يۈكسەل بلوگى

 

مانا ھەقسىز تېلېفون ! كومپۇتېردىلا ھەرقانداق تېلېفونغا ھەقسىز تېلېفون ئۇرالايسىز ...

 

  • ئۇيغۇرلاردىكى 2008 - يىللىق 10 چوڭ بلوگ

    2009/01/01


    ئەسەر ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىڭ ! بلوگ يازمىلىرىنى رۇخسەتسىز ئىشلەتمەڭ !

     

     

    << يۈكسەل بلوگى >> تەشكىللىگەن << ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگ ( 2008 ) >> نى باھالاش پائالىيىتى ئومۇمەن ناھايىتى ئۇتۇقلۇق ۋە ئادىل ئېلىپ بېرىلدى. مەزكۇر باھالاش پائالىيىتىنىڭ ئاممىۋىي ئاساسىمۇ مۆلچەرىمىزدىكىدىن خېلى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە كەڭ بولدى. نامزات كۆرسىتىش باسقۇچىدا جەمئىي 24 بلوگ نامزاتلىققا تاللىنىپ ئاۋازغا قويۇلغان بولۇپ، بۇ 24 بلوگ تورداشلارنىڭ بېلەت تاشلاپ ئاۋاز بېرىشىگە قۇيۇلغان ئىدى. نەتىجىدە جەمئىي 1760 پارچە بېلەت تاشلاندى. بىز بۇ بېلەت سانى ۋە نامزات كۆرسىتىلىش قېتىم سانىنى قوشۇپ ستاتىستىكىلاش ئارقىلىق تۆۋەندىكى 10 بلوگنى << ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگ ( 2008 ) بولۇشقا مۇۋاپىق ئىكەن ، دەپ قارىدۇق.

     

    ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگ ( 2008 )


    1. بىر زات شىپاخانىسى ( 80 خالتا تورى )

    ئېرىشكەن بېلەت سانى 484 ، نامزات كۆرسىتىلىش قېتىم سانى 26، جەمئىي ئېرىشكەن ئاۋازى 510

    2. جېك تور خاتىرىسى

    ئېرىشكەن بېلەت سانى 464 ، نامزات كۆرسىتىلىش قېتىم سانى 44، جەمئىي ئېرىشكەن ئاۋازى 508

    3. مەرىپەت بلوگى ( ئەركىن سىدىق تورخاتىرىسى )

    ئېرىشكەن بېلەت سانى 332 ، نامزات كۆرسىتىلىش قېتىم سانى 21، جەمئىي ئېرىشكەن ئاۋازى 353

    4. دۇنيا قارا بلوگى

    ئېرىشكەن بېلەت سانى 442 ( بۇنىڭ ئىچىدە ئوخشاش IP دىن تاشلانغان 130 بېلەت ئىناۋەتسىز دەپ قارالدى.) ، نامزات كۆرسىتىلىش قېتىم سانى 27، جەمئىي ئېرىشكەن ئاۋازى 339

    5. يۈكسەل بلوگى

    ئېرىشكەن بېلەت سانى 282 ، نامزات كۆرسىتىلىش قېتىم سانى 40، جەمئىي ئېرىشكەن ئاۋازى 322

    6. تەكلىماكان بلوگى

    ئېرىشكەن بېلەت سانى 171 ، نامزات كۆرسىتىلىش قېتىم سانى 41، جەمئىي ئېرىشكەن ئاۋازى 212

    7. ئارامگاھ بلوگى

    ئېرىشكەن بېلەت سانى 129 ، نامزات كۆرسىتىلىش قېتىم سانى 45، جەمئىي ئېرىشكەن ئاۋازى 174

    8. تەدبىركار بلوگى

    ئېرىشكەن بېلەت سانى 150 ، نامزات كۆرسىتىلىش قېتىم سانى 4، جەمئىي ئېرىشكەن ئاۋازى  154

    9. تارىم بلوگى

    ئېرىشكەن بېلەت سانى 114 ، نامزات كۆرسىتىلىش قېتىم سانى 20، جەمئىي ئېرىشكەن ئاۋازى 134

    10. بىزنىڭ بلوگى

    ئېرىشكەن بېلەت سانى 106 ، نامزات كۆرسىتىلىش قېتىم سانى 12، جەمئىي ئېرىشكەن ئاۋازى 118


    2008 - يىللىق ئۇيغۇرلاردىكى ئەڭ ياخشى ( ئەڭ نادىر ، ئەڭ چوڭ ) بلوگ :  بىر زات شىپاخانىسى ( 80 خالتا تورى )





    评论

  • خەلق باھالاپ چىققان 10 چوڭ بىلوگنى قۇتلۇقلايمەن !
    ئەگەر مالال كۆرمىسىڭىز ، بۇ ئون چوڭ بىلوگ ئادىرسىنى بولسا ، Logo رەسمىنى يوللاپ بەرگەن بولسىڭىز !
    UyBaiduئىزدەش ماتورى بىتىنىڭ بىلوگ ئىزدەش بىتىگە ئۇزۇن مەزگىل ئۇلىنىش قىلىپ بەرسەم !
    رەخمەت !
    www.uybaidu.com تورىدىن .
    ئالاقىلىشىش QQ :609525222
  • تەدبىركار بلوگلار بىرلەشمە سۇپىسى ئېلان قىلىندى:
    http://www.tedbirkar.com/blog/article/451.htm
  • دوستانە ئەسكەرتىش

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم ! مەرىپەت بلوگى باشقۇرغۇچىسى :
    كەڭ ئۇيغۇر تورداشلارنىڭ بلوگ زىيارەت قىلىشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن قۇرۇلغان ئۇلانمىلار بلوگى ئۇيغۇرچە

    بلوگ توپلىمى سىزنىڭ مۇبارەك بلوگىڭىزنى ئۇيغۇرچە بلوگ توپلىمىنىڭ ئون چوڭ بلوگ تۈرىگە كىرگۈزدى .

