يۈكسەل بلوگى

 

مانا ھەقسىز تېلېفون ! كومپۇتېردىلا ھەرقانداق تېلېفونغا ھەقسىز تېلېفون ئۇرالايسىز ...

 

  • << يۈكسەل بلوگى >> نىڭ 2008 - يىلىغا نەزەر

    2009/01/10


    ئەسەر ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىڭ ! بلوگ يازمىلىرىنى رۇخسەتسىز ئىشلەتمەڭ !

     

    ئۆتمۈشنى ئەسلەپ، كەلگۈسىگە نەزەر تاشلاش ، باسقان ئىزلىرىمىزنى خاتىرلەپ، يېڭى مەنزىللەرنى نىشانلاش ئۈچۈن << يۈكسەل بلوگى >> نىڭ 2008 - يىلىغا قايتا نەزەر سېلىپ، ئۆتكەن بىر يىلدىن قىسقىچە خۇلاسە چىقىرىپ قويۇشنى مۇۋاپىق كۆردۇق.

    يۈكسەل بلوگى ئۈچۈن 2008 - يىلىدىكى 10 چوڭ ئىش

    1. 2008 - يىلى 4 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، << يۈكسەل بلوگى >> دۇنياغا كەلدى.

    2. 2008 - يىلى 4 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، << يۈكسە بلوگى >> دا تۇنجى بلوگ يازمىسى << ئۇيغۇرلاردا تەگئات ( يۈرۈشلۈك يازما )>> ئېلان قىلىندى.

    3. 2008 - 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، << يۈكسەل بلوگى >> غا Google نىڭ ئىزدەش ماتۇرى << يۈكسەل Google >> قويۇلۇپ، بلوگ زىيارتچىلىرىنىڭ مەزكۇر بلوگدىن ئۆزىگە كېرەكلىك ئۇچۇرلارنى ئىزدىشىگە زور دەرىجىدە قۇلايلىق تۇغدۇرۇلدى.

    4. 2008 - يىلى 6 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، << ئۇلانما ئالماشتۇرۇش جاكارى  >> چىقىرىلىپ، كەڭ بلوگىر قېرىنداشلار بىلەن ئۆز - ئارا ئۇلانما ئالماشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، بلوگىرلار ئارا ھەمكارلىق كۈچەيتىلدى.

    5. 2008 - يىلى 6 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، يۈكسەل جەمەتىنىڭ چوڭلىرىدىن م ئا يۈكسەل ئەپەندى كەمىنىگە خەت ( << باش يۈكسەلدىن ياش يۈكسەلگە خەت  >> ) يېزىپ ، << يۈكسەل بلوگى >> نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر تورلىرىدىن كۈتكەن ئارزۇ - ئۈمىدلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.

    6. 2008 - يىلى 8 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، << يۈكسەل بلوگى >> تورداشلارنىڭ مەزكۇر بلوگىنى زىيارەت قىلىشىغا تېخىمۇ قۇلايلىق يارىتىش مەقسىتىدە << يۈكسەل بلوگى >> غا ئېلخەت ئارقىلىق مۇشتەرى قوبۇل قىلىش تۈرى  نى يولغا قويدى.

    7. 2008 - يىلى 9 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، << يۈكسەل AIDS تور تەشۋىقات گۇرۇپپىسى >> قۇرۇلدى. كروران بلوگىنىڭ قۇرغۇچىسى قاتارلىق تورداشلار مەزكۇر گۇرۇپپىنىڭ ئاكتىپ ئەزالىرىغا ئايلىنىپ، يۈكسەل بلوگىنىڭ تور ئارقىلىق ئەيدىز تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇرۇپ، تور ئاممىسىنى ئەيدىزگە قارشى كۆرەشكە چاقىرىشىغا تېگىشلىك ھەسسىسىلىرىنى قوشۇشتى.

    8. 2008 - يىلى 9 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، بلوگ تەرەققىياتىنى قانۇنىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش، ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىپ، قانۇن ئارقىلىق ھوقۇق - مەنپەتىمىزنى قوغداش ئۈچۈن يۈكسەل بلوگىغا مۇستەقىل تور ئادرېس (http://www.yukselblog.com) ئىلتىماس قىلىنىپ، << يۈكسەل بلوگى >> ئەنگە ئالدۇرۇلدى ( http://yuksel.blogbus.com/logs/29236267.html ).

    9. 2008 - يىلى 10 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، << يۈكسەل بلوگى >> ئۇيغۇر بلوگچىلىقىدا تۇنجى قېتىم داڭدار بلوگلارنى باھالاش يەنى << ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگ ( 2008 ) نى باھالاش >> پائالىيىتىنى تەشكىللىدى .

    10. 2008 - يىلى 12 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، كەڭ تورداشلارنىڭ ئەركىن ، ئادىل ئاۋاز بېرىشى بىلەن << يۈكسەل بلوگى >> ئۇيغۇرلاردىكى 2008 - يىللىق 10 چوڭ بلوگىنىڭ بىرى ( بەشىنچىسى ) بولۇپ باھالاندى ( http://yuksel.blogbus.com/logs/33176760.html ) .


    2008 - يىلىدىكى خۇشاللىنارلىق 5 ئىش


    1. << يۈكسەل بلوگى >> قۇرۇلغاندىن ئېتىبارەن كەڭ تورداشلار ۋە بلوگىرلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا سازاۋەر بولۇپ كەلدى. ئۆزىنىڭ يازما يېڭىلاش سىجىللىقىنى باشتىن - ئاخىرى ياخشى ساقلاش بىلەن بىرگە، يازمىلارغا قويۇلىدىغان سۈپەت ئۆلچىمىنى يۇقىرى قويۇپ، يىل ئاخىرىغىچە 165 پارچە ئىجادىي يازما يوللىنىپ،  بلوگىدا 1 پارچىمۇ پىچەك يازما بولماسلىق ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

    2. << يۈكسەل بلوگى >> نىڭ ئۇنىۋېرسال كۆرسەتكۈچى مۇقىم ئاشتى.
    (1) زىيارەت مىقدارى سىجىل ئېشىپ، قىسقىغىنا 8 ئايدا 90 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتتى.
    (2) يىل ئاخىرىغا كەلگەندە بلوگىنىڭ Google Page Rank يەنى PR قىممىتى 10 / 3 كە چىقتى.
    (3) ئۇيغۇرلاردىكى ھەرقايسى چوڭ تور بېكەتلەر << يۈكسەل بلوگى >> غا ئالاھىدە قىزغىنلىق بىلەن ھەمكارلىق قۇلىنى سۇندى. ئۇيغۇرلاردىكى ئىككى چوڭ ئۇلىنىش تورى (
    ئۇلىنىش com ، ئۇلىنىش cn )، ئۇلىنىش بىز، ياخشى ئۇلىنىش، چىچەن ئۇلىنىش ... قاتارلىق ئۇلىنىش بەتلىرى بلوگىمىزنى كۆرۈنەرلىك جايدا ئۇلىنىش قىلدى.
     بۇندىن باشقا تورداشلارنىڭ Uygoogle ، ئىزدەش ، بىرمۇ بىر قاتارلىق ئىزدەش تور بېكەتلىرى ئارقىلىق بلوگىمىزنى ئىزدەپ زىيارەت قىلىش سالمىقى بارغانسېرى ئاشتى.
    شەبنەم، سەلكىن، دىيارىم ، ئىزدىنىش، خانتەڭرى ، چوغلان قاتارلىق تور بېكەتلەر بلوگىمىزدىكى پائالىيەتلەرنى تەشۋىق قىلىشتا تېخىمۇ كەڭ سورۇن ھازىرىلاپ بەردى.
    دىيارىم تورى ئۆز باش بېتىنىڭ ئەڭ كۆزنەك ئورنىدا << يۈكسەل بلوگى >> نى 1 ھەپتە تەۋسىيە قىلدى.
     بىر زات ئەپەندى ئۆزىنىڭ بلوگ تورى <<
    80 خالتا تورى >> دا ، جېك ئەپەندى << جېك تور خاتىرىسى >> دە ئۇلىنىش بەردى.

