يۈكسەل بلوگى

 

مانا ھەقسىز تېلېفون ! كومپۇتېردىلا ھەرقانداق تېلېفونغا ھەقسىز تېلېفون ئۇرالايسىز ...

 

  • ئوباما نېمە ئۈچۈن ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىگە سۈكۈت قىلىدۇ ؟

    2009/01/07


    ئەسەر ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىڭ ! بلوگ يازمىلىرىنى رۇخسەتسىز ئىشلەتمەڭ !

     

     ئوباما نېمە ئۈچۈن ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىگە سۈكۈت قىلىدۇ ؟

     

    << مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى >> نىڭ مۇئەللىپى Sammuel Huntington  ئۆزى ئېيتقان << مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشىدىغان دۇنيا >> بىلەن كېسەللىك سەۋەبىدىن ئەمدىلا خوشلاشقان كۈنلەردە،  دۇنيادىكى 5 - چوڭ ھەربىي دۆلەت بولغان ئىسرائىلىيە 60 يىلدىن بېرى قوللىنىپ باقمىغان ئەڭ ۋەھشىيانە ۋاسىتە بىلەن پەلەستىن ئاپتونومىيىسىنىڭ غەزززە ( گازا ) رايونىنى قانغا بويىدى. ھازىرغىچە 600 دىن ئارتۇق كىشى قازا قىلىپ، 2600 دىن ئارتۇق كىشى يارىدار بولدى. ئىسرائىلىيە يالغۇز خاماسنىڭ قۇرال - جابدۇقخانىلىرى ۋە مەسئۇل خادىملىرىغا ھۇجۇم قىلىپلا قالماستىن، نۇرغۇنلىغان بىگۇناھ پەلەستىن پۇقرالىرىنى زور تالاپەتكە دۇچار قىلدى. دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار - زامانىۋىي قۇرال - ياراغ بىلەن ئېلىپ بېرىلغان، ئاددى پۇقرانى ھۇجۇم نىشانى قىلغان، خەلقئارا نىزاملارغا خىلاپ بولغان بۇ ۋەھشىيانە قەتلىئام دۇنيا جامائەتچىلىكىگە نېمىنىڭ ھەقىقى << دۆلەت تېرورىزىمى، State terrorism ، 国家恐怖主义 >> ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ قويدى.
    دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققەت نەزىرى يۈكسەك دەرىجىدە غەززەگە يەنى غەززەدىكى ئىسرائىلىينىڭ << تېرورلۇق >> ىغا مەركەزلەشكەن، ھەرقايسى دۆلەت ۋە ھەرساھە كىشىلىرى ئۇشبۇ قەتلىئامغا قارىتا بەس - بەستە ئۆز قاراشلىرىنى ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ مەيدانى ھەققىدە ئىپادە بىلدۈرۈۋاتقاندا ، پەقەت بىرگىنە ئادەم تاھازىرغىچە قۇلاقنى يۇپۇرۇپ ، << تۈگە كۆردۇڭمۇ؟ ياق >> دەپ، سۈكۈت قىلىپ تۇرۇۋالماقتا. بۇ كىشى دەل دۇنيا جامائەتچىلىكى ئۈمىدىنى زىيادە چوڭ باغلىغان ئامېرىكىنىڭ يېڭى سايلانغان ئەلباشى باراك ئوبامادۇر.

     

     

