يۈكسەل بلوگى

 

مانا ھەقسىز تېلېفون ! كومپۇتېردىلا ھەرقانداق تېلېفونغا ھەقسىز تېلېفون ئۇرالايسىز ...

 

  • << رىشتە ئۇلىنىشلىرى >> بېتى ئېلان قىلدۇق

    2008/12/21


    ئەسەر ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىڭ ! بلوگ يازمىلىرىنى رۇخسەتسىز ئىشلەتمەڭ !

     

    ئالدى بىلەن، يۈكسەل بلوگى بىلەن دوستانە ئۇلىنىش ئالماشتۇرۇشنى ئىختىيار قىلغان ۋە يۈكسەل بلوگىنى ئۆز بلوگلىرىدا ئۇلىنىش قىلغان بارلىق دوستلارنىڭ سەمىمىيىتىگە رەھمەت ئېيتىمىز! يۈكسەل بلوگىنىڭ كۈنسېرى تەرەققىي قىلىشى، نوپۇزى ۋە زىيارەت قېتىم سانىنىڭ ئارتىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، يۈكسەل بلوگى بىلەن دوستانە ئۇلىنىش قىلىشنى ئارزۇلايدىغان بلوگلارمۇ ئىزچىل كۆپەيمەكتە. ئۇلىنىشنىڭ كۆپۈيىشىگە ئەگىشىپ، بلوگ باش بېتىمۇ بەك ئۇزراپ كېتىدىكەن ۋە ئېچىلىشىغا تەسىر يېتىدىكەن. بۇندىن باشقا بلوگ باش بېتىدە ئۇلىنىش بېرىشنىڭمۇ ھامان چېكى بولىدىكەن ، كۆپ ساندىكى بلوگىر دوستلارنىڭ ئۇلىنىش ئىلتىماسىنى جاۋابسىز قالدۇرۇشقا مەجبۇر بولىدىغان ئىشكەن. شۇڭا، بۇ نۇقتىلارنى كۆزدە تۇتۇپ، يۈكسەل بلوگىنىڭ خاس ئۇلىنىش ئالماشتۇرۇش بېتى سۈپتىدە << رىشتە ئۇلىنىشلىرى ، http://rishte.blogbus.com/ >> بېتىنى ئېلان قىلدۇق.

    ئەسكەرتىش: يۈكسەل بلوگدا ئۇلىنىش قىلىنغان كۆپ قىسىم بلوگلارنىڭ ئۇلىنىشى يۈكسەل بلوگى باش بېتىدىن ئۆچۈرۈلىدۇ ( ئىنتايىن ئاز ساندىكى بىز بىلەن ئۇزۇنغىچە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان تور بەت ۋە بلوگلارنىڭ ئۇلىنىشى ساقلاپ قېلىنىدۇ ). ئۆچۈرلگەن بارلىق بلوگ ئۇلىنىشلىرى بىز يېڭى ئاچقان << رىشتە ئۇلىنىشلىرى >> بېتىگە قوشۇلىدۇ.

    بۈگۈندىن باشلاپ << رىشتە ئۇلىنىشلىرى >> بېتىگە  ئۇلىنىش قوشۇشنى ئىلتىماس قىلىشقا بولىدۇ. ئەسلىدە يۈكسەل بلوگى باش بېتىدە ئۇلىنىش قىلىنغان بلوگلارنىڭ ئۇلىنىشى مەزكۇر بلوگ ئۇلىنىش بېتىگە يۆتكىلىدۇ. بۇنىڭلىق بىلەن بلوگىڭلاردىكى يۈكسەل بلوگى ئۇلىنىشىنى ئۆچۈرۋەتمەسلىكىڭلارنى ئۈمد قىلىمىز. ھەم سىلەرگە ئېلىپ كەلگەن قولايسىزلىقلاردىن ئەپۇ سورايمىز!

    << رىشتە ئۇلىنىشلىرى >> بېتىگە بۇ يەردىن كىرىڭ.

     

     ئۇلىنىش ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن بۇ يەردىن كىرىڭ.





    评论

  • روھ ئارىلى بىلوگى : soul-island.blogspot.com
  • بۇ ئىشنى ياخشى قىپسىز. شەخسەن مەن قوللايمەن.
    ساكۇرا ئۇيغۇر بلوگىنىمۇ قوشۇپ قويغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت.
    بلوگىمىزنى بۇندىن كېيىنمۇ قوللاپ تۇرغايسىز.
  • مەرىپەتنىمۇ ئۆچۈرىۋىتىپسىزغۇ ؟
    يۈكسەل回复ئىز باسار说:
    ئەسكەرتىلمىنى ئوقۇدىڭىزمۇ يوق بىلمىدىم. يەنە بىر قېتىم تەكىتلەپ قوياي :

    يۈكسەل بلوگدا ئۇلىنىش قىلىنغان كۆپ قىسىم بلوگلارنىڭ ئۇلىنىشى يۈكسەل بلوگى باش بېتىدىن ئۆچۈرۈلىدۇ ( ئىنتايىن ئاز ساندىكى بىز بىلەن ئۇزۇنغىچە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان تور بەت ۋە بلوگلارنىڭ ئۇلىنىشى ساقلاپ قېلىنىدۇ ). ئۆچۈرلگەن بارلىق بلوگ ئۇلىنىشلىرى بىز يېڭى ئاچقان << رىشتە ئۇلىنىشلىرى >> بېتىگە قوشۇلىدۇ ( يۈكسەل بلوگى باش بېتى ئوڭ تەرەپ ئاستى تەرەپتىكى قىزىل رەڭلىك ئۇلانما << رىشتە ئۇلىنىشلىرى >> غا قارالغاي! ) .
    يۈكسەل بلوگى بىلەن ئۇلىنىش ئالماشتۇرغان بارلىق بلوگلارنىڭ مەزكۇر ئىشنى << دۇستانە ئۇلىنىشتىن ئۆچۈرۈش >> دەپ چۈشەنمەسلىكىنى ۋە ئۆز بلوگىدىكى يۈكسەل بلوگىنىڭ ئۇلىنىشىنى ئۆچۈرۋەتمەسلىكىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئىلتىماس قىلىمىز!
    2008-12-23 10:45:28