    3. << يۈكسەل بلوگى >> دا ئېلان قىلىنغان يازمىلار دىيارىمىزدىكى ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىندى.
    مەسىلەن، بلوگىمىزنىڭ تەكلىپلىك يازغۇچىسى م ئا يۈكسەل ئەپەندىنىڭ بلوگىمىزدا ئېلان قىلغان <<
    تارىخ، شىنجاڭ، تاشپۈتۈك 
      >> ، << تارىخ، بېيجىڭ، ئۇيغۇرلار  >>، << ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ موڭغۇل مەدەنىيىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرى   >> گە ئوخشاش كۆپىنچە ئەسەرلىرى << قەشقەر >> ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىندى. بىر قىسىم ئىجادىي يامىلىرىمىز << شىنجاڭ گېزىتى >> ،<< ئاسىيا كىندىكى >> ، << ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى >> قاتارلىق گېزىتلەردە ئېلان قىلىندى.
    4. بلوگىمىزدا يېزىلغان بىر قىسىم ئەسەرلەر ئۇيغۇر تورداشلار ئارىسىدا بىرقەدەر چوڭ تەسىر قوزغاپ ،  بەلگىلىك ئىجتىمائىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى. مەسىلەن:

    1. ئۇيغۇرلاردا تەگئات
     
    http://yuksel.blogbus.com/logs/18212361.html
     
    2. بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى 10 مەشھۇر ئەدىب
    http://yuksel.blogbus.com/logs/18212856.html
     
     3. ئاي ناملىرىنى ئۇيغۇرچە ئاتاش توغرىسىدا
    http://yuksel.blogbus.com/logs/18239997.html

    4. بىر كېچىلىك مۇھەببەت
    http://yuksel.blogbus.com/logs/19130916.html

    5. ئۇيغۇرنىڭ پىيىنى قىرقىۋاتقان ئەيدىز
     
    http://yuksel.blogbus.com/logs/20074203.html

    6. ئۈرۈمچىدىكى ئەبجەش مۇدا سۆزلەردىن مېساللار
    http://yuksel.blogbus.com/logs/18534936.html

    7. ئۇيغۇر خوتۇن - قىزلىرىنىڭ تەگئات قوللىنىش مەسىلىسى
    http://yuksel.blogbus.com/logs/27996724.html

    8. چوقۇم قۇرئاندىكى ئىسىملارنى قويۇش كېرەكمۇ؟
    http://yuksel.blogbus.com/logs/29965188.html

    9. ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگ
    http://yuksel.blogbus.com/c2183533/

    盐酸曲马多 .10 نى يەنە يەيمىزمۇ ؟
    http://yuksel.blogbus.com/logs/31277769.html

    بولۇپمۇ ياش - ئۆسمۈرلىرىمىزنىڭ 盐酸曲马多 نى قالايمىقان يېيىش مەسىسلىسىگە بېغىشلانغان يازمىمىز كەڭ تور ئاممىسىنىڭ يۈكسەك دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىدى.  << شىنجاڭ گېزىتى >> بۇ ھەقتە خەۋەر بېرىشكە قىزىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شىنجاڭ رەقەملىك تېلېۋىزىيىسى << ساغلاملىق يولى >> فىلىم ئىشلەش گۇرۇپپىسى بۇ ھەقتە مەخسۇس فىلىم ئىشلەپ، پېقىرنى زىيارەت قىلدى ( بۇ فىلىم پات ئارىدا كۆرۈرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشىشى مۇمكىن ) ۋە << يۈكسەل بلوگى >> نى مەزكۇر پروگىراممىنىڭ ھەمكارلاشقۇچى ئورۇن بولۇشىغا رەسمىي تەكلىپ قىلدى.

    5. دىيارىمىزدىكى ئەيدىز يۇقۇمى ۋە سەھىيە - ئەيدىزئۇچۇرلىرىغا ئائىت يازمىلىرىمىز ( http://yuksel.blogbus.com/c2299405/  ۋە http://yuksel.blogbus.com/c1860547/ ) تورداشلار ئارىسىدا بەلگىلىك تەسىر قوزغاپ، تورداشلارنىڭ ئەيدىز ھەققىدىكى ساۋاتلىرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئۆزىنى قەدىرلەپ ، ئۆزىنى قوغداش، ئەيدىزنى ئالدىنى ئېلىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈشتە مۇئەييەن ئىجتىمائىي ئۈنۈم ھاسىل قىلدۇق.

    2008 - يىلدىكى ئەپسۇسلىنارلىق 5 ئىش

    1. كومپيۇتېر - تور تېخنىكىمىزنىڭ تولىمۇ يېتەرسىزلىكى سەۋەبلىك بلوگىمىزنىڭ تېخنىكىلىق سالمىقىنى ئاشۇرالمىدۇق. بلوگنىڭ قۇرۇلما ، ئىقتىدار جەھەتتىكى سۈپەت كۆرسەتكۈچىسىنى داۋاملىق ياخشىلاپ ئوقۇرمەنلەرگە تېخىمۇ ياخشى بولغان بلوگ زىيارەت قىلىش شارائىتى ھازىرلاپ بېرەلمىدۇق.

    2. تۇرمۇش ۋە خىزمەت رىتىمىزنىڭ تىز ، ۋاقىتنىڭ قىس بولۇشى سەۋەبلىك بىر قىسىم زىيارەتچىلىرىمىزنىڭ ئىنكاسلىرىغا ۋاقتىدا ، لايىقىدا جاۋاب قايتۇرالمىدۇق.

    3. ئۆزىمىزنىڭ ئەسەر ھوقۇقىنى ئۈنۈملۈك قوغىدىيالىمىدۇق. << يۈكسەل بلوگى >> دىكى يازمىلار ئۇيغۇر تور ساھەسىدە تور بەتمۇ -توربەت ، مۇنبەرمۇ - مۇنبەر ئۇچۇپ يۈرۈشتىن ساقلىنالمىدى. ياشلار تورى ، كەسپىي ساغلاملىق تورى ، تارانچىلار تورى ... غا ئوخشاش تور ۋە مۇنبەرلەردە يۈكسەل بلوگىنىڭ يازمىلىرى بىرىنىڭ ئارقىدىن بىرى تامامەن باشقىلارنىڭ نامىدا ئېلان قىلىنىۋەردى.  بىز مۇناسىۋەتلىك توربېكەت مەسئۇللىرى بىلەن جىددىي ئالاقىلەشكەن ، مۇناسىپ ئىرادىمىزنى بىلدۈرگەن بولساقمۇ ياشلار تورىدىن باشقا تور مەسئۇللىرى بۇ ھەقتىكى تەلەپ - ئىنكاسلىرىمىزغا پەرۋا قىلمىدى. بىز بۇ يەردە يۇقىرىقىغا ئوخشاش باشقىلارنىڭ ئەسەر ھوقۇقىغا ، ئەقلى ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىشنى بىلمەيدىغان ، ئەمما ، ئۇيغۇرلارنىڭ تور مەدەنىيىتىگە << زور تۆھپە يارىتىش ئىستىكى >> كۈچلۈك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇندىن كېيىن يۈزىنى يەنمۇ قېلىن قىلىپ، << كۆچۈرمىكەشلىك >> نىڭ يېڭى ئۇسۇللىرى ھەققىدە قېتىرقىنىپ، دادىل ئىزدىنىپ يېڭىلىق يارىتىپ، داۋاملىق ئۆز قىلغۇلىقىنى قىلىپ، تورداشلارنىڭ << كۆچۈرۈشتە ياخشى يۈز قېلىن ئوغرى >> دېگەن شەرەپلىك باھاسىغا ئېرىشىش ئۈچۈن بوشاشماي تىپىرلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز!

    4. ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگىنى باھالاش ئىشىدا ، مەزكۇر شەرەپكە ئېرىشكەن بلوگلارغا مۇۋاپىق رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن ماددىي ياكى باشقا مۇكاپات بېرەلمىدۇق. بەرگىنىمىز پەقەت << قۇرۇق نام >> بولۇپ قالدى.