    دەرۋەقە، ئوباما رەسمىي ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشتىن ئىلگىرى تېكساسلىق پادىچى ( بۇش ) نىڭ ئامېرىكىغا ۋەكىل بولۇپ زۇۋان سۈرىدىغىنى ، ئوبامانىڭ ئېغىز غېرىچلاپ ، لۇقما سېلىشىنىڭ ئورنى يوقلىقىمۇ راست. ئەمما، بۇ مەنتىقە بۇندىن بۇرۇن ئاللابۇرۇن بۇزۇپ تاشلانغان ئىدى. چۈنكى ئوباما ئەلباشلىققا سايلانماي تۇرۇپلا خەلقئارا ئىشلاردا ئۇنى - بۇنى دېيىشكە ، ئۆزىنىڭ مەيدانىنى شەرھىيلەشكە كۆنۈپ قالغان ئىدى. ۋە شۇ ئادىتى بويىچە تېخى يېقىندىلا ھېندىستاندا يۈز بەرگەن << بومباي تېرورلۇقى >> غا نىسبەتەن بىرىنچى ۋاقىتتىلا ئۆزىنىڭ كەسكىن مەيدانى ۋە ئۆزگىچە قارىشىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە نامايەن قىلغان ئىدى. خۇش ، ئۇنداقتا ئۇ بۇ قېتىم نېمە ۋەجىدىن تۇمشۇقىنى ئىچىگە تىقىۋالىدۇ ؟
    مەيلى ئوبامانىڭ قاياشلىرى نېمىلا دېمىسۇن ، ئوبامانىڭ نۆۋەتتىكى ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىگە سۈكۈت قىلىپ تۇرۇۋېلىشى، بىزدە ئۇنىڭ رەسمىي ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندا ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىنى ئادىل بىرتەرەپ قىلىش ئۈچۈن ھەسسە قوشالىشىغا قارىتا گۇمان پەيدا قىلماي قالمايدۇ.
    ئوباما سايلام رىقابىتى مەزگىلىدە، ئۆزىنىڭ سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق مەسىلە ھەل قىلىشنى كۆپرەك تەكىتلەيدىغانلىقنى، ھەتتا ئامېرىكا ئەلباشىلىق سالاھىيىتى بىلەن ئىراننىڭ ئەلباشى بىلەن رەسىمىي كۆرۈشىشىنىمۇ چەتكە قاقمايدىغانلىقىنى، ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىگە تېخىمۇ ئادىل پوزىتسىيە تۇتىدىغانلىقىنى كۆپ قېتىم بىلدۈرگەن ئىدى. كىشىلەر بۇلارغا قاراپ ئوباما ئەلباش بولسا ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرىققە تۇتىدىغان پوزىتىسىيىسى بۇش دەۋرىگە قارىغاندا ئادىل ، تېخىمۇ مۆتىدىل بولىدۇ، دەپ ئۈمىد كۈتۈشكەن ئىدى.
    بىراق، ئوباما ئۆتكەن يىلى 7 - ئايدا ئىرۇسالىمنى زىيارەت قىلغاندا، ئۆزىنىڭ ئىسرائىلىيىنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىتى، خاماسنى يوقىتىشنى نىشان قىلغان ھۇجۇم قىلىش ھەرىكەتلىرىنى قوللاشقا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر گەپنى قىلغان ئىدى. ئۇ : << ئەگەر بىرى  تۈن كىچىدە ئىككى قىزىمنىڭ ھۇجرىسىغا بومبا تاشلىماقچى بولسا،  مەن چوقۇم پۈتۈن كۈچۈم بىلەن بۇنداق ھەرىكەتنى توسقان بولاتتىم ... مۆلچەرىمچە ئىسرائىلىيەمۇ ماڭا ئوخشاش قىلىدۇ... >> .
    بۇندىن باشقا، ئوباما تەشكىللىگەن دىپلوماتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرىمۇ دىققىتىمىزنىڭ ئاغدۇرۇشقا ئەرزىيدۇ. بولۇپمۇ ئاقساراينىڭ باش مەسلىھەتچىسى Rahm Emanuel بولسا يەھۇدى پۇشتىدىن بولۇپ،  1991 - يىلى پارس قولتۇقى ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئىسرائىلىيگە قايتىپ پىدايى ئەسكەر بولغان. بۇندىن باشقا ئوبامانىڭ دۆلەت ئىشلار باش كاتىپى بولماقچى بولغان ھىلارى كلىنتونمۇ ئىسرائىلىيە تەرەپدارى. بىر توپ ئىسرائىلىيەپەرەسلەرنىڭ ئوتتۇرسىدا قالغان ئوباما نۆۋەتتىكى ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىگە قارىتا بۇش ھۆكۈمىتىگە قارىغاندا تېخىمۇ مۆتىدىل ۋە ئۈنۈملۈك بىر ھەل قىلىش تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا تاشلىيالامۇ ؟!
    گەرچە ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى ئوباما ۋەزىپىگە ئوتتۇرۇپلا ھەل قىلىۋېتىدىغان ئىش بولمىسىمۇ، ئۇ ھامان قولىنى تىقمىسا بولمايدىغان <<  تونۇر > >. ئوباما زادى كەپتەر باشلىغان يولىغا ماڭامدۇ  ياكى ئوخشاشلا بۈركۈت ئۇچقان يولغىمۇ ؟ بۇنى يەنىلا سوغۇققانلىق بىلەن كۆزىتىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.

     





    评论

  • ئامېركىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئۆز ئىچىدىكى قۇرۇتلار بىلەن كۆرەش قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى ئېنىق. ئەنە شۇ قۇرۇتلارنىڭ تەسىرىنى تەل تۆكۈس تازىلىماي تۇرۇپ ئامېركا ئالدىراپ قارار چىقىرالمايدۇ. بۇ قېتىممۇ شۇنداق.

