يۈكسەل بلوگى

 

مانا ھەقسىز تېلېفون ! كومپۇتېردىلا ھەرقانداق تېلېفونغا ھەقسىز تېلېفون ئۇرالايسىز ...

 

  • ئۆزرەنامە

    2008/12/31


    ئەسەر ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىڭ ! بلوگ يازمىلىرىنى رۇخسەتسىز ئىشلەتمەڭ !

     

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، يۈكسەل بلوگىنىڭ ئىخلاسمەن ئوقۇرمەنلىرى !
    سادىر بولغان بارلىق ئىشلارنىڭ ئىرادە ئەتكۈچىسى قادىر ئىگىمىزنىڭ تەقدىر - خاھىشى بىرلە پېقىرنىڭ ئانىسى پانى ئالەمدىن باقى ئالەمگە سەپەر قىلىپ، مۇسىبەتلىك بولۇپ قالغانلىقىم ئۈچۈن يېقىنقى مەزگىل ئىچىدە يېڭى يازما - تېما يوللاپ بلوگ يېڭىلاشقا ئىمكانسىز بولۇپ قالدىم. شۇ ۋەجىدىن مەزكۇر كالتە ئۆزرەنامە ئارقىلىق كۆپچىلىك تورداشلارنىڭ پېقىرنىڭ ئۆزرىسىنى نەزەرگە ئېلىپ، ئەپۇ كۆزىدە قارىشىنى،  يۈكسەل بلوگىنى داۋاملىق ئۆزلىرىنىڭ زىيارەت مەنزىلى قىلىشتىن باش تارتماسلىقىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن.
    ئەمما، پىلان بويىچە ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگ (2008) يېڭى يىل كۈنى ئېلان قىلىنىدۇ. ئېلان قىلىشتا پەقەت نەتىجىسىنىلا قىسقا ئېلان قىلىشىمىز . چۈشەنچە - ئىزااھاتلىرىنى كېيىن ئايرىم تېما يوللاپ تولۇقلىشىمىز مۇمكىن. مەزكۇر پائالىيەتكە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلىۋاتقان تور ئەھلى ۋاقىپلىنىپ قالغاي!
    كامالىي ئېھترام ئىلە

    يۈكسەل





    评论

  • ewalyahximu
  • ئانىڭىزنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي، امين !
  • ئانىڭىزنىڭ ياتقان جايى جەننەتتە بولغاي ! ئامىن!
  • اللە ئانىڭىزنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەتتە، روھىنى خاتىرجەم قىلغاي! ئامىن!
  • مەرھۇمەنىڭ ياتقاي جايى جەننەتتە بولغاي، ئامىن!
  • ئانىڭىزنىڭ ياتقان جايى جەننەتتە بولغاي ! ئامىن!
  • اللە ئانىڭىزنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلسۇن .
    ئاپىڭىزغا ئاتاپ ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇڭ ، ھەم دائىم دۇئالىرىڭىزدا ئەسلەپ تۇرۇڭ .
  • ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام
    ئىننە لىللاھى ۋە ئىننە ئىلەيھى راجىئۇن. ئىننەللاھە مەئەس سابىرىين .
    ھەممە ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر ھەممىمىز ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتقۇچىلارمىز. جەزمەن پەرۋەردىگار سەبرى قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر!
    ئاللاھ مەرھۇمەگە جەننەت باغچىلىرىدىن جاي بەرگەي!