    5. يىل ئاخىرىدا 100 مىڭ ئادەم قېتىملىق زىيارەت قېتىم سانى ئۆتكىلىنى بۆسۈپ ئۆتەلمىدۇق.


    يۇقىرىقىلار ، << يۈكسەل بلوگى >> نىڭ 2008 - يىلىدا قالدۇرغان ئەستىلىكلىرى بولۇپ، بىز بۇ بىر يىل جەريانىدىكى تەجرىبە - ساۋاقلارنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، 2009 - يىلىدا تېخىمۇ ياخشى بولغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز ( خۇدا خالىسا ! ) .
    ئاخىرىدا ، << يۈكسەل بلوگى >> نى باشتىن - ئاخىرى قىزغىن قوللاپ - قۇۋۋەتلەپ كېلىۋاتقان كەڭ تورداشلارغا ، بلوگىر قېرىنداشلارغا كۆپتىن كۆپ تەشەككۈر ئېيتىمىز . سىلەرنىڭ قوللىشىڭىلار بولمىغان بولسا ، << يۈكسەل بلوگى >> نىڭ بۈگۈنى بولمىغان بولاتتى ...

    يۈكسەل بلوگى

    2009 - يىلى 1- ئاينىڭ 10 - كۈنى





    评论

  • ياخشى گەپلەر بۇلۋېتىپتۇ!
  • ياخشىمۇ سىز مەن يىڭى ئۇگەنگۇچى بلوگىمدا تۇيۇقسىز ئىنكاسنى ئۇيغۇرچە يازغىلى بولمايدىغان بۇپقالدى ياردەم قىلغان بولسىڭىز
  • بلوگلىرىمىز (bloglirimiz.blogspot.com)بلوگىغا خاتىرلەنگەن ئۇيغۇرچە بلوگلار 155 كە يەتتى، بۇ سان داۋاملىق كۆپىيشى مۇمكىن ، بۇ كېلەر يىللىق سايلامنىڭ ئېلىپ بېرىلىشىغا كۆپ قىيىنچىلىقلارنى تۇغدۇرىدۇ. بىراق يۈكسەلنىڭ ھازىرقى تەرەققىيات سەۋىيسى بىلەن كېلەر قېتىملىق پائالىيەتكە قارىتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھەمكارلىق ئويى بىرلەشسە ئارتۇق ئەندىشە قىلىشىمىزنىڭ ئورنى قالمايدۇ.
  • گەپ سۆزلىرىمىزدىن چىدىماسلىق قىلغاندەك تەسىر بىرىپ قويمايلى تورداشلار!
    يۈكسەل ئەپەندى سېرىق كارتا چېقارغانلىقى ھەققىدە بىر چىرايلىق چۈشەنچە بىرىپ كۆپچىلىكنى بۇ ئىشتىن ۋاقىپلاندۇرغان ئىدى. بىزمۇ شۇ چاغدا دۇنيا قارا بلوگى بىلەن ئىلىم پەن بلوگىنىڭ باشقىلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتىپ ئەپسۇسلانغانلىقىمىزنى بىلدۈرگەن ئىدۇق. ئاخىرىغا كىلىپ مۇشۇنداق بىر ئەھمىيەتلىك پائالىيەتنى تەشكىللەپ ئاخىرىغا ئىلىپ چىققان ئادەمنى قىلغان ئىشىغا << توۋا >> قىلغۇزۋەتسەڭلار بولماس.
    يۈكسەل ئېيتتى: مەن پەقەت مۇشۇ پائالىيەتكە مەيدان ھازىرلاپ بەردىم، باھالاش. بىلەت تاشلاش كۆپچىلىك، كەڭ تورداشلارنىڭ ئىرادىسى، تاللىشى بىلەن باشتىن ئاخىر ئاشكارە ھالدا ئىلىپ بىرىلدى.
    10 چوڭ بلوگلارغا بىلەت تاشلىنىۋاتقان پەيتلەردە مەنمۇ خىلى دېققەت قىلدىم. دۇنيا قارا بلوگىغا تاشلىنىۋاتقان بىلەتنىڭ نۇرمالسىزلىقىنى بايقاپ يۈكسەلگە ئۇچۇر يوللىدىم.
    قاراپ ئولتۇرساق 2 سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىتتا تاشلانغان بىلەت سانى 130 دىن ئىشىپ كەتتى. مۇشۇنداق ئەھۋالدىمۇ يۈكسەل ئەپەندى IP تەكشۈرۈشتىن ئىككىلىنىپ قالدى. ماڭا يوللىغان ئۇچۇرىدا بلوگىرلار ئۆز ئارا ئىشەنچ بولمىسا قانداق بولىدۇ؟ مېنىڭچە بۇ ئىش مۇشۇنداق تۇرۇپ تۇرسا بولامدىكىن دېدى.
    بۇنداق بولغاندا بىز تەكىتلەۋاتقان ئادىللىق قەيەرگە كېتىدۇ، بۇ پائالىيەتنى سىلى تەشكىللىگەندىكىن مەسئۇل بولىشىڭلار، كۆرۈلگەن مەسىللەرنى ۋاختىدا كۆپچىلىككە ئاشكارلىشىڭلار كېرەك. بەلكىم ئۇ بلوگ ئىگىلىرىگە باشقىلار زىيانكەشلىك قىلغان بولىشى مومكىن. IP نى چوقۇم ئىنىقلاپ چىقمىساڭلار بولمايدۇ دەپ تەلەپ قىلىپ تۇرۋالدىم. شۇنىڭ بىلەن ئوخشاش بىر IP دىن دۇنيا قارا بلوگىغا 130 بىلەتنىڭ تاشلانغانلىقى مەلۇم بولدى. يەنە شۇ << ئادىل بولۇش >> نىڭ تۈرتكىسىدە ئەپسۇسلۇق ئىچىدە سېرىق كارتا چىقىرىشقا مەجبۇر بولدى. ئېيتىپ بېقىڭلار بۇنىڭ يۈكسەل ئەپەندىنىڭ قىلغىنى سىلەر قاتتىق ئېيتقۇدەك نەرى خاتا؟
    بىرزات بلوگىنىڭ 10 چوڭ بلوگ ئىچىگە كىرىشى ھەققىدە يۈكسەل ئەپەندىمۇ چۈشەنچە بىرىپتۇ.
    بىرزات ئۇيغۇر تېبابەت شىپاخانىسى http://blog.78.la/u/123horunmuxuk بلوگ . ھازىرمۇ ئىچىلىدۇ. كۆرۈپ باققايسىلەر!

    80خالتا ئۇيغۇر تېبابەت تورى ( دۇككىنىمنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان ) دىكى يازمىلار يۇقۇردىكى بلوگ يازمىلىرىمنىڭ جۇغلانمىسى ئىدى. بۇ تور بەت قۇرۇلغىلىمۇ بىرەر يىرىم ئاي بولدى. ( بلوگ باھالاش پائالىيتى باشلانغاندا 80خالتا ئۇيغۇر تېبابەت تورى تېخى قۇرۇلۇش باسقۇچىدا ئىدى ). شۇڭا باھالىغۇچىلار شۇ بلوگنى باھالىدىمىكىن دەيمەن.

