سىزنىڭ ئالدىڭىزدا مەن ھەقىقەتەنمۇ خىجىلمەن ھەم سىزدىن كەچرۈم سورايمەن . ئىلىم - پەن بىلوگىنى نامزاتلىقتىن ئېلىپ تاشۋەتسىڭىز بولىدۇ .
    ھۆرمەت بىلەن : ئىلىم - پەن بىلوگى
  • <<دۇنيا قارا >> بلوگىغا ئاخشام 130 نەچچە بىلەت چۈشكەندەك قىلاتتى، ئەتتىگەن كىرىپ قارىسام 397 بولۇپ قاپتۇ. قاتتىق ھەيرانلىق ئىچىدە ئۆزۈمنىڭ ئىشىنى قىلىپ تەخمىنەن 20 مىنۇتتىن كىيىن ئاچسام << دۇنيا قارا >> بلوگىغا چۈشكەن بىلەت 421 گە يېتىپتۇ. ئاندىن ھازىرغىچە تەخمىنەن بىر سائەت بولدى بىلەت سانى شۇ 421 دىن ئاشمىدى. بۇمۇ ئادەمنىڭ گۇمانىنى قوزغايدۇ. بىرەرسى << دۇنيا قارا >> بلوگىغا زىيانكەشلىك قىلغاندەك تۇردۇ.