يۈكسەل بلوگى

 

مانا ھەقسىز تېلېفون ! كومپۇتېردىلا ھەرقانداق تېلېفونغا ھەقسىز تېلېفون ئۇرالايسىز ...

 

  • يۈكسەل بلوگنىڭ يېڭى نەشىرى ئېلان قىلىندى

    2009/01/16


    ئەسەر ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىڭ ! بلوگ يازمىلىرىنى رۇخسەتسىز ئىشلەتمەڭ !

    ھازىر زىيارەت قىلىۋاتقىنىڭىز يۈكسەل بلوگىنىڭ كونا نەشىرى ( يېڭى تېما يوق ) ، يۈكسەل بلوگىنىڭ يېڭى نەشىرىنى مۇنۇ مەنزىللەر ئارقىلىق زىيارەت قىلغايسىز :
    http://www.yukselblog.cn/
    http://www.yukselblog.com /

     

    يۈكسەل بلوگىنىڭ ئىخلاسمەن ئوقۇرمەنلىرىگە :

    ئالدى بىلەن سىزنىڭ ئۇزۇندىن بېرى يۈكسەل بلوگىنى ئىزچىل قوللاپ قۇۋۋەتلەپ كەلگەنلىكىڭىزگە چىن قەلبىمىزدىن تەشەككۈر ئېيتىمىز! قوللىشىڭىز ۋە مەدىتىڭىز بولغاچقىلا بىزدە يۈكسەل بلوگىنى داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇرۇش ، يۈكسەلدۈرۈش ئىرادىسى تۇغۇلدى.

    يۈكسەل بلوگىنىڭ نەشىر قىلىنغانلىقىغا 1 يىلمۇ توشىمىغان (9 ئاي ) ئۇشبۇ كۈنلەردە، زىيارەت مىقدارىنىڭ 100 مىڭ قېتىملىك چوڭ ئۆتكەلنى ھالقىپ ئۆتكەنلىكىنى قۇتلۇقلاش، ئوقۇرمەنلىرىمىزگە تېخىمۇ ياخشى بلوگ زىيارىتى شارائىتى ھازىرلاش ئۈچۈن ، ئىلگىرىكى بلوگ سۇپىلىرىغا تايىنىش ھالىتىمىزنى ئۆزگەرتىپ، مۇستەقىل بوشلۇق ئېلىپ، ئۆز ئالدىمىزغا مۇستەقىل بلوگ نەشىر قىلىش يولىغا قەدەم قويۇش نىيىتىدە، يۈكسەل بلوگىنىڭ يېڭى نەشىرىنى ( PJBLOG ) ئېلان قىلدۇق.

    كۆپچىلىكنىڭ داۋاملىق ( يۈكسەل بلوگ كوم ) www.yukselblog.com (  ) تور ئادرېسى ۋە يېڭىدىن ئىلتىماس قىلىنغان ( يۈكسەل بلوگ سى ئىن ) http://yukselblog.cn/ تور ئادرېسى ئارقىلىق يۈكسەل بلوگىنى زىيارەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

    بلوگباس سۇپىسىدىكى يازمىلىرىمىزنى يېڭى بلوگقا تولۇق يۆتكەپ بولغۇچە بولغان ئارىلىق مەزگىلدە بلوگباستىكى ئادرېسىمىز يەنى  yuksel.blogbus.com داۋاملىق كۈچكە ئىگە ( ئەمما، يېڭى تېما يوللانمايدۇ. پەقەت كونا يازمىلارنى ئوقۇشقا بولىدۇ ). يېڭى تېمىلار داۋاملىق يۈكسەل بلوگنىڭ يېڭى نەشىرىدە ئېلان قىلىنىدۇ. ۋاقىپلىنىپ قالغايسىزلەر!

    ئاخىرىدا يۈكسەل بلوگىنىڭ يېڭى نەشىرىنى تەييارلاشتا بارلىق كۈچى بىلەن ھەمدەمدە بولغان قېرىندىشىمىز تەدبىركارغا سەمىمىي رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز!

    كامالىي ئېھترام بىلەن

    يۈكسەل بلوگى

    http://yukselblog.cn/





    评论

  • مۇمكىن بولسا مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللار بولسا چ چ خەت ساندۇقۇمغا ياكى ئېمايىل خەت ساندۇقۇمغا ئەۋەتىپ بەرگەن بولساڭلار .
    چ چ نۇمۇرۇم : 554205345
    ئېمايىل ئادىرىسىم : nurmamat322@163.com
    رەخمەت .
  • مەن يىڭىدىن بىر بىلوگ تىزىملاتقان ئىدىم ، قانداق ئىشەشنى ، قانداق ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشنى پەقەتلا بىلەلمىدىم ياردەم قىلىپ ئۈگىتىپ قويغان بولساڭلار ياكى مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللار بىلەن تەمىنلەپ بەرگەن بولساڭلار مەن ۋە ماڭا ئوخشاش يىڭى بىلوگ تىزىملاتقانلارغا زور ياردىمى بولغان بۇلار ئىدى .
    رەخمەت .