    ھازىر ئاساسەن تېبابەتكە ئائىت يازمىلىرىمنى http://www.80halta.com غا بىۋاستە يېزىۋاتىمەن. تور بەتتىكى يازمىلارنى ئاساسەن ئۆزۈم يازىمەن. تېبابەت كىتاب مەنبەلىرىدىن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارالغان تېمىلارنى 80خالتا تورىمىزنىڭ ياردەمچىسى- بۈۋىخەدىچە يوللايدۇ. ئۇ ئىلگىرى بىر زات شىپاخانىسىنىڭمۇ ياردەمچىسى ئىدى.
    ئۆزىنىڭ ئىجادىي ئەمگەكلىرىنى يوللايدىغان، تورداشلاردىن خەت-ئۇچۇر قوبۇل قىلىپ تۇرىدىغان تور بوشلۇقىنى بلوگ دېگىلى بولمىسا كىلەر يىلىدىن باشلاپ بۇ پائالىيەتكە قاتناشتۇرمىساڭلارمۇ بولىدۇ.
  • يۈكسەل ئەپەندى كروران قايتىپ كەلدى،بۇنىڭدىن كىيىن داۋاملىق ئەيدىز تەشۋىقات گۇرۇپپىسىدا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن ھەسسەمنى قوشۇشقا تەييارمەن.
    يۈكسەل回复كروران说:
    كىشىنى تازا خۇش قىلدىڭىزغۇ، سىزدەك قابىل ھەمدەمچىمىزنىڭ بىر مەزگىل ئالدىراشلىق سەۋەبىدىن خىزمىتىمىزگە قارىشىپ بېرەلمىگەنلىكى سەۋەبلىك، تەشۋىقات خىزمىتىمىزمۇ بىر ئىزىغا چۈشۈپ قالغان ئىدى. مانا ئەمدى بولدى. ئىلاھىم ئاسپرانتلىق ئىمتىھاندا ياخشى نەتىجە قولغا كەلتۈرگەيسىز!
    2009-01-12 22:59:21
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، يۈكسەل ئەپەندى :
    مەنمۇ دۇنيا قارا ئەپەندى يازغان ئىنكاس ۋە سىز بەرگەن جاۋاپقا قوشۇپ ئۆزەمنىڭ كۆڭلىدىكىنى دەپ ئۆتەي .
    << ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بىلوگ >> نى باھالاش پائالىيتى ئېلىپ بېرىلماقچى بولغاندا ، بىلوگىر دوستلار ئاكتىپلىق بىلەن قاتناشتۇق . پائالىيەتتمۇ ياخشى ئېلىپ بېرىلۋاتاتتى . بىراق پائالىيەتنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە بىر قىسىم تورداشلارنىڭ ئارتۇقچە بېلەت تاشلىغانلىقى ئۈچۈن مېنىڭ بىلوگىم بىلەن dunyakara ئەپەندىنىڭ بىلوگىغا سېرىق كارتا بېرىلدى . بۇ ئىش ماڭا ھەم dunyakara /ئەپەندىگە ئوخشاشلا ھار كەلدى . بۇ ھار كېلىش ھەرگىزمۇ قورسۇقىمىزنىڭ ئاغرىقى بولغانلىقىدىن ئەمەس ، بەلكى ، يېمىگەن مانتىنىڭ پۇلىنى تۆلىگىمىز كەلمىگەنلىكىدە ( سىزنىڭمۇ يېمىگەن مانتىنىڭ پۇلىنى تۆلىگىڭىز يوققۇ دەيمەن ) . ئاددىي قىلىپ قىلىپ ئېيىتقاندا ئادىللىقنى تەكىتلەش ئىستىكىمىزنىڭ كۈچلۈك بولغانلىقىدا ئىدى . شۇڭا مەن ئادىللىقنى تەكىتلەش ئۈچۈن ( مۇشۇ پائالىيەتنىڭ ئادىل ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن ) بۇ قېتىمقى پائالىيەتتىن چېكىنىپ چىقتىم ھەم بىلوگىمدا مۇناسىۋەتلىك يازما ئېلان قىلدىم .
    ئەمدىلىكتە بولسا سىز بىزنى << قورسىقىنىڭ ئاغرىقى بارلار >> دەپ قاراپسىز . بۇنداق قارىغىنىڭىزغا مېنىڭ بەك ئاچچىقىم كەلدى .
    << 10 چوڭ بىلوگ >> نىڭ نەتىجىلىرىنىڭ ھەممىسى تورداشلارنىڭ باھالىشى بىلەن چىقىرىلغان نەتىجە بولغاندىكىن ، بۇ نەتىجىگە يەنە ئىزاھات بېرىشنىڭ ھېچقانداق زۆرۈريىتى يوق ئىدى . شۇڭا مەن بۇ ئىشنى سىزنىڭ شەخسىي ھىسياتىڭىزغا تاينىپ قىلغان ئىش دەپ قارايمەن .
    يۈكسەل回复ئىلىم - پەن说:
    << قورساق ئاغرىشتىن قورقمىغان كىشى، تاۋۇز يېيىشتىن قورقماسلىق كېرەك >> دېگەن گەپ قانداقمۇ سىز ئېيتقاندەك << قورسقىنىڭ ئاغرىقى بارلار >> دېگەن گەپ بىلەن باراۋەر بولسۇن ؟! ... سىز پېقىر بىلەن چۈشىنىش ھاسىل قىلماقچىمۇ ياكى باشقا مۇددىئايىڭىز بارمۇ ؟!...
    يۈكسەل بلوگى قۇرۇلغاندىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە << دۇنيا قارا >> ۋە << ئىلىم - پەن >> بلوگىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق قېرىنداش بلوگلار بولغان ھەمكارلىققا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىپ كەلدى. ھېچقاچان بۇ ئىككى بلوگنىڭ ئىززەت - ئابرۇيىغا نۇقسان يەتكۈزدىغان خاھىش ياكى قىلمىشتا بولۇپ باقمىدى. بەلكى تېخى تېگىشلىك جايدا مۇناسىپ قوغداش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلدى. پېقىرنىڭ ئەمدى بۇ ھەقتە ئارتۇقچە چۈشەنچە بېرىپ، گەپنى يىپچى خوتۇننىڭ پايپىقىدەك ئۇزارتقۇسى يوق !
    بۇ ئىشلارنىڭ ئالدى كەينىنى چۈشەنمەكچى بولغانلار << يىللىق 10 چوڭ بلوگ >> دېگەن سەھىپىنى كۆرسىلا ھەممە ئىش 14 كۈنلۈك ئايدەك روشەن بولىدۇ.
    2009-01-12 11:12:29
  • ئىنكاس يوللايدىغان كاتەكچىدە ئۇيغۇرچە خەت نۇرمال كۆرۈنمەيدۇ ، شۇنى بىر ئوڭشاپ بەرگەن بولسىڭىز .
  • ھەم پۈتۈن شئېرىي ئەسەرلەرنى باش بەتتىمۇ ئوتتۇرسىدا كۆرنىدىغان قىلىپ قويسىلا ، مەن بۇنى پەقەت قىلالمىدىم !
    يۈكسەل回复ئۇيغۇرتېكىن说:
    ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام !
    ئېلخىتىڭىزنى كۆردۈم ۋە ئىلتىماسىڭىز بويىچە، بلوگىڭىزدىكى شېئىرلاردىن 10 پارچىدىن ئارتۇقىنى تەھرىرلەپ قويدۇم. قالغانلىرىنى ئۆزىڭىز تەھرىرلىۋالسىڭىز، ماقالە بېتىدىكى تەھرىرلەش بىلەن باش بەتتىكى قىسىمنى تەھرىرلەش ئۇسۇلى ئوخشاش بولۇپ، مەن تەھرىرلەپ قويغان شېئىرلاردىن پايدىلانسىڭىزمۇ بولىدۇ.
    ھە راست، بېخەتەرلىك ئۈچۈن ئىمىڭىزنى ( مەخپىي نومۇرنى ) ئۆزگەرتىۋېلىڭ!
    2009-01-12 00:27:22
  • يۇكسەل ئەپەندىم ، سىلىنىڭ gmail خەت ساندۇقىغا ئۇچۇريوللاپ قويدۇم ، شۇنىڭدا سىلىدىن ياردەم سورىغان ئىشلار بار . سىلىنى مالال قىلىدىغان بولدۇم ، شۇنداق بولسىمۇ بىر ھاجىتىمدىن چىققايلا ! رەھمەت !
  • ماڭا ياردەم قىلسىڭىز بوپتىكەن !
    يۈكسەل回复اەا说:
    قولدىن كېلىدىغان ئىش بولسىغۇ قولۇم كۆكسۈمدە ئىدى. بىراق ، زادى قانداق ياردەمگە ئېھتىياجلىقلىڭىزنى دېمەپسىز ، بۇ خىل ئەھۋالدا ياردەم بېرىشكە ئىمكانسىزمەن.
    2009-01-11 22:13:32
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكوم يۈكسەل ھەزرەتلىرى ، بلوگىڭلارنى زىيارەت قىلىۋىتىپ قالدۇرغان سۆزلەر ئارىسىدا باشقا بىرسىنىڭ مەرىپەت نامىدا < نىمىشقا سىزلا باھالىغۇدەكسىز > دىگەندەك ئىنكاسلارنى ئۇچرىتىپ قالدىم ، بۇنىڭ http://meripet.blogbus.com بىلەن ئالاقىسى يوق ،بۇ باشقا مەرىپەت ئوخشايدۇ ، خاتا چۇشەنمىگەيلا ،
    ھۆرمەت بىلەن مەرىپەت بلوگى ياساش گۇرپىسىدىن :ئىزباسار .
    يۈكسەل回复ئىزباسار说:
    ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!
    مەنمۇ شۇنداق ئويلىغان ئىدىم. ھەرھالدا چۈشەنچە بېرىۋەتكىنىڭىز توغرا بولدى.
    2009-01-11 19:21:42
  • نىمىشقا بۇنى سىزلا باھالىغۇدەكسىز؟
    يۈكسەل回复مەرىپەت说:
    نېمىنى دەيسىز ؟!... ياكى << 2008 - يىللىق ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگ >> نى باھالاشنى دەمسىز؟
    كىم دەيدۇ بۇنى مېنى باھالىدى دەپ؟! ... بىز يەنى << يۈكسەل بلوگى >> پەقەت شۇنداق بىر باھالاش پائالىيىتىنى تەشكىللەپ، كەڭ تورداشلارنى ئاۋاز بېرىدىغان ، بېلەت تاشلايدىغان سورۇن بىلەن تەمىن ئەتتى. باھالىدى دېسە، تورداشلار باھالىدى شۇ !
    2009-01-11 18:51:56
  • يۈكسەل بلوگىغا ئوچۇق خەت