    ۋاقىپ بولۇپ قالغايسىز .بلوگىڭىز كۈنسىرى راۋاجلانغۇسى . ئۇلانمىلارنى تەشۋىق قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !

    كامالىي ئېھتىرام بىلەن :

    ulanmilar.blogspot.com
    ulanmilar@163.com
    QQ توپى : 34296971
  • 10چوڭ بلوگ ئورنىدىن ئۇرۇن ئالغان بىلوگلارغا مۇبارەك بولسون!
  • باھالانغان ئون چوڭ بىلوگنى قۇتلۇقلايمىز. (قۇرۇق بولسىمۇ).
    ھەي مېنىڭ ئابرال ئېلكىتاپ بىلوگىم كېرەلمەي قاپتۇدە. بوپتۇ ھىچبولمىسا 11- چوڭ بىلوگ پەقەت بولمىسا 12-13- چوڭ بىلوگ قاتارىغا كىردىغۇ دەيمەن. ئاخىرقى قېتىم كۆرگەن ۋاقتىمدا 65 بىلەتكە ئېرىشكەندەك قىلىۋاتاتتى.
    دوسلارنىڭ 10 چوڭ بىلوگ ئىچىگە كىرەلمىگەن بولسىمۇ بىلوگىمنى داۋاملىق زىيارەت قىلىپ تۇرۇشىنى قارشى ئالىمەن.

    http://ilkitap.blogbus.com
  • قاتارغا كىردى دەپلا ئېلان قىلىپ قويىدىغان گەپما؟ مەكتەپتە بۇنداق قاتاغا تىزىش بولسا بىرە تال قېرىنداش بولسىمۇ بېرەتتى .... چاقچاق قىلىپ قويدۇم جۇما !
  • پىكىر بېرىڭ:
    بلوگلاردا ئىشلىتىۋاتقان NiceFont ھەققىدە پىكىر ئېلىنماقچى. مالال كۆرمەي پىكىر بېرىڭ. پىكىر بېرىش ئادرېسى:
    baliq.blogspot.com/2009/01/nicefont-30.html
  • پىكىر بېرىڭ:
    بلوگلاردا ئىشلىتىۋاتقان NiceFont ھەققىدە پىكىر ئېلىنماقچى. مالال كۆرمەي پىكىر بېرىڭ. پىكىر بېرىش ئادرېسى:
    <a href="http://baliq.blogspot.com/2009/01/nicefont-30.html">baliq.blogspot.com/2009/01/nicefont-30.html</a>
  • يېڭى يىلدا يېڭى نەتىجىلەرنىڭ يار بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن، يېڭى يىلىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!
  • مۇبارەك بولسۇن!
  • 10چوڭ بلوگنىڭ باھالىنىپ چىققانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن! ئەمدى مەنمۇ تىرىشىپ باقاي، مېنىڭ بلوگىم(http://buhara.blogbus.com/) مۇ قاتارغا كىرەلىسە ئەجەپ ئەمەس!
    تورداشلارنىڭ زىيارەت قىلىپ، قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلەرنى بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!
    http://buhara.blogbus.com/
  • كۆپچىلىكنىڭ قوللاپ - قۇۋۋەتلىگەنلىكىگە كۆپ تەشەككۈر!!!
  • بۇ نەتىجە كۆڭلۇمدىكىدەك چىقتى .

    ئەمدى 2009 - يىلدا قانداق نادىر بلوگلار چىقىدۇ تېخى !!

    مەن دائىم زىيارەت قىلىدىغان بلوگلار (مەن قىزىقىدىغان تېمىلار بولغانلىقى ئۈچۈن) :
    تەكلىماكان بلوگى ، جېك بلوگى ، مەرىپەت بلوگى ، تەدبىركار ، ئارامگاھ بلوگى ، تارىم بلوگى ...........قاتارلىقلار .
  • مۇبارەك بولسۇن
  • نەزىرىمدىكى ياخشى بىلوگلار: بىرزات، تەدبىركار، جېك، ئەركىن سىدىق
  • دۇنيا قارا بىلوگىنىڭ بۇنىڭغا كىرگىنى كۈلكىلىك... ساپلا خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلغان نەرسىلەر... ھەي...
  • يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن .
    http://uyghurqa.blogspot.com/ سىلەرگە ئالى سالام يوللايدۇ
  • بۇ بلوگلارنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن بىلىملەر بار. ئەجرڭلارغا رەھمەت !
    10 نىڭ ئىچىگەكىرەلمىگەن بلوگلارنىڭ مەيۈسلەنمەي تېخىمۇ ئالغا ئىلگىرلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن . ھەر گۈلنىڭ پۇرىقى ئۆزگىچە .
  • نادىر بلوگلارغا مۇبارەك بولسۇن ! بلوگلارنىڭ يەنىمۇ تەرەققى قىلىشىنى ئۈمىد قىلمەن .