    بانكىلارنىڭ ۋەيران بولىشى بىلەن يەھۇدى يالماۋۇزلىرى بىر بىرلەپ ئامېركا ئىقتىسادىدىن تازىلاندى. بۇ كىرزىسنىڭ داۋاملىشىشىغا ۋە چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئىسرائىلىيە ئامېركىدىكى ياردەمچىلىرىنىڭ ئاستا ئاستا ئوجۇقتۇرىلىۋاتاقانلىقىنى سەزدى. ۋە ئىچكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ بولغان قۇدرەتلىك ساقچىنىڭ قايتىپ كېلىپ گىتلىر2- بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەۋاتقان ئىسرائىلىيە ئالدى بىلەن قول سېلىش تاكتىكىسىنى قوللىنىپ ئامىېركا ئۆزىنى پۈتۈنلەي ئوڭشىۋېلىشتىن بۇرۇن قول سېلىپ 3-دۇنيا ئۇرۇشىنى پارتىلاتماقچى بولىۋاتامدۇ؟ ئىراننىڭ بۇ ئىشقا سۆرىلىپ كىرىشى ئېنىقلا كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇشقا پولات پىلتە بولالايدۇ. شۇڭا ئىران ۋە باشقا ئەرەپ ئەللىرى بىشىنى ئىچىگە تىقىپ يۈرىۋاتامدۇ؟
    ئامېركىغا كەلسەك سۈكۈت قىلىش ئۇلارغا ھەر جەھەتتىن پايدىلىق. پەلەستىندىكى قىرغىنچىلىق داۋاملاشقانسىرى دۇنيانىڭ يەھۇدى باسقۇنچىلىرىغا بولغان غەزىپى ۋە نەپرىتى تولۇپ تاشىدۇ. ئامېركىمۇ ۋاقتى كەلسە قاتىلنى تۇتۇپ كېسىم ھۆكۈم قىلغان ساقچى بولۇۋالىدۇدە ھەممىگە ياخشى كۆرۈنىۋالىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ ئىشلارنىڭ قايسى دەرىجىدە بولۇشى ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى قۇرۇتلارنى قانچىلىك تازىلىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. (ئاساسەن شەخسىي قارىشىم، تەشۋىق قىلىنىپ كەتمىسۇن)
  • جاھانگىر ھەقىقەتەن توغرا دېدىڭىز لىكىن بىزنىڭ نادان ،ئەسەبى رادىكال مۇسانلىرىمىز بۇنى چۈشەنمەي ئال جوقاسوزلەپ يۈردۇ خۇددى ھەممە ئىشنى بىلدىغاندەك .....ئۇلار قاچانمۇ ھىسيات بىلەن ئىش كۆرمەيدىغان بولا ،قاچانمۇ سىياسىنى چۇشنە.....
  • مەن مۇشۇ ئىسرائىلىيە ئەمىرىكا ئىقتىسادىنىڭ مانچىلىكىنى ئىگەللەيدۇ دېگەن گەپلەرگە پەقەت ئىشەنمەيمەن.
  • مانا ماۋۇ ئىنكاسنى ئويلىنىپ كۆرگۈلۈك...
    قارشى نوقتىدىن چىقىپ پكىر قىلىش
  • يۇقۇرقى تورداشنىڭ گەپلېرى جىنى بار ... ھەقىقەتەنمۇ ئامرىكا ئقىتىسادىنىڭ كۆپ قىسمىنى يەھۇدىلار كونتىرول قىلىدۇ... ئالدىدا ھېجاراپ كەينىدىن پىچاق ئۇرۇش ھەرقانداق غەلبە قىلغۇچىدا كام بولسا بولمايدىغان تاكتىكا...
  • ئامرىكا قۇيىۋەتمىدى.قەستەن كارى بولمىدى.