    يۈكسەل بلوگىنىڭ 2008-يىلىغا نەزەر ناملىق يازمىسىنى ئېلان قىلغان كۈنى ئوقۇغان ئىدىم، بىراق ھېچقانداق ئىنكاس يازمىغان، بۈگۈن يۈكسەل ئەپەندىمنىڭ بلوگىمدا قالدۇرغان ئىنكاسىنى كۆرۈپ جاۋاپ قايتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ئىنكاس قالدۇرغان بلوگنى دەرھال كۆرۈپ چىقىش ئادىتىم بويىچە يەنە كىرىپ قارىسام تەكلىماكان ئەپەندىم مۇشۇ يازمىغا ئىنكاس قالدۇرۇپتۇ، شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ غەيرەتكە كېلىپ ئىنكاس يازغان ئىدىم، ئىنكاس بەك ئۈزۈن بولۇپ كەتكەنلىكتىنمۇ ياكى يۈكسەل بلوگىدا ئوڭ كۇنۇپكا چەكلەنگەنلىك سەۋەبىدىنمۇ بىلەلمدىىم، ئىنكاس يوللانمايلا قويدى. شۇڭا بلوگىمدا بىر يازما سۈپىتىدە ئېلان قىلىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم، قالغان بلوگگىر دوستلارمۇ كۆرۈپ كۆزقاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقسا دىگەن ئۈمىتتىمەن.
    ھۆرمەتلىك يۈكسەل بلوگى ئەسسالامۇئەلەيكۇم! بلوگىڭىز 2008-يىللىق بلوگچىلىق خىزمەتلىرىدىن خۇلاسە بايان قىلىپ ئۆتۈپسىز، بۇ ناھايىتى ياخشى بولۇپتۇ. پېقىر بلوگىڭىزدىكى يېڭىلىقلارغا ، ئۆزگىرىشلەرگە ھەم شۇنداقلا ئەپسۇسلىنىشلارغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ كېلىۋاتىمەن، بۇنى بەلكىم ئۆزىڭىزمۇ كۆرىۋاتقانسىزكونىلار دوست يىغلىتىپ ئېيتار، دۈشمەن كۈلدۈرۈپ دەپ توغرا ئېيتقان ئىكەن، مەنمۇ سىز پەرەز قىلالمىغان، پەرەز قىلغان بولسىڭىزمۇ دادىل ئوتتۇرىغا قويالمىغان بلوگىڭىزنىڭ ئەپسۇسلىنارلىق ئىشى شۇنداقلا پېقىرنىڭ ئەپسۇسلىنارلىق ئىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى قارار تاپتىم، بۇ بەلكىم ئۇزاق كەلگۈسىدىكى بلوگىڭىزنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا ئاز-تولا ياردىمى بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس ئەسلى مەن بۇنداق ئەپسۇسلىنارلىق ئىشلاردا باشتىن-ئاخىر سۈكۈت ئىچىدە تۇراي دەپ ئويلىغان ئىدىم ، بىراق تەكلىماكان ئەپەندىمنىڭ ئىنكاسىنى كۆرۈپ غەيرەتكە كەلدىم ھەم دوستلارنىڭ كەمچىلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىش ھەم دوستلارنىڭ ئىشى دىگەن مەجبۇرىيەتنىمۇ ھېس قىلدىم بلوگىڭىز ئۇيغۇرلاردىكى 10چوڭ بلوگ دىگەن پائالىيەتنى 2008-يىلى10-ئايدا ئوتتۇرىغا قويدى، بۇنىڭ سىزنىڭ يالغۇز ئېلىپ بارغانلىقىڭىزنى ياكى باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ئېلىپ بارغانلىقىڭىزنى باشقا بلوگگىر دوستلار بىلمەيتتۇق،جۈملىدىن پېقىرنىڭمۇ خەۋىرى يوق ئىدى، نامزات كۆرسۈتۈش، ئاۋازغا قويۇش دىگەندەك بىر قاتار باسقۇچلار ئېلىپ بېرىلغان چاغلاردا باشقا بلوگگىر دوستلاردىن جۈملىدىن پېقىردىن بۇ پائالىيەتنى ياخشى ، ئادىل ئېلىپ بېرىش توغرىسىدىكى مەسلىھەتلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بىراق ئەمدى كېچىكىپ قالغانلىقىڭىزنى كېيىن ئويلىشىدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈردىڭىز، ھالقىلىق ئۆتكەل بېلەت تاشلاش باسقۇچىدا ھەممىمىزگە ئايان ئاخىرقى باسقۇچقا بارغاندا كۆڭۈلسىزلىك يۈز بەردى، سىز تۇيۇقسىزلا پېقىرنىڭ بلوگى بىلەن ئىلىم-پەن بلوگىغا سېرىق كارتا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلدى دەپ يازمىنى يوللاپ قويۇپسىز، ھەم تېخى بۇ بلوگلارنىڭ قاتنىشىش سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلىنىشى مۇمكىن دەپ قويۇپسىز، بۇ پائالىيەتنىڭ بېشىدا مۇكاپات ۋە جازا توغۇرلۇق ھېچقانداق يازما يوللىمىغان ئىدىڭىز، بۇ ئىشىڭىز بەك تۇيۇقسىز بولدى ھەم بىزگە قاتتىق ھار كەلدى.شۇنىڭ بىلەن ئىلىم-پەن بلوگى ئۆزىنىڭ بۇ پائالىيەتتىن چىكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا مەجبۇر بولدى.ھەممىمىزگە مەلۇم ئىلىم-پەن بلوگىمۇ ياخشى بلوگلار قاتارىدىن ئىدى.(بۇ پېقىرنىڭ ئەپسۇسلىنىدىغان ئىشى ).
    مەن يەنىلا بۇ تېخى تۇنجى قېتىملىق ئىش بولغاندىن كېيىن سەۋەنلىكلەردىن خالى بولغىلى بولمايدۇ دەپ ئۆزۈمگە تەسەللى بېرىپ كەلگەن ئىدىم. يېڭى يىلدا نەتىجىمۇ ئېلان قىلىندى، قارىسام پېقىرنىڭ بلوگىنىڭ ئارقىسىغا تىرناق ئېچىپ ئىچىگە (ئوخشاش ئادرىستىن تاشلانغان 130 بېلەت ئىناۋەتسىز) دەپ ئەسكەرتىش بېرىپ قويۇپسىز. شۇنىڭ بىلەن تېمىڭىزنىڭ ئاستىغا نامسىز بىرەيلەن :دۇنياقارا بلوگىنىڭ كىرەلىگىنىگە ھەيرانمەن. دىگەندەك ئىنكاسمۇ قالدۇرۇپتۇ تېخى.بۇ سىزنىڭ پېقىرنىڭ بلوگىنى يەنە بىر قېتىم سازايى قىلغىنىڭىزمۇ؟سىزنىڭچە مۇشۇنداق قىلغىنىڭىز ئادىللىقمۇ؟
    سىز ئومومى بېلەت 1760 چۈشتى دەپ ئېلان قىلىپسىز، ئەمىلىيەتتە چوڭ بلوگنى ئېلان قىلغان ۋاقتىڭىزدىكى جەمئى بېلەت سانى قانچە بىلەمسىز؟ مۇشۇ تىزىملىكتىكى بارلىق بلوگقا چۈشكەن ئومومى بېلەت سانى 3921 بېلەت ئىدى، بۇنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى 10 بلوگقا چۈشكەن بېلەت سانىنى ھېساپقا ئالغاندىمۇ 2674 بېلەت تۇرسا ، سىز ئوچۇقلا 1760 بېلەت چۈشتى دەۋاتىسىز ، 1760 بېلەت ئۈنۈملۈك بېلەت بولسا ئۇنداقتا قالغان 914 بېلەت ئۈنۈمسىز(ئوخشاش ئادرىستىن تاشلانغان بېلەت) بولىدۇ، پېقىرنىڭ ئوخشاش ئادرىستىن تاشلانغان بېلەت سانى 130نى چىقىرىۋەتسىڭىزمۇ قالغان784 ئۈنۈمسىز بېلەتنىڭ ئىگىلىرىنى ئەسكەرتمەپسىزغۇ؟ يەنە كىم-كىملەرگە قانچىلىك بېلەت ئۈنۈمسىز تاشلاندى، بۇنى پېقىرنىڭكىگە ئوخشاش ئېلان قىلسىڭىز بولاتتى. ياكى بىراقلا ھەممىسىنىڭ ئۈنۈمسىز بېلەت سانىنى ئېلان قىلمىسىڭىزمۇ بولاتتى. ئەكسىچە پەقەت پېقىرنىڭكىنىلا ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىپ قويۇپسىز، مانا بۇ پېقىرنىڭ بلوگىغا قىلىنغان ئادالەتسىزلىك دەپ ھېس قىلدىم، مۇشۇ بلوگىڭىزدىلا بولغان بولسىمۇ مەيلىتتى، بىراق بۇ نەتىجىنى نۇرغۇنلىغان مۇنبەرلەرگە ئېلان قىلىپسىز، بۇ پېقىرنى ئوخشاشلا مىخنىڭ ئۈستىگە ئولتۇرغۇزۇپ قويغانلىق ئەمەسمۇ؟
    يەنە باشقا مۇنبەرلەردىكى مۇشۇ پائالىيەت جەريانىدا چۈشكەن بىرمۇنچە يوللۇق ئىنكاسلارغا پەرۋا قىلمىدىڭىز، ئۇ ئىنكاسلارنىڭ بىر قەدەر غوللۇقلىرىدىن 80خالتا توربەت تۇرسا 10چوڭ بلوگ نىڭ ئىچىگە قانداق كىرىدۇ؟ دىگەن مەسىلە بولدى بۇ پائالىيەتنى قىلغان ئىكەنسىز ئالدى بىلەن نامزات بلوگلار توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىش ئارقىلىق ئالاھىدىلىكلىرى توغرىسىدا تونۇشتۇرۇش ئېلىپ بېرىپ ئاندىن ئىشنى تەرتىپلىك، ئەتراپلىق، بار مەسلىھەت بىلەن(كونىلاردا كېڭەشلىك ئىش بۇزۇلماس دىگەن گەپ بار ئەمەسمۇ)ھەققانىيلىقنى كۆزلىگەن ئاساستا، ئادىل ئېلىپ بارغان بولسىڭىز ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولاتتى.
    يوقارقى پىكىرلىرىم بەلكىم قۇلاقلىرىغا خۇشياقمىغان بولىشى مۇمكىن ، بىراق مەن پەقەت بلوگلىرىدىكى ئەمىلى ساقلانغان نۇقسانلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ قويدۇم، قوبۇل قىلسىلىرى ئاشۇ تىرناق ئىچىدىكى ئارتۇقچە سۆزنى ۋە سېرىق ئاگاھلاندۇرۇشلىرىنى چىقىرىپ تاشلىۋېتىشلىرىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئىلتىماس قىلىمەن. ھەم بۇندىن كېيىنكى ئىشلارنى سالماقلىق بىلەن ئېلىپ بېرىشلىرىنى سورايمەن.

