يۈكسەل بلوگى

 

مانا ھەقسىز تېلېفون ! كومپۇتېردىلا ھەرقانداق تېلېفونغا ھەقسىز تېلېفون ئۇرالايسىز ...

 

  • نەزمىي پارچىلار ( م ئا يۈكسەل )

    2009/01/11


    ئەسەر ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىڭ ! بلوگ يازمىلىرىنى رۇخسەتسىز ئىشلەتمەڭ !

     

    بۇ پارچىلار جەمەتىمىزنىڭ مۆتىۋىرى ( تاغام ) م ئا يۈكسەل ئەپەندى پېقىرغا ئاتاپ يېزىپ بەرگەن نەزمىي پارچىلار ئىدى. بۈگۈن بلوگىمغا يوللاپ قويۇشنى مۇۋاپىق تاپتىم. قېنى كۆپچىلىك بىرلىكتە بەھرى ئالغان بولساق.


    ئۈمىد چوڭ ، تىلەك ھەم ئەلقەم يۈكسەلدىن،

    ياش چاغدا ئۆتكەي دەپ نى - نى ئۆتكەلدىن.

    شىجائەت ئېتىغا مىنگىن ئەي ئوغلان،

     ئەجىرسىز تەييار ئاش يوقتۇر ئەزەلدىن.


    ***  ***  ***


    ئوخشىماس ھەركىمنىڭ ياشاش غايىسى،

    ئۆگىنىش ، خىزمەتتە ئۆرلەش پايىسى.

    گەر بولساڭ ئوت يۈرەك تىرىشچان ئوغلان،

    نەھاجەت باشقىنىڭ ھىممەت سايىسى.


    ***  ***  ***


    بىلىمنىڭ كاتتىسى شىپائىي تېببىي.

    ھاياتنى ياشنىتار ئىللىق نۇر كەبىي.

    بولاقتەك قەدىرلىك تېبابەت ئىلىمى،

    نەپ ئالار ئۇنىڭدىن قېرى، ياش ، سەبىي.
     

    ( بۇ نەزمىنى بۇندىن 5 يىللار بۇرۇن شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىدا تېببىي ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان چېغىمدا يېزىپ بەرگەن ئىدى. )


    ***  ***  ***


     





    评论

  • سىلى دېگەندەك تەھرىرلىسەم ، يەنە باش بەتتە بىر تەرەپكە چىقىۋالىدىكەن ،قوشىدىغان كودلىرى بارمۇ يە بۇنىڭ ؟
    يۈكسەل回复ئۇيغۇرتېكىن说:
    قوشىدىغان كود يوق ئىدى. سىز ماقالە بېتىدىكى شېئىرلارنى بىر ئوبدان ئوتتۇرىغا تۇغرىلاپسىز. ئەمدى نېمە ئۈچۈن باش بەتكە چىقىدىغان قىسقىچە مەزمۇن قىسىمىنى تەڭشىيەلمەيدىغانسىز ، مەشغۇلات ئۇسۇلى پۈتۈنلەي ئوخشاش ئىدى. ياكى سىز تەھرىرلەش رامكىسىنىڭ سول تەرەپ ئاستىدىكى << 高级选项 >> دېگەن خەتنى بېسىپ سىناپ بېقىڭ ، ئاستىدا يەنە بىر تەھرىرلەش رامكىسى پەيدا بولىدۇ، بۇ دەل قىسقىچە مەزمۇننى تەھرىرلەش رامكىسى. قالغان مەشغۇلاتلارنى سىز بىلىسىز.
    2009-01-12 16:53:41
  • يۈكسەل ئەپەندى ، شېئرلارنى قانداق قىلغاندا تۇنجى بەتنىڭ ئوتتورسىغا قىلىپ يوللىغلى بولىدۇ ، يەنى سىلىنىڭكىدەك قىلپ .
    يۈكسەل回复ناتونۇش说:
    بلوگباسنىڭ ئارقا سەھنىسىدە ، يەنى ماقالە يوللاش كۆزنىكىدە خۇددىي WORD كىگە ئوخشاش ئوتتۇرىغا تۇغرىلاش بەلگىسى بار يەنى كالتە 6 سىزىقتىن تەركىپ تاپقان 3 بەلگىنىڭ ئوتتۇرىدىكىسى شۇ ، ئاۋۋال ئوتتۇرىغا توغرلىماقچى بولغان مەزمۇن ياكى رەسىمنى تاللاپ، ئاندىن مۇشۇ بەلگىنى بېسىۋەتسەكلا بولدى. مەشغۇلات ئۇسۇلى WORD بىلەن ئوخشاش.
    2009-01-11 19:16:57