    ئامرىكا ئىسىرالىيەگە ئەڭ ئوچ. بۇلارمۇ شۇنداق.ئۇلار 2چى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئالدىدىلا يەھۇدىلارنى كونتىرول قىلىش ئۇچۇن پىلان تۇزۇپ كەلگەن.پەقەت بانا سەۋەب تاپالماي يۇرگەن.2 - دۇنيا ئۇرۇشى پۇرسەت ئىلىپ كىلىپ،ئۇرۇشتىن كىيىن مەڭگۇ يەھۇدىلارنى تىنىچ قويماسلىق ئۇچۇن ئۇلارنى ئوتتۇرا شەرىققە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان.پەقەت شۇ يەرگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغاندىلا ئاندىن يەھۇدىلار مەڭگۇ تىنىچ ياشىيالمايدۇ.(ئۇرۇش بولسا تەرەقىيىات بولمايدۇ).شۇنىڭدىلا ئامرىكا مەڭگۇدۇنيانىڭ ساقچىسى بۇلۇپ ياشاپ تۇرىدۇ.
    ئەلۋەتتە يەھۇدىلار بىلەن مۇسۇلمانلار تىنىچ بىللە تۇرالايدۇ،گەپ 3- تەرەپتىن بىرسى چىقىپ ئارىغا ئوچمەنلىك سالمىسىلا.
    مەسلەن بىر توپ كىشلەر ھوكىمەتتىن نارازى بۇلۇپ تىنىچ نامايىش قىلىپ كىتىۋاتىدۇ،ئارلىقتا بىرسى سوقۇنۇپ كىرىپلا كىسەكتىن بىرنى ئىلىپ سىرىتقا ئاتسا نىمە ئىش چىقىدۇ؟بۇنداق ئىش چىقسا بۇنى توختاتقىلى بولمايدۇ.شۇڭا ئامرىكا يەھۇدىلارنىڭ ھەممىنى يىغىپ ئىسىرالىيە دەپ دولەتتىن بىرنى قۇرۇپ، ئاندىن ئوينىڭ ئىچى سىرتىدىكى ئوت پىلتىسىنى تارتىۋىتىپ كىتىپ قالدى.شۇنىڭدىن باشلاپ يەھۇدىلارغا تىنىچلىق بولمىدى ۋە شۇ ئەتىراپتىكى كىشلەرگە.
    ئەگەر يەھۇدىلارغا باشقا يەردىن زىمىن ئىلىپ بەرسە (ئوتتۇرا شەرىقتىن باشقا يەرگە) باشقىلار بىلەن يەھۇدىلارنىڭ ئۇرۇشىنى تەس ئىش.لىكىن گەپ بۇنىڭدا ئەمەس،ئەگەر يەھۇدىلار تىنىچ خاتىرجەم 10 يىل ياشىۋالسا گەپ سوز يوق ئامرىكىدەك ساقچىنىڭ ساقچى باشلىقى بۇلىشى مۇمكىن.ئۇنىڭدا ئامرىكا ئوزىدىن يۇقىرى تۇرىدىغانلارنىڭ گىپىنى ئاڭلايدۇ.
    ئەگەر يەھۇدىلار شۇنداق بولسىلا ئۇلار پۇتۇن دۇنيا خەلىقىنى ئىنىقلا ئوزىنىڭ قۇلى قىلىپ ئىشلىتىدۇ.خۇددى مىسىردىكى فىرئەۋىندەك.
    ئامرىكا بۇنى 18 ئەسىرنىڭ ئاخىردا بىلىپ بولغان. 
    ئامرىكا دولىتىدىكىلەر ۋە ھوكىمەت ئۇزاق بولدى،يەھۇدىلاردىن قۇتۇلۇشنى ئويلاپ يۇرگىلى ،يەھۇدىلار بارلىق ئامال بىلەن ئامرىكىنىڭ شۇلارنى ئوتتۇرا شەرىققە ئورۇنلاشتۇرۇپ قۇيۇشىدىن ئوچ ئىلىش ئۇچۇن پۇتۇن كۇچى بىلەن ئامرىكا ئىقتىسادىغا مەبلەغ سالغىلى 1929 -يىلىدىكى ئىقتىسادى كىرزىس بۇنىڭ مەھسۇلى.شۇنىڭدىن كىيىن يەھۇدىلار پۇتۇن ئامرىكا ئىقتىسادىنى كونتىرول قىلىپ كىلىۋاتىدۇ.يەھۇدىىلار ئامرىكا ئىقتىسادىنىڭ 53% ئىگەنلەيدۇ.پەقەتلا ئىقتىساد ئەمەس ھوكىمەت قانۇن بەلگىلەش ئىجىتىمائى ئالاقە قاتارلىقلاردا يەھۇدىلارنىڭ قۇلى بار.ئەگەر پىرىزنىت بۇلىمەن دىسە يەھۇدىلارنى قولغا كەلتۇرسىلا گەپ سوز يوق يىڭىىپ كىتەلەيدۇ.