    ئېھترام بىلەن

    دۇنيا قارا بلوگى
    يۈكسەل回复دۇنيا قارا说:
    بۈگۈنكى كۈندە جەمئىيىتىمىزدە بولۇپمۇ تور ساھەسىدە بىراۋلارغا ئوچۇق خەت يېزىش ئىشى ئاۋۇپ قالغان ئەمما يېزىلغان ئوچۇق خەتلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئىجابي رەۋىشتە بولماستىن قىتىغۇرلۇق خاراكتېرىنى ئېلىپ قېلىۋاتقانلىقى سەۋەبلىك، سىزنىڭ << يۈكسەل بلوگىغا ئوچۇق خەت >> تېمىڭىزنىڭ ماۋزۇسىنى كۆرۈپلا ئۇشتۇمتۇت سوغ تەگكەندەك بىر ئەندىككەن ئىدىم. بۇ مېنىڭ تۇنجى تەسىراتىم. << ئوچۇق خەت >> نى ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن بۇ تەسراتىمنىڭ ئورۇنسىز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم.
    ئوچۇق خەتتە مەركەزلىك تىلغا ئېلىنغان ئىش يەنىلا << ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگ >> نى باھالاش ئىشى ئىكەن. ئەسلى باھالاش جەريانىنىڭ ھەممىسى تور يۈزىدە ئاشكارا ، تورداشلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغانلىقى سەۋەبلىك ئارتۇقچە ئىزاھات- چۈشەنچە بېرىش ھاجەتسىز ئىدى. شۇنداقتىمۇ ، مەزكۇر ئوچۇق خەتتە بىر قانچە سۇئال سورالغانلىقى، سورلغان سۇئالغا جاۋاب بېرىش ئەدەب جۈملىسىدىن ئىكەنلىكى سەۋەبلىك ئۇشبۇ جاۋابنامىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.

    ئالدى بىلەن تەكتىلەپ قويماقچى بولغۇنىم شۇكى ، << 2008 - يىللىق ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگ >> نى باھالاش ئىشىنى يۈكسەل بلوگى ئۆز ئالدىغا تەشكىللىگەن بولۇپ، بىز باشقا ھېچقانداق بلوگىر دوستلار بىلەن ھەمكارلاشىمىدۇق( يەنى باشقا بلوگىرلار بىلەن بىرلىشىپ تەشكىللەش ياكى باھالاش ئېلىپ بارمىدۇق ). ئەمما، بۇ ھەرگىزمۇ باھالاشنى ئۆز ئالدىمىزغا باھالاپ نەتىجىسىنى چىقىرىۋالدۇق، دېگەنلىك ئەمەس. بەلكى ، تورداشلار باشتىن - ئاخىرى كۆرۈپ تۇرغۇنىدەك ، بىز پەقەت تەشكىللەپ قويدۇق ( يەنى سورۇن بىلەن تەمىن ئەتتۇق )، تورداشلار ئۆزلىرى نامزات كۆرسىتىشىپ، ئۆزلىرى بېلەت تاشلىشىپ ، ئەڭ ئاخىرقى نەتىجىنىمۇ ئۆزلىرى بارلىققا كەلتۈردى. بىز پەقەت بۇ نەتىجىلەرنى ستاتىلاپ ئېلان قىلىپ قويدۇق خالاس. مەزكۇر باھالاش نەتىجىسىگە قارىتا نارازىلىق بولسا، مەنتىقە بويىچە، ئېترازنى << يۈكسەل بلوگى >> غا ئەمەس، بەلكى مۇشۇ نەتىجىنى روياپقا چىقارغان كەڭ تورداشلارغا بىلدۈرۈش كېرەك.

    دۇنيا قارا ئەپەندى << بېلەت تاشلاش باسقۇچى >> دا كۆرۈلگەن كۆڭۈلسىزلىك ھەققىدە توختىلىپتۇ. ئۇنداقتا، بۇ ھەقتىمۇ بىر ئازا چۈشەنچە بېرىپ ئۆتەي:
    مەزكۇر پائالىيەتنى تەشكىللىگەن ۋاقتىمىزدا كەڭ بېلەت تاشلىغۇچى بلوگىر ۋە تورداشلارنىڭ كىشىلىك پەزىلىتىگە ئىشەنگەن ئىدۇق. ئۇلارنى بۇ ئىشقا توغرا مۇئامىلە قىلىدۇ، ساختىلىقنىڭ پەيدا بولۇشىنى خالىمايدۇ دەپ قارىغان ئىدۇق. ھەمدە ، بېلەت تاشلاش پروگىراممىسىنىڭ IP خاتىرىلەش ئىقتىدارى بارلىقىنىمۇ ئەسكەرتىپ قويغان ئىدۇق ( ئىنكاس ئارقىلىق ) . بېشىدا بىر ئوبدان ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بېلەت تاشلاش ئوتتۇرا ۋە ئاخىرقى باسقۇچقا بارغاندا ، ساختىلىق كۆرۈلۈشكە باشلىدى.
    ئاۋۋال مەلۇم بىر تورداش 124.117.226.38 كۈندە مەلۇم ساندا ( 5 - 10 غىچە ) ئىلىم - پەن بلوگىغا بېلەت تاشلىدى. ئارىدا بىز << ئۆزىمىزنىڭ بۇ خىل يۈزلىنىشكە يەنى ساختىلىق كۆرۈلىۋاتقانلىقىغا يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتىمىز >> دېگەن مەزمۇندا ئاگاھلاندۇرۇشنى قىزىل رەڭلىك خەت بويىچە بەردۇق. شۇندىن كېيىن بۇ تورداشنىڭ بېلەت تاشلاش سالمىقى سەل چۈشتى ئەمما يەنىلا كۈنىگە 1 -3 كىچە بېلەت تاشلاپ تۇردى.
    ئارقىدىن 2008 - يىلى 12 - ئاينىڭ 17 - كۈنى سەھەردە ( يەنى بېلەت تاشلاش ئاخىرلىشىشقا 3 كۈن قالغاندا ) 124.118.64.11 ۋە 124.118.65.243 دېگەن ئىككى IP دىن 2 سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە دۇنيا قارا بلوگىغا 130 بېلەت تاشلاندى. بۇ ئەھۋالغا قاراپ ئىلاجسىزلىقتىن IP نى ئەسكەرتىپ ئاگاھلاندۇرۇش بېرىشكە مەجبۇر بولدۇق ۋە مۇشۇ ھەقتە << بېلەت تاشلىغۇچىلارغا جىددىي ئاگاھنامە >> دەپ تېما يوللىدۇق. ھەيران قالارلىق يېرى شۇكى، مەزكۇر تېما يوللانغاندىن كېيىن، ھەر ئىككى بلوگقا يۇقىرىقى IP لاردىن بېلەت تاشلاش قىلمىشى قايتا سادىر بولمىدى.
    يۇقىرىقى ئاگاھنامىدە بىز بۇ ئىككى بلوگنىڭ يەنى ئىلىم - پەن بلوگى ۋە دۇنيا قارا بلوگىنىڭ ئىززەت - ئابرۇيىغا تېگىدىغان ھېچقانداق سۆز - ئىبارە ئىشلەتمىدۇق. ھەتتا، يۇقىرىقى قىلمىشنى بلوگ ئىگىلىرى قىلغان دەپ قارىمايدىغانلىقىمىزنى، باشقىلارنىڭ زىيانكەشلىك قىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتتتۇق( ئەسلىدىكى تېمىغا قارالغاي! ). بىز پەقەت بولغان ئەينى ئىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ ئىش داۋاملىشىۋەرسە ، يۇقىرىقى بلوگلارنىڭ باھالاشنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ قويدۇق خالاس. بۇنى يۇقىرىقى ئىككى بلوگ نېمە ۋەجىدىن ھار ئالىدۇ ؟! مېنىڭچە، قورساقنىڭ ئاغرىقى بولمىسا ، تاۋۇز يېيىشتىن قورقماسلىق كېرەك، ھەقىقىي خار ئېلىشقا تېگىشلىكى ھېلىقى تەكرار بېلەت تاشلىغۇچى تورداشلاردۇر.
    نەتىجە چىقىرىشتا، يۇقىرىقى تەكرار بېلەت تاشلانغان بلوگلارنىڭ ئۇۋالچىلىققا ئۇچراپ قالماسلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، تورداشلارنىڭ تەكلىپى بويىچە ئوخشاش IP دىن تاشلانغان بېلەت سانىنى چىقىرۋېتىپ ستاتا قىلدۇق. نەتىجىدە دۇنيا قارا بلوگى 10 چوڭ بلوگنىڭ ئىچىگە كىردى. ئىلىم - پەن بلوگى بولسا 11 قاتاردا بولدى. شۇڭا، نەتىجىگە دۇنيا قارا بلوگى كىرگۈزۈلۈپ، ئوخشاش IP دىن تاشلانغان بېلەتنىڭ چىقىرۋېتىلگەنلىكى ئەسكەرتىپ قويۇلدى( بولغان ئەمەلىي ئىش شۇ بولغان ئىكەن، تورداشلارنى ۋاقىپلاندۇرۇپ قويۇش كېرەك دەپ قارىدۇق ) . ئىلىم - پەن بلوگى 10 نىڭ ئىچىگە كىرەلمىگەنلىكى سەۋەبلىك ئارتۇقچە توختالمىدۇق ( ئەگەر كىرگەن بولسا ئوخشاشلا تەكرار بېلەت تاشلانغانلىقى ئەسكەرتىلەتتى ). بىز پەقەت بېلەت تاشلاش جەريانىنڭ ئاشكارا - ئادىل بولۇشىنى كۆزدە تۇتۇپ، نېمە ئىش بولغان بولسا شۇ ئىشنى شۇ پېتى تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇق. زەررىچە ئىش قوشىمىدۇق. بۇ قانداقمۇ دۇنيا قارا بلوگىنى سازايى قىلغانلىق بولسۇن ؟!... بۇ قىلغىنىمىزنىڭ نەرى ئادىل ئەمەستۇ ؟ ياكى بۇ ئىككى بلوگنىڭ نەتىجىسىنى بىكار قىلغان بولسا ئادىل بولار بولغۇيمىتى؟! ...
    ئاخىرىقى نەتىجە ئېلان قىلىنغان تېمىدا ئوتتۇرىغا قويغىنىمىزدەك جەمئىي بېلەت 1760 ( بۇ جايدا بېلەت تاشلاش قېتىم سانى يەنى بېلەت تاشلاشقا قاتناشقۇچىلارنىڭ ئومۇمى سانى كۆزدە تۇتۇلغان ) بولۇپ، بۇ بېلەت تاشلىغۇچىلارنىڭ بەزىلىرى پەقەت 1 بلوگقا بېلەت تاشلاپ كۇپايە قىلغان بولسا، بەزىلىرى بىراقلا 10 بلوگقا بېلەت تاشلىغان ( بىز بۇ ھەقتە دەسلەپتە توختالغان يەنى بېلەت تاشلاش پروگىراممىسى بىرلا ۋاقىتتا 10 بلوگقا بېلەت تاشلاشنى قوللايدۇ، دەپ ) . قارىغاندا دۇنيا قارا بلوگى بۇ نۇقتىنى تازا چۈشنىپ يېتەلمىگەن بولسا كېرەك. قالدى ھېسابنى ئىنچىكىرەك ئويلىساق ھەممە نەرسە شۇنداق ئايدىڭ بولىدۇ. شۇڭا، بۇ يەردە كۆپچىلىككە باشلانغۇچنىڭ ھېساب دەرسىدىن تەكرار قىلىپ بېرىشنى مۇۋاپىق تاپمىدىم. كۆپچىلىك ئەپۇ كۆزىدە قارىغاي!