    ئاشۇ ئامرىكىنىڭ پارلامىنتقا قارىساق ئازساندىكى يەھۇدىلاردىن باشقا كوپى باشقا كىشلەر،لىكىن باشقا كىشلەر چوڭ سودىگەر بايلار بۇلۇپ شۇلارنىڭ شىركەت كارخانا قاتارلىقلارنى يەنىلا يەھۇدىلار پاي تۇزىمى بىلەن كونتىرول قىلىپ ئاساسلىق پاي چىكىنى تۇتۇپ تۇرماقتا. بۇ قىتىم ئامرىكىدىكى ئىقتىسادى كىرزىستە ئەڭ بىشىدا يەنىلا يەھۇدى سودىگەرلەرنىڭ ئەپتى بەشىرسى ئىچىلغان،ئەسلىدە بۇنداق يەڭ ئىچىدە بۇلىدىغان ئىشلارنى ئامرىكا بىراقلا سىرىتقا ئاشكارلاپ كىشلەرنىڭ يەھۇدىلارغا بولغان ئوچمەنلىكىنى قوزغىۋەتتى.
    ئۇنىڭدىن كىيىن چىققان ھىلىقى چوڭ سودىگەر دوف دىگەنمۇ دەل ئاشۇ ئامرىكىنىڭ پىسغىكىسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى تىمى ئىدى،ئۇمۇ ئاشكارلاندى،ھازىر ئامرىكا پۇتۇن دۇنيا خارەكتىرلىك كىشلەرنى يەھۇدىلارغا ئوچ قىلىشقا باشلىدى.مەقسەت يەھۇدىلارغا قاقشاتقۇچ زەربە بىرىپ ئامرىكا ئىقتىسادىدىن قوغلاپ چىقىرىش ھەم ئىككىنچى ھىتلىردىن بىرنى چىقىرىپ قىرىش ئىدى.لىكىن يەھۇدىلار ئالدى بىلەن ئىش باشلاپ پەلەستىنگە ھوجۇم قوزغاپ قالدى،بۇمۇ دەل ئامرىكىنىڭ ئويلىغىنىدەك چىقتى.ئەگەر مۇشۇتەرىقىدە ماڭسا ئۇزاق ئوتمەي ئىسىرالىيە ئىرانغا ھۇجۇم قوزغىسا ئامرىكا قاراپ ئولتۇرۇپ ئىرانغا ئالە كۇچۇكۇم دەپ ئىسىرالىيەنىڭ ۋەت ۋەرىكىنى چىقرىپ تاشلايدۇ.ئاندىن ياۋرۇپاغا كۇچ كوسۇتىدۇ.ئامرىكىنىڭ ئەڭ چوڭ نىشانى يەنىلا ياۋرۇپا.
    يۈكسەل回复بۆرە ئادەم说:
    مېنىڭچىمۇ ئامېرىكا ئىسرائىلىيەنىڭ تېخىمۇ قۇدرەت تېپىپ كېتىشىنى ، بېشىنىڭ تېنچلىنىپ قېلىشىنى خالىمايدۇ. ئامېرىكىنىڭ ئەزەلدىن ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىنى ھەل قىلغۇسى يوق بولۇشى مۇمكىن. ئۇ پەقەت ئىسرائىلىيە ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى مەۋجۇدلۇقىنى ساقلىماقچى ( يەنى ئەرەبلەرنى چەكلىمەكچى بولسا ) ، يەنە بىر تەرەپتىن پەلەستىن مەسىلىسى ، ئەرەب - يەھۇدى ئۆچمەنلىكىنى ئارىلاپ قۇترىتىپ قويۇش بىلەن ئىسرائىلىيەنى چەكلەپ ، ئۆزىنىڭ گېپىنى تىڭشايدىغان قىلىشتىن ئىبارەت.
    ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا ئىشلارغا قول تىقىش تارىخىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، جەنۇب - شىمال كورىيە مەسىلىسىنى بىر قانچە ئايدا، كوسۇۋۇ مەسىلىسىنى بىر قانچە يىلدا، ئىراق مەسىلىسىنى ئوننچە يىلدا ھەل قىلدى ياكى شۇنىڭغا يېقىن ئاپاردى. پەقەت ئوتتۇرا شەرىقتىكى پەلەستىن - ئىسرائىلىيە مەسلىسىنى 60 يىلدىن بېرى ھېلى ئۇينىغا تارتىپ ، ھېلى بۇيىنىغا تارتىپ ھەل قىلماي كەلدى. بۇنىڭ تەكتىدە ناھايىتى چوڭ بىر سىياسىي ئويۇننىڭ بارلىقى شەكسىز ...
    ئاخىرىدا، ئۆزگىچە تەپپۇكۇرىڭىزغا ئاپىرىن!
    2009-01-08 13:10:20