    ئەمدى بىر زات ئەپەندىنىڭ 80 خالتا تورىنىڭ بۇ پائالىيەتتە ئۈزۈپ چىقىش مەسىلىسىگە كەلسەم، ھەقىقەتەنمۇ بەزى تورداشلار 80 خالتىنىڭ بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىشىنىڭ مۇۋاپىق بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىقان ئىدى. ئەمما، بۇ باھالاش يولغا قويۇلغاندا 80 خالتا تورى تېخى قۇرۇلمىغان ئىدى. بىر زات شىپاخانىسى نامزاتلىققا كۆرسىتىلىپ تاللانغان ئىدى. پەقەت 11 - ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا ، بېلەت تاشلاش باسقۇچى باشلىنىش ھارپىسىدا 80 خالتا تورى ئىشقا كىرىشتى. بۇندىن باشقا، 80 خالتا تورى يەنىلا ئۆزىنى ئىلگىرىكى بىرزات شىپاخانىسىنىڭ راۋاجى دەپ قاراپ، شۇ خىل ئۇسلۇبتا تەرەققىي قىلدى. بۇنداق ئەھۋالدا 80 خالتا تورىنى بۇ پائالىيەتتىن چىقىرۋېتىشنى ئانچە مۇۋاپىق دەپ قارىمىدۇق. قارايدىغان بولساق، مەيلى دۆلەت ئىچى ياكى خەلقئارادا بولسۇن، مۇستەقىل تور نامىغا باغلانغان ، ئۆزى بوشلۇق ئېلىپ ، ئۆزى بەت ياساپ نەشىر قىلىۋاتقان بلوگ تور بەتلىرى ئاز ئەمەس. قېنى كۆپچىلىكنىڭ 80 خالتا تورىنى بلوگ ئەمەس دەيدىغانغا ئاساسى نېمىكىن ؟! ...
    تەكىتلەپ قويماقچى بولغىنىمىز شۇكى، سەمىمىيلىك بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بارچە تەكلىپ - پىكىرلەرگە دۇنيا قارا ئەپەندى ئېيتقاندەك << قۇلاققا خۇش ياقماسلىق >> پوزىتسىيىسى بىلەن ئەمەس، بەلكى تولىمۇ زەڭ قويۇش ھېسياتى ۋە پوزىتىسىيىسى بىلەن ئىزچىل قۇلاق سېلىپ كېلىۋاتىمىز ھەم بۇندىن كېيىنمۇ شۇنداق قىلىمىز ( بۇ يەردە بارلىق تەكلىپ - پىكىر بەرگۈچى دوستلارغا چىن كۆڭلىمىزدىن كۆپ تەشەككۈر ئېيتىمىز )! ئەمما، تەكلىپ بېرىش خاراكتېرىدىن ھالقىغان دارىتمىلاش، تەنە قىلىش تۈسىنى ئالغان ھەرقانداق سۆز - ئىبارىنى قوبۇل قىلالمايمىز.
    2009 - يىللىق ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگنى باھالاش ئىشىنى خۇدا خالىسا كۆپچىلىكتىن تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە پىكىر ئېلىش، باشقىلار بىلەن بىرلىكتە تەشكىللەش ، كۆزەتكۈچىلەرنى بەلگىلەش ... قاتارلىق شەكىللەر بىلەن تېخىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ بېرىشقا تىرىشىمىز!
    ئاخىرىدا، مەزكۇر پائالىيەتنىڭ باش - ئاخىرىغا ئىزچىل دىققەت قىلىپ، كۆڭۈل بۆلگەن بارلىق تورداشلارغا ، بلوگىر دوستلارغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتىمىز!
    2009-01-11 12:49:46
  • مېنىڭچە يۈكسەل بلوگنىڭ ئۇيغۇرلاردىكى 10 بلوگقا كىرىشى تەبئى ۋە يۈكسەل بلوگنىڭ سالاھىتى ھەم داڭقىغا ئۇيغۇن ئىش بولسىمۇ، يۈكسەل بلوگ چەتتە تۇرىشى كېرەك ئىدى.
    ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگنى باھالايمىز دىگەن گەپنى يۈكسەل بلوگ تاپقان.
    ھەم بارلىق باھالاش نەتىجە چىقىرىش ئىشلىرىدا باشقىلارنىڭ ھەمكارلىقى بارلىقى تىلغا ئېلىنمىدى. شۇڭلاشقا چاڭۋېيخۇي نى دوراپ، ئۆزىنى قوشۇپ قويغىنى بولمىدى.
    يۈكسەل بلوگ باشتىن ئاخىرى بۇ باھالاش تىزىملىكىگە قاتناشتۇرۇلمىسا، ھەم بۇ ھەقتە ئەسكەرتىش بېرىلسە ياخشىراق بولامتىكى.
    بۇنىڭ نىمىگە پايدىسى بار:
    ئىشەنچىلىك دەرىجىسى يۇقىرى بولىدۇ.
    يۈكسەل بلوگدىكىلەرگە ئىشەنمىگەنلىك ئەمەس، ئەمما پاكىت بىلەن سۆزلىنىدۇ دەيدىغان گەپ بار.
    يەنە بىرى تېخىمۇ كۆپ تورداشلار تەرىپىدىن ئېتراپ قىلىنىشقا ئېرىشكىلى بولىدۇ.
    دۇنيادىكى داڭلىق ژۇرناللارنى باھالاش پائالىيتى ئۆتكۈزگەن تايمىس ژۇرنىلى ئۆزىنى قاتناشتۇرمايدۇ. دىگەندەك......
    2009 دا بۇ نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش بىلەن بىرگە ...... بۇ پائالىيەتنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشىنى ئۈمد قىلىمىز.
    يۈكسەل回复تەكلىماكان说:
    ئالدى بىلەن ، سەمىمىيلىك بىلەن دوستانە تەكلىپ بەرگەنلىكىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر! دەرۋەقە، ئېيتقانلىرىڭىز ئورۇنلۇق. كەمىنىڭىزمۇ ھەم شۇ ۋەجىدىن كۆپچىلىك ئالدىدا سەل خىجىل. شۇنداقتىمۇ يۈكسەل بلوگىنىڭ بۇ 10 چوڭ بلوگىنىڭ ئىچىگە كىرىشى قانداقتۇر ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز كىرگۈزۈپ قويغانلىقىمىزدىن بولماستىن، تورداشلارنىڭ ئەركىن، ئادىل بېلەت تاشلاپ باھالىشىنىڭ نەتىجىسىدۇر. ھەق گەپنى ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلارغا تەئەللۇق بولغان بىر بلوگ بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن يۈكسەل بلوگىنىڭ كەڭ تورداشلارنىڭ ( يەنى ئەلنىڭ ) ئۆزىگە قانداق باھا بېرىدىغانلىقىغا قىزىققانلىقى راست. شۇ ۋەجىدىن ئۆزىمىزنى بۇ باھالاشنىڭ سىرتىدا قويۇشنى تازا توغرا تاپالمىدۇق.
    ھەقىقەتەنمۇ بۇ تۇنجى قېتىملىق باھالاش ئىشى بولغانلىقى، تەجرىبىنىڭ بولمىغانلىقى سەۋەبلىك تازا ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ قىلالمىدۇق. بۇ جايدا تورداشلاردىن تۆۋەنچىلىك بىلەن ئەپۇ سورايمىز!
    خۇدا خالىسا بۇ يىل ( 2009 ) ئۇيغۇرلاردىكى 2009 - يىللىق 10 چوڭ بلوگنى باھالاشتا ، باشقا بلوگىر ۋە تورداش دوستلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، بۇ پائالىيەتنى قوللىغۇچى كارخانا - ئورۇنلار بىلەن بىرلىشىپ، تېخىمۇ ئۇتۇقلۇق، ئادىل ، نوپۇزلۇق باھالاش ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز.
    2009-01-10